بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> بالىلار ھېكايىسى >> چېكەتكە، بۈرگىلەرنىڭ مۇسابىقىلىشىشى

چېكەتكە، بۈرگىلەرنىڭ مۇسابىقىلىشىشى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-04 11:36:19    كۆرۈلۈش سانى : 142  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
مېڭە ئىشلىتىشكە ئامراق بولۇش - بىر ياخشى ئىش. مەلىكىگە ئېرىشىش مۇسابىقىسىدە، ئەڭ ئاخىرىدا ئېگىز سەكرىيەلىگەن ھاشارەت غەلىبە قىلماستىن، بەلكى كاللىسى ئۆتكۈر ھاشارات غەلىبە قىلغان. بىر قېتىم بۈرگە، چېكەتكە ۋە غاز ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدە كىمنىڭ ئەڭ ئېگىز سەكرىيەلەيدىغانلىقىنى بىلىپ باققۇسى كەپتۇ. ئۇلار ھەممە كىشىنى ۋە كېلىشىنى خالايدىغان ھەر قانداق كىشىلەرنى بۇ ھەيۋەتلىك سورۇنغا تەكلىپ قىپتۇ. بۇ  ئۈچ نەپەر مەشھۇر ئېگىزگە سەكرەش ماھىرى بىر ئۆيگە يىغلىپتۇ. - ھەراست، كىم ئەڭ ئېگىزگە سەكرىسە، مەن قىزىمنى شۇنىڭغا ياتلىق قىلىمەن ! - دەپتۇ پادىشاھ. بىرىنچى بولۇپ بۈرگە مەيدانغا چىقىپتۇ. ئۇنىڭ مۇئامىلىسى ئىنتايىن ئوماق ئىكەن، ئۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرگە سالام بېرىپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ياش خانقىزلارنىڭ قېنى ئېقىپ تۇرغاچقا ۋە كىشلەر بىلەن بىللە ياشاشقا ئادەتلەنگەن بولغاچقا، بۇ نۇقتا بەك مۇھىم ئىكەن. ئارقىدىن چېكەتكە مەيدانغا چىقىپتۇ. ئۇ ھەقىقەتەن قوپال ئىكەن. بىراق ئۇنىڭ فىگۇرىسى بەك چىرايلىق ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ يېشىل رەڭلىك تۇغما فورما كىيىمنى كىيىۋالغانىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇنىڭ پۈتۈن تەقى - تۇرقى ئۇنىڭ مىسىردىكى بىر قەدىمكى ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرغاچقا،  ئۇ بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ھۈرمىتىگە مۇيەسسەر بوپتۇ.  ئادەتتە كىشىلەر ئۇنى ئېتىزلىقتىن تۇتۇپ كېلىپ، قاتتىق قەغەزدىن ياسالغان، ئىشىك - دېرىزىسى بار ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيگە قويۇپ قويىدىكەن. - مەن ناخشىنى ناھايىتى ياخشى ئېيتىمەن، - دەپتۇ ئۇ، - ھەتتا بۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن 16 دانە قارا چېكەتكە كىچىدىن ناخشا ئېيتىشقا باشلاپ، تاھازىرغىچە تېخى بىرئېغىز قەغەز ئۆيگە ئېرىشەلگىنى يوق. بۈرگە بىلەن چېكەتكە ئۆزلىرىنىڭ قانداق شەخىس ئىكەنلىكىنى قىلچە مۇجمەلسىز چۈشەندۈرۈپ بېرىپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى بىر مەلىكە بىلەن توي قىلىشقا لاياقىتىمىز بار دەپ قاراپتۇ. غاز بىر ئېغىزمۇ تىنماقپتۇ. بىراق ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنى تېخىمۇ قالتىس چاغلايدىكەن. ئوردىنىڭ ئىتى ئۇنى پۇراپ بېقىپ. ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن، غاز بىر مەرتىۋىلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان دەپتۇ. - ياخشى ، مەن ئەمدى ھېچنەرسە دېمەيمەن، - دەپتۇ پادىشاھ، - مەن پەقەت تاماشا كۆرىمەن، ئۆز كۆڭلۈمدە سان بار! ئەمدى ئۇلارنىڭ سەكرىشى كېرەك. بۈرگە ناھايىتى ئېگىز سەكرەپتىكەن، ھېچكىم ئۇنى كۆرەلمەپتۇ. شۇڭا ھەممەيلەن ئۇنى ئەسلا سەكرىمىدى دېيىشىپتۇ. بۇنداق دېيىش تازا بىر داۋلسىزلىق بوپتۇ. چېكەتكىنىڭ سەكرىشى بۈركىنىڭ سەكرىشىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. بىراق ئۇ پادىشاھنىڭ يۈزىگە قاراپ سەكرىگەچكە، پادىشاھ بۇ دېگەن ئۇچىغا چىققان پەسكەشلىك دەپتۇ. غاز بىر ھازا خىيال سۈرۈپتۇ، ئاخىرى كىشىلەر ئۇنى ھەرگىز سەكرىيەلمەيدۇ دەپ قاراپتۇ. - ئۇ ئاغرىپ قالغان بولمىغىدى! - د ەپتۇ ئوردا ئىتى، ئاندىن كېيىن غازنى پۇراپ بېقىپتۇ. «خەپشۈك!» ئۇ كالامپايلىق بىلەن بىر سەكرىگەنىكەن. مەلكىنىڭ تىزىغا چۈشۈپتۇ، مەلىكە بىر پاكار ئالتۇن ئورۇندۇقتا ئۆلتۈرغانىكەن. - كىم قىزىمنىڭ ئۈستىگە سەكرىگەن بولسا، شۇ ئەڭ ئېگىز سەكرىگەن بولىدۇ، - دەپتۇ پادىشاھ، - چۈنكى بۇ ئېگىزگە سەكرەشتىكى مەقسەت. ئەمما بۇ نۇقتىنى ئويلاقپ يېتىشىتە، بىرئاز مېڭە ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. غاز ئۆزىنىڭ مېڭىسىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ئۇزۇن پۇتلىرى ئۆلچەمگە يەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ مەلىكىگە ئېرىشىپتۇ. - بىراق، مەن ئەڭ ئېگىز سەكرىدىم، - دەپتۇ بۈرگە، - بۇنىڭ ئازراقمۇ پايدىسى يوق ئىكەن! لېكىن، بۇ دۇنيادا ئەگەر بىر كىشى كىشىلەرگە كۆرۈنمەكچى بولسا، چوقۇم فىگۇرىسى بولۇشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، بۈرگە بىر چەت ئەل قوشۇنىغا قاتنىشىپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ھەربىيدىكى ۋاقتىدا قۇربان بولغانمىش. ھېلىقى چېكەتكە ئېتىزلىقتا ئولتۇرۇپ، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى بىر قۇر ئىنچىكە ئويلىغاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا: «فىگۇرا كېرەك! فىگۇرا كېرەك!» دەۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسىنى ئېيتىشقا باشلاپتۇ. بىز ئۇنىڭ ناخشىسىدىن بۇ ھېكايىگە ئېرىشتۇق. بۇ  ھېكايە گەرچە بېسلىپ بولغان بولسىمۇ، ئېھتىمال راست بولماسلىقى مۇمكىن.  


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كىچىك قۇشقاچ
●  بەختسىز ئانا
●  كاسسىدىكى ئامبار
●  چېكەتكە، بۈرگىلەرن...
●  ئۇيالغان تۆگىقۇش ب...
●  قېچىپ كەتكەن ئېسىل ...
●  قىساس ئالغان چاشقا...
●  قىزىلگۈلنى كىمگە ت...
●  كىرپىچاقنىڭ خەتەرل...
●  ئىچنېمۇئەن ھەرە
●  كىچىك بېلىقىڭ چوڭ د...
●  خالتا ئاكا ۋە ئاي س...
●  قورقۇنچلۇق كىچىك ق...
●  تېرىنى ئۇرۇپ ئىگىس...
●  يېقىن - يىراقلىق ھە...
●  ئوتلاق قەھرىمانى
●  يىللىقچى ۋە پومېشچ...
●  تەختكە كىم ۋارىسلى...
●  كېمىچىلەر ۋە كېمە خ...
●  ئاشپەزنىڭ ئەقىل - پ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كىچىك قۇشقاچ
●  بەختسىز ئانا
●  كاسسىدىكى ئامبار
●  چېكەتكە، بۈرگىلەرنىڭ مۇ...
●  ئۇيالغان تۆگىقۇش بالىسى
●  قېچىپ كەتكەن ئېسىل تائا...
●  قىساس ئالغان چاشقانلار
●  قىزىلگۈلنى كىمگە تاقاش ...
●  كىرپىچاقنىڭ خەتەرلىك سە...
●  ئىچنېمۇئەن ھەرە

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى