قېچىپ كەتكەن ئېسىل تائام
يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-31 12:08:14 كۆرۈلۈش سانى : 160
تۈلكە مېچمان چاقىرماقچى بوپتۇ. كىمنى؟ قوشنىسى قېرى ئېيىقنى.
مېھمان چاقىرغاندىكىن يەيدىغان نەرسە بولۇش كېرەك - تە! بىراق نەس باسقان تۈلكە بىر كۈن ئىزدەپمۇ يەيدىغان ھېچنەرسە تاپالماپتۇ.
دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن تۈلكە ئۆيىگە كېتىۋېتىپ، نۇرغۇنلىغان يوغان قۇلۇلىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ.
تۈلكە بەك خۇش بولۇپ كېتىپتۇ! ئۇ خېلى بۇرۇنلا چوڭ قۇلۇلىنىڭ گۆشى ھەم يۇمشاق، تەمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، دەپ ئاڭلىغانىكەن. ئۇ:«ئەمدى قېرى ئېيىق بىلەن بىللە راسا بىر مەززە قىلىپ يەيدىغان بولدۇق - تە!» دەپ ئويلاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن، تۈلكە نۇرغۇن قۇلۇلە تۇتۇپتۇ. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇلۇلە قېپىنىڭ ئىچىدىكى قۇلۇلىنى كوچىلاپ چىقىرىش ئۈچۈن، كىچىك بىر ياغاچ تېپىپ كەپتۇ. بىراق ئۇ ئۈستى - بېشى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆككىچە كوچىلاپتۇ - يۇ، بىرمۇ قۇلۇلىنى چىقىرالماپتۇ.
تۈلكىنىڭ تازا ئاچچىقى كەپتۇ! ئۇ بىر تاشنى ئېلىپ، قۇلۇلە قېپىنى چېقىپ بۇزماقچى بوپتۇ. بىراق ئۇ يەنە :«بولمىغۇدەك، قۇلۇلە قېپىنى ئېزىۋەتسەم، ئىچىدىكى قۇلۇلە گۆشىمۇ ئېزىلىپ كەتمەمدۇ!» دەپ ئويلاپتۇ.
قانداق قىلىش كېرەك؟ تۈلكە كۆز قارچۇقىنى ئوينۇتۇپ، بىر ھىيلە تېپىپتۇ!
ئۇ يوغان بىر كوزا تېپىپ كېلىپ، قۇلۇلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئىچىگە ساپتۇ ۋە:
- ئۆلگۈر قۇلۇلىلەر، قاپنىڭ ئىچىگە كىرىۋالساقلا ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ قالماڭلار، سىلەرگە ئېيتىپ قوياي، مەن سىلەرنى بۇ كوزىنىڭ ئىچىگە خېلى كۈن سولاپ قويىمەن، ئاچلىقتىن ئۆلەر ھالغا كەلگىنىڭلاردا چىقمىغىنىڭلارنى بىر كۆرەي! - دەپتۇ.
ھەش - پەش دېگۈچە ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. تۈلكە كوزىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قاراپ ھەيران قاپتۇ، چۈنكى ھېلىقى قۇلۇلىلەر تېخىچە تىرىك تۇرغانىكەن!
تۈلكە زەھەرخەندىلىك بىلەن:
- قارىغاندا بۇ يوغان قۇلۇلىلەر سۇ ئىچمىسىمۇ، تاماق يېمىسىمۇ ياشاۋېرىدىكەندە! بولىدۇ، بۇ قېتىم مەن سىلەرنى يېرىم يىل ئاچ قوياي، چىدامسىلەركىن قېنى؟ - دەپتۇ.
يېرىم يىل ۋاقىتمۇ ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىپتۇ. تۈلكە ئۆز كۆڭلىدە:«بۇ قۇلۇلىلەر چوقۇم تۈگەشتى! مەن يېرىم يىل ئەمەس، يېرىم كۈن ئاچ قالساملا چىدىمايمەن!» دەپ ئويلاپتۇ ۋە: ھېلىقى قۇلۇلىلەرنى يوغان بىر تەخسىگە تۆكۈپ، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويۇپتۇ. ئاندىن ناخشا ئېيتقاچ قېرى ئېيىقنى چاقىرغىلى مېڭىپتۇ.
تۈلكە قېرى ئېيىقنىڭ ئۆيىگە بېرىپ:
- ھەي قېرى ئېيىق، مەن سېنى تاماققا تەكلىپ قىلىمەن دەپ بۇرۇنلا دېمىگەنىدىم؟ مانا بۈگۈن سېنى تەكلىپ قىلغىلى كەلدىم! - دەپتۇ.
قېرى ئېيىق تۈلكىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ ۋە ئىشىكتىن كىرىپلا، ئۈستەلگە قويۇپ قويۇلغان قۇرۇق تەخسىنى كۆرۈپ، خاپا بولغان ھالدا:
- ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ، قۇرۇق تەخسە يېيىشكە چاقىرمىغانىدىڭ! - دەپتۇ.
تۈلكە ھودۇقۇپ كېتىپتۇ! ئۇ:
- تەخسىدە ئەسلى نۇرغۇن يوغان قۇلۇلە بار ئىدى، - دەپتۇ.
قېرى ئېيىق:
- ئۇنداقتا تەخسە قۇرۇق تۇرىدىغۇ؟ - دەپتۇ سوراپتۇ.
تۈلكە ئالدىراپ چۈشەندۈرۈپ:
- مەن نۇرغۇن قۇلۇلە تەييارلىغانتىم، بىراق قۇلۇلىلەرنى قېپىنىڭ ئىچىدىن چىقىرالمىدىم. كېيىن، مەن بىر ئامال تېپىپ، ئۇلارنى يوغان بىر كوزىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، يېرىم يىل ئاچ قويدۇم. شۇنداق قىلسام يېيىشكە قولايلىق بولىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. بۇ قۇلۇلىلەرنىڭ ئۆلمىگىنىنى كىم بىلسۇن؟ ئۇلار چوقۇم تەخسىنىڭ ئىچىدىن قېچىپ كەتكەن گەپ! - دەپتۇ.
قېرى ئېيىق:
- تۈلكە بۇرادەر، تازىمۇ دۆتكەنسەن! يوغان قۇلۇلە دېگەن يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ئاچلىققا ئەڭ چىداملىق كېلىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ تەجرىبە قىلىشىچە، يوغان قۇلۇلە يېمەي - ئىچمەيمۇ بەش يىل ياشىيالايدىكەن! شۇڭا ئۇلارنى يېرىم يىل ئاچ قويغاننىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ - دە! - دەپتۇ.
تۈلكە ناھايىتى ھەيران بولۇپ:
- يوغان قۇلۇلىنىڭ مۇنداقمۇ ھۈنىرى باركەندە؟ مەن پەقەتلا ئويلىماپتىمەن! - دەپتۇ.
قېرى ئېيىق خاپا بولۇپ:
- مەنمۇ سېنىڭ بىكاردىن - بىكار مېنى قاترىتىدىغانلىقىڭنى ئويلىمىغانىكەنمەن! - دەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، تۈلكىنىڭ مېھمان چاقىرىدىغان ئىشى يوققا چىقىپتۇ! |
|