كاسسىدىكى ئامبار
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-06 10:41:16 كۆرۈلۈش سانى : 79
ياپيېشىل بىر ئوتلاقتا بىر پادا قوي بىلەن بىر پادا ئۆچكە تۇرىدىكەن. بىر كۈنى قوزا ئوغلاقنى تېپىپ، ناھايىتى دوستانىلىق بىلەن:
- ئوغلاقجان، بىز ياۋا گۈل تېرىپ ئوينايلىمۇ؟ - دەپتۇ.
كىم بىلسۇن، ئوغلاق قوزىنىڭ ئۈستى - بېشىغا قاراپ قويۇپ، ناھايىتى تەكەببۇرلۇق بىلەن:
- مېنىڭ سەن بىلەن ئوينىغۇم يوق، ئۆزۈڭ بېرىپ ئوينىغىن! - دەپتۇ.
قوزا چۈشىنەلمەي سوراپتۇ:
- نېمىشقا؟ مېنىڭ قاملاشمىغان يەرلىرىم بارمۇ - يە؟
ئوغلاق بېشىنى تولغاپ، تولىمۇ ئەدەبسىزلىك بىلەن:
- سېنىڭ بەدىنىڭدىكى بۈدرە تۈكلەرغۇ سەت ئەمەسكەن، بىراق ئاۋۇ يوغان قۇيرۇقۇڭ بەك سەتكەن! - دەپتۇ.
قوزا بېشىنى بۇراپ ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىغا قاراپ بېقىپتۇ، ئۇنىڭ قۇيرۇقى ھەم كەڭ، ھەم يوغان، يەنە كېلىپ بەك ئېغىركەن.
ئوغلاق ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرىغا قارىتىپ تۇرۇپ قوزىنى مەسخىرە قىلىپتۇ:
- قوزىنىڭ قۇيرۇقىغا قاراڭلار، ئۇ نەرسىلەرنى قاچىلايدىغان تاغارغا نېمىدېگەن ئوخشايدۇ - ھە! - دەپتۇ.
باشقا ئوغلاقلارمۇ ھىجىيىپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ.
قوزا ئوغلاققا قاراپ قويۇپ، كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا كېتىپ قاپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى، قوزا بىلەن ئوغلاق بىللە ئوتلاپتۇ. ئوغلاق بىر دەمدىلا تويۇپتۇ. قوزىچۇ؟ ئۇ يەنىلا ئوتلاۋېرىپتۇ.
ئوغلاق ھەمراھلىرىغا يەنە:
- قاراڭلار، يوغان قۇيرۇقلۇق قوزا نېمىدېگەن ئاچپاقا! ئۇ يېرىم كۈن يەپمۇ تويمايۋاتىدۇ! - دەپتۇ.
قوزا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئوغلاققا قاراپ نېمىلەرنىدۇ دېمەكچى بوپتۇ - يۇ، بىراق ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، يەنە ئوتلاشقا باشلاپتۇ.
قىش پەسلى يېتىپ كەپتۇ. ئوتلاقتىكى قۇرۇق چۆپلەرنىڭ ھەممىسى بىر كېچىدىلا ئاپئاق قار ئاستىدا قاپتۇ.
ئوتلاشقا ئامالسىز قالغان ئوغلاق ئاچ قېلىپ، كۈندىن - كۈنگە ئورۇقلاشقا باشلاپتۇ. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ يەنە بىر نەچچە كۈن ئاچ قالسىلا ئۆلۈپ قالىدىكەن!
بىراق بىر كۈنى، قوزا ئۇشتۇمتۇت ئوغلاقنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ئۇ يوغان بىر باغلام ئوت يۈدۈۋالغانىكەن.
قوزا ئوغلاققا ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن:
- قورسىقىڭ بەك ئېچىپ كەتكەندۇ؟ قۇرۇق ئوتلارنى تېزرەك يەۋالغىن! - دەپتۇ.
ئوغلاق ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
- ساڭا يەيدىغان ئوت قالمىسا سەنمۇ ئوخشاشلا ئاچ قالمامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- خاتىرجەم بول، مەن ئاچ قالمايمەن، - دەپتۇ قوزا.
ئوغلاق ھەيران بولۇپ:
- سېنىڭ نېمىشقا قورسىقىڭ ئاچمايدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- سەن ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ مېنىڭ يوغان بىر قۇيرۇقۇم بار ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ قوزا.
ئوغلاق تېخىمۇ ھەيران بولۇپ:
- نېمە؟ سېنىڭ قۇيرۇقىڭنى يېگىلى بولامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- قۇيرۇقنى ئەلۋەتتە يېگىلى بولمايدۇ، بىراق ئۇ مېنىڭ ئاچ قالماسلىقىمغا كاپالەتلىك قىلىدۇ! - دەپتۇ قوزا.
- بۇ قانداق بولغىنى؟ - دەپتۇ ئوغلاق.
- سەن پەقەت قۇيرۇقۇمنىڭ سەتلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۇنىڭ خاسىيىتىنى بىلمىدىڭ. ئەمەلىيەتتە ئۇ مېنىڭ كاسسامدىكى ئامبار ھېسابلىنىدۇ! يازدا ئوت - چۆپلەر كۆپ بولغاچقا، ئوت - چۆپلەرنى كۆپرەك يەپ ئارتۇقچە ئوزۇقلۇقلارنى يوغان قۇيرۇقۇمغا يىغىمەن.
قىش كېلىپ، يەيدىغان ئوت - چۆپ قالمىغاندا، يوغان قۇيرۇقۇم بەدىنىمگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، - دەپتۇ قوزا.
ئوغلاق زوقلانغان ھالدا:
- ئەسلىدە يوغان قۇيرۇقۇڭنىڭ مۇنداق كارامىتى بار ئىكەن - دە! - دەپتۇ.
قوزا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- سەن مېنىڭ يوغان قۇيرۇقۇمنى بەك سەتكەن دېمىگەنمىدىڭ؟ - دەپتۇ.
ئوغلاقنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ، ئۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
- مېنىڭ ئەدەبسىزلىكىمنى كەچۈر، خاتا دەپتىمەن! سەن مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلەمسەن؟ - دەپتۇ.
نېمە ئويلاۋاتىسەن؟ - دەپ سوراپتۇ قوزا.
- يوغان قۇيرۇقىڭغا بەكلا زوقىم كېلىۋاتىدۇ! - دەپتۇ ئوغلاق |
|