بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> بالىلار ھېكايىسى >> قىزىلگۈلنى كىمگە تاقاش كېرەك

قىزىلگۈلنى كىمگە تاقاش كېرەك

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-29 11:07:20    كۆرۈلۈش سانى : 206  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بىر كۈنى، ئورمانلىقنىڭ ئىچى قىزىپ كېتىپتۇ! نۇرغۇنلىغان ئۇششاق ھايۋانلار بىر يەرگە ئولىشىۋاپتۇ. ئۇلار نېمە قىلىۋاتقاندۇ؟ ئەسلىدە، كىچىك ئۆستەڭدىكى ياغاچ كۆۋرۈكنى كەلكۈن بۇزۇۋەتكەن بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياغاچ كۆۋرۈكنى ياساشقا قاتناشقانىكەن. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى سايلاۋاتقانىكەن. سايلام ئاياغلاشقاندا، ئۆچكە بوۋا بىر تال يوغان قىزىل گۈلنى ئېيىقچاققا تاقاپ قويۇپتۇ. چۈنكى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى: - ئېيىقچاق دەرەخ كەسكەندە، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقماي، ئەڭ كۆپ ئىشلىدى! - دەپتۇ. بۇ چاغدا، چوشقا كۈچۈكى ئورنىدىن تۇرۇپ غەزەبلەنگەن ھالدا: - نېمىشقا ئېيىقچاققا گۈل تاقايدىكەنمىز، ماڭىچۇ؟ مەن قوشۇلمايمەن! - دەپتۇ. - ئەمگەك قىلغان ۋاقىتتا ئېيىقچاقنىڭ ئىپادىسى سەندىن ياخشى بولدى - دە! - دەپتۇ كۆپچىلىك. چوشقا كۈچۈكى قايىل بولماي: - ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەن دېگەن بىر كۈندە ئون تۈپ دەرەى كەستىم، بىراق ئېيىقچاق ئون كۈندە ئارام بىر تۈپ دەرەخ كەستى. نېمىشقا مەن ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ قىزىل گۈل تاقىمىغۇدەكمەن؟ - دەپتۇ. ئۆچكە بوۋا كۈلۈپ قويۇپ: - ئەمىسە مۇنداق بولسۇن! ئەتە سەن ئېيىقچاق بىلەن ئالمىشىپ ئىشلىگىن، بولامدۇ؟ - دەپتۇ. چوشقا كۈچۈكى: - ئالمىشىپ ئىشلىسەك ئالمىشىپ ئىشلىدۇق. ئەگەر مەن ئېيىقچاقتىن كۆپ دەرەخ كەسسەم قانداق قىلىسىلەر؟ - دەپتۇ. ئۆچكە بوۋا: - ئۇنداقتا مەن قىزىل گۈلنى ساڭا تاقاپ قويىمەن! - دەپتۇ. چوشقا كۈچۈكى: - مېنى ئالدىرىما! - دەپتۇ. ئۆچكە بوۋا: - ئەلۋەتتە، ئالدىرىمايمەن! - دەپتۇ. ئىككىنچى كۈنى، چوشقا كۈچۈكى ئېيىقچاق دەرەخ كەسكەن جايغا سەھەردىلا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ قولىغا تۈكۈرۈپ قويۇپ، دەرەخنى كۈچەپ چېپىشقا باشلاپتۇ! چوشقا كۈچۈكى جېنىنىڭ بارىچە چېپىپتۇ، چېپىپتۇ، ھېرىپ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كېتىپتۇ. چوشقا كۈچۈكى يېرىم كۈن چاپقاندىن كېيىن ئىنچىكىلەپ قارىسا، دەرەخ قوۋزىقىدا ئاران كىچىككىنە بىر ئىز پەيدا بوپتۇ. ئۇ قىزى گۈل تاقاش ئۈچۈن پالتا بىلەن يەنە كۈچەپ چېپىشقا باشلاپتۇ. كۈن ئولتۇراي دېگەنگە قەدەر، چوشقا كۈچۈكى ئاران دېگەندە دەرەخنىڭ كىچىككىنە پوستىنى چېپىپ چۈشۈرەلەپتۇ. بۇ چاغدا، ئۆچكە بوۋا كەپتۇ، ئۇ تەرگە چۆمۈپ كەتكەن چوشقا كۈچۈكىگە قاراپ، كۈلۈپ تۇرۇپ: - قانداقراق؟ نەچچە دەرەخ كەستىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. چوشقا كۈچۈكى ھەم خاپا بولۇپ، ھەم جىددىيلىشىپ: - مەن بىر تۈپمۇ كېسەلمىدىم! بۇ دەرەخ نېمانداق قاتتىق؟ - دەپتۇ. ئۆچكە بوۋا: - توغرا دېدىڭ! بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق دەرەخ بولۇپ، ئۇ «تۆمۈر قېيىن دەرىجى» دەپ ئاتىلىدۇ. دىققەت قىلدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ ئىسىمىدا «تۆمۈر» دېگەن بىر سۆز بار! - دەپتۇ. ئۆچكە بوۋا: - شۇنداق، تۆمۈر قېيىن دەرىخىنىڭ ياغىچى بەك قاتتىق، ئۇنى ھەتتا ئوقمۇ تېشىپ ئۆتەلمەيدۇ! نۇرغۇن جايلاردا ئۇ پولات - تۆمۈر ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ! - دەپتۇ. چوشقا كۈچۈكى: - ئۇ تۆمۈرگە ئوخشاش بولسا، ئۇنداقتا سۇدا لەيلىيەلەمدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۆچكە بوۋا: - تۆمۈر قىيىن دەرىخى سۇدا لەيلىمەيلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا سۇمۇ ئۆتمەيدۇ، - دەپتۇ. چوشقا كۈچۈكى: - شۇڭا، ئېيىقچاق ئون كۈندە ئارام بىر تۈپ دەرەخ كېسىپتىكەن - دە! - دەپتۇ ۋە يەنە، - بىراق ھېلىقى كۈنى كەسكەن دەرەخنى مەن بىردەمدىلا كېسىپ بولدۇمغۇ، ئۇ قانداق دەرەخ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۆچكە بوۋا: - ئۇ خىل دەرەخنىڭ ئىسىمى«يېنىك دەرەخ» بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ يېنىك دەرەخ ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇنداق دەرەخنىڭ يوغىنىدىن بىر تۈپنى بىر ئادەممۇ كۆتۈرەلەيدۇ. يېنىك دەرەخ ھەم يېنىك، ھەم يۇمشاق بولغاچقا، كىشلەر ئۇنىڭدىن چايداننىڭ ئاغزىنى ئېتىدىغان پۇرۇپكا ياسىغان. شۇڭا بۇنداق دەرەخلەرنى كېسىش ئەلۋەتتە ئاسان بولىدۇ، - دەپتۇ. چوشقا كۈچۈكى: - بىر كۈندە ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئون تۈپ كەسكىنىم ئەجەب ئەمەسكەن - دە! - دەپتۇ. ئۆچكە بوۋا كۈلۈپ تۇرۇپ: - قېنى سەن دەپ باقە، ئەمگەك نەمۇنىچىسىنىڭ قىزىل گۈلىنى كىمگە تاقاش كېرەك ئىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ. چوشقا كۈچۈكىنىڭ يۈزلىرى قىزىپ كېتىپتۇ، ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ: - ئىشقىلىپ مەن ئەمەس...، - دەپتۇ. ھېكايىنى ئاڭلىغان دوستلار، سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەمگەك نەمۇنىچىسىنىڭ قىزىل گۈلىنى كىمگە تاقاش كېرەك ئىكەن؟  $$


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كىچىك قۇشقاچ
●  بەختسىز ئانا
●  كاسسىدىكى ئامبار
●  چېكەتكە، بۈرگىلەرن...
●  ئۇيالغان تۆگىقۇش ب...
●  قېچىپ كەتكەن ئېسىل ...
●  قىساس ئالغان چاشقا...
●  قىزىلگۈلنى كىمگە ت...
●  كىرپىچاقنىڭ خەتەرل...
●  ئىچنېمۇئەن ھەرە
●  كىچىك بېلىقىڭ چوڭ د...
●  خالتا ئاكا ۋە ئاي س...
●  قورقۇنچلۇق كىچىك ق...
●  تېرىنى ئۇرۇپ ئىگىس...
●  يېقىن - يىراقلىق ھە...
●  ئوتلاق قەھرىمانى
●  يىللىقچى ۋە پومېشچ...
●  تەختكە كىم ۋارىسلى...
●  كېمىچىلەر ۋە كېمە خ...
●  ئاشپەزنىڭ ئەقىل - پ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كىچىك قۇشقاچ
●  بەختسىز ئانا
●  كاسسىدىكى ئامبار
●  چېكەتكە، بۈرگىلەرنىڭ مۇ...
●  ئۇيالغان تۆگىقۇش بالىسى
●  قېچىپ كەتكەن ئېسىل تائا...
●  قىساس ئالغان چاشقانلار
●  قىزىلگۈلنى كىمگە تاقاش ...
●  كىرپىچاقنىڭ خەتەرلىك سە...
●  ئىچنېمۇئەن ھەرە

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى