بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> بالىلار ھېكايىسى >> بەختسىز ئانا

بەختسىز ئانا

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-04 11:53:22    كۆرۈلۈش سانى : 290  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئالا كۈچۈك ئورمانلىقتىكى داڭلىق رازۋېتچىك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ ئەنزىلەرنى تەكشۈرۈپ پاش قىلغانىكەن. بىر كۈنى، ئالا كۈچۈك ئورمانلىقتا رازۋېت قىلىۋاتسا، بىر قارلىغاچ كېلىپ ئۇنىڭغا يېڭى بىر ئەھۋالنى دوكلات قىلماقچى بولۇپ: - ئىككى كۈندىن بېرى، مەن بىر غەلىتە ئىشنى بايقاپ قالدىم! - دەپتۇ. ئالا كۈچۈك بۇ گەپنى ئاڭلاپ، دەرھال قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ جىددىي سوراپتۇ: - قانداق غەلىتە ئىش؟ تېز سۆزلە! - بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى، ھەر قېتىم قۇرت چىشلەپ كېلىپ بالامغا يېگۈزەي دېسەم، ئۇنىڭ قورسىقى توقلا تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە يوشۇرۇنىۋېلىپ ئوغۇرلۇقچە مارىدىم، ئەسلىدە بىر سېرىق چۇمچۇق بالامغا تاماق يېگۈزۈپ قويۇۋېتىپتۇ! بۇ قانداق ئىشتۇ؟ - دەپتۇ قارلىغاچ. ئالا كۈچۈك قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ ئويلىنىۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت بىر قۇشقاچ ئۇچۇپ كېلىپ: - ئالا كۈچۈك، مەن ساڭا غەلىتە بىر ئىشنى دوكلات قىلىمەن! - دەپتۇ. ئالا كۈچۈك ئەجەبلىنىپ سوراپتۇ: - نېمە، سەنمۇ غەلىتە ئىشنى بايقاپ قالدىڭمۇ؟ - بايا مەن بالامغا تاماق بېرىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز بىر سۈرەتقاش قۇرت چىشلەپ كېلىپ، مەن بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ بالامغا  تاماق بەردى! سەن بۇنىڭ قانداق ئىشلىقىنى بىلەمسەن؟ - دەپتۇ قۇشقاچ. ئالا كۈچۈك بېشىنى لىڭشىتىپ: - بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر غەلىتە ئىشكەن، مەن دەرھال بېرىپ تەكشۈرۈپ باقاي، - دەپتۇ. بىراق ئالا كۈچۈك ئەمدىلا ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا بىر كەپتەر ئۇچۇپ كېلىپ: - ئالا كۈچۈك، مەن ساڭا بىر غەلىتە ئىشنى، يەنە كېلىپ ئالاھىدە غەلىتە ئىشنى دوكلات قىلىمەن! - دەپتۇ. - نېمانچە كۆپ غەلىتە ئىشلار بۇ؟ قېنى تېز سۆزلە! - دەپتۇ ئالا كۈچۈك. - بايا مەن ئالتۇن بېلىقنىڭ كۆلچىكىنىڭ بويىغا سۇ ئىچكىلى بېرىپ، قىزىل قۇشقاچ دەيدىغان بىر خىل قۇش بالىسىنىڭ بىر تال ئالتۇن بېلىققا قۇرت يېگۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم! - دەپتۇ كەپتەر. ئالا كۈچۈك ھەيران بولۇپ سوراپتۇ: - قىزىل قۇشقاچ قانداقسىگە ئالتۇن بېلىققا تاماق يېگۈزىدۇ؟ ئۇلار دېگەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ھايۋان تۇرسا! سەن خاتا كۆرۈپ قالمىغانسەن؟ - ھەرگىز خاتا كۆرۈپ قالمىدىم. قىزىل قۇشقاچ كۆلچەك بويىغا قونىشىغىلا، ئالتۇن بېلىق ئۈزۈپ كېلىپ ئاغزىنى سۇ يۈزىگە چىقاردى، قىزىل قۇشقاچ بولسا قۇرتلارنى ئۇنىڭ ئاغزىغا ئاۋايلاپ سېلىپ قويدى، قارا، بۇ ئىش غەلىتىمىكەن؟ - دەپتۇ كەپتەر. بۇ چاغدا بىر سېغىزخانمۇ ئۇچۇپ كەپتۇ. ئۇ تېخى ئېغىز  ئاچماي تۇرۇپلا، ئالا كۈچۈك: - سەنمۇ بىرەر غەلىتە ئىشنى دوكلات قىلغىلى كەلدىڭغۇ دەيمەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - شۇنداق، بايا مەن ئوت - چۆپ دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدە ياتقان بىر قېرى مېكىياننى كۆردۈم، تېپىپ بېقىڭلار، كىم ئۇنىڭ قانىتى ئاستىغا كىرىۋاپتۇ؟ - دەپتۇ سېغىزخان. - چۈجە ئەمەسمىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ ئالا كۈچۈك. - ئەگەر چۈجە بولسا مەن دوكىلات قىلغىلى كېلەتتىممۇ؟ قېرى مېكياننىڭ قانىتى ئاستىغا ئىككى ئالا ئاسلان كىرىۋاپتۇ، بۇ ئىش غەلىتە ئەمەسمۇ؟ - دپتۇ سېغىزخان. بۇنچە كۆپ غەلىتە ئىشلار ئالا كۈچۈكنى قايمۇقتۇرۇۋېتىپتۇ! ئۇ بىردىنلا ئورمانلىقتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئالىمنى يادىغا ئاپتۇ ۋە :«ئۇ بۇ غەلىتە ئىشلارنىڭ جاۋابىنى چوقۇم بىلىدۇ!» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئالا كۈچۈك ھېلىقى ئالىم تۇرغان كىچىك ئۆيگە قاراپ يۈگۈرۈپ كېتىپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن، ئالا كۈچۈك ئويناقلاپ يۈگۈرگىنىچە قايتىپ كەپتۇ. ئۇ خۇشال بولغان ھالدا: - ھەممىنى سوراپ ئېنىقلىۋالدىم! - دەپتۇ. كۆپچىلىك دەرھال: - قانداق ئىشكەن؟ - دەپ سوراپتۇ. ئالا كۈچۈك: - ھېلىقى ئالىم ماڭا قۇشلارنىڭ بالىسى ئۆلۈپ قالسا ياكى يۈتۈپ كەتسە، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار كۆڭلىنى ئازراق بولسىمۇ ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن، نائىلاج باشقا قۇش بالىلىرىنى تېپىپ باقىدۇ. قېرى مېكىياننىڭ چۈجىسى ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى ئانا بولۇش ئىستىكى ئۇنى ئاسلاننى ئۆزىنىڭ بالىسى ئورنىدا كۆرۈشكە مەجبۇرلىغان. قىزىل قۇشقاچچۇ؟ ئۇ سۇ يۈزىگە نەپەس ئېلىشقا چىققان ئالتۇن بېلىق ئاغزىنى ئۆز بالىسىنىڭ قۇرت تەلەپ قىلغان ئاغزىغا ئوخشىتىپ قېلىپ، ئالتۇن بېلىققا قۇرت يېگۈزگەن دەيدۇ، - دەپتۇ. كۆپچىلىك ئالا كۈچۈكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىچ ئاغرىتقان ھالدا: - بۇ ئانىلار نېمىدېگەن بەختسىز - ھە! - دەپتۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كىچىك قۇشقاچ
●  بەختسىز ئانا
●  كاسسىدىكى ئامبار
●  چېكەتكە، بۈرگىلەرن...
●  ئۇيالغان تۆگىقۇش ب...
●  قېچىپ كەتكەن ئېسىل ...
●  قىساس ئالغان چاشقا...
●  قىزىلگۈلنى كىمگە ت...
●  كىرپىچاقنىڭ خەتەرل...
●  ئىچنېمۇئەن ھەرە
●  كىچىك بېلىقىڭ چوڭ د...
●  خالتا ئاكا ۋە ئاي س...
●  قورقۇنچلۇق كىچىك ق...
●  تېرىنى ئۇرۇپ ئىگىس...
●  يېقىن - يىراقلىق ھە...
●  ئوتلاق قەھرىمانى
●  يىللىقچى ۋە پومېشچ...
●  تەختكە كىم ۋارىسلى...
●  كېمىچىلەر ۋە كېمە خ...
●  ئاشپەزنىڭ ئەقىل - پ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كىچىك قۇشقاچ
●  بەختسىز ئانا
●  كاسسىدىكى ئامبار
●  چېكەتكە، بۈرگىلەرنىڭ مۇ...
●  ئۇيالغان تۆگىقۇش بالىسى
●  قېچىپ كەتكەن ئېسىل تائا...
●  قىساس ئالغان چاشقانلار
●  قىزىلگۈلنى كىمگە تاقاش ...
●  كىرپىچاقنىڭ خەتەرلىك سە...
●  ئىچنېمۇئەن ھەرە

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى