بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> بالىلار ھېكايىسى >> قىساس ئالغان چاشقانلار

قىساس ئالغان چاشقانلار

يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-30 11:06:42    كۆرۈلۈش سانى : 124  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
دېھقانلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، چاشقانلار ياردەم قىلغان. بۇ ھېكايە بەك قىزىق! نۇرغۇن ئەسىرلەر ئىلگىرى، بىر كۈنى جيەنخۇ ۋىلايىتىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، دەريا بويىدىكى يەرلەر پۈتۈنلەي سۇغا غەرق بولۇپ كېتىپتۇ. شىددەتلىك بوران چىقىپ، كەلكۈن زىرائەتلەرنىلا ئەمەس، ناھايىتى زور بىر قىسىم تېرىلغۇ يەرلەرنىمۇ يالماپ كېتىپتۇ، نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپتۇ، ئورمانلىقتىكى قارىغايلار كۆل تېگىدە قاپتۇ. شۇ چاغدىكى مەنزىرە خۇددى تاغلار كۆمتۈرۈلۈپ يەرلەر يېرىلغاندىكى مەنزىرىگە ئوخشاپ قاپتۇ. ناھايىتى روشەنكى، زىرائەتلەر يېغىۋلىنمىغاندىكىن، كىشىلەرنىڭ قورساقنى ئەستەرلىگۈدەك ھېچنېمىسى بولماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىر قېتىملىق زور ئاچارچىلىق كېلەي دەپ قاپتۇ. ئەينى چاغدا جيەنخۇدا بىر كاتتا قورغان بولۇپ، قورغان ئىچى ئېگىز سېپىل بىلەن قورشالغانىكەن. ياللانما قوشۇن كېچە - كۈندۈز قورغاندا چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ قورغان بايلىقى ھەددى - ھېسابسىز بىر بەگنىڭ تۇرالغۇسى ئىكەن. بۇ بەگ نۇرغۇن مالايلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە قەسىرىدىكى خادىملىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلدۇردىكەن. ئايال مالايلىرىنىڭ ئىچىدە 60 نەچچە ياشقا كىرگەن بىر موماي بولۇپ، بەگ ئۇنىڭ  ئالدىدا چوڭ بولغانىكەن. شۇڭا ئۇ بەگنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىنى يوشۇرماي دېيەلەيدىغان بىردىنبىر كىشى ئىكەن.  ئۇ نەچچە يۈزلىگەن بالىلارنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاچ - يالىڭاچ، ماكانسىز قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، بەگنىڭ قېشىغا بېرىپ: - قانداقلا بولسۇن، سىز ئۇلارغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇشىڭىز كېرەك، ئامبار ۋە سېڭىڭىزدا بەش يىلغا يەتكۈدەك ئاشلىق بار. پەقەت ئۇنىڭ يېرىمىنى بەرسىڭىزلا، بۇ كىشىلەر قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ بەرگەن ئاشلىقىڭىز بىلەن كېلەر يىللىق كۈزلۈك يىغىمغا ئۇلىشىۋالىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ھەرگىز سىزنىڭ ئازراقمۇ كىرىمىڭىز كېمىيىپ كەتمەيدۇ، - دەپتۇ. لېكىن، بەگ ھېچ پەرۋا قىلماي، دەرغەزەپكە كەپتۇ: - سېنىڭ ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلىشىڭنىڭ ئورنى يوق. سەن ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىلسەڭ بولدى. ئاشلىق يېيىشنىلا بىلىدىغان ئەشۇ چاشقانلار ئاچلىقتىن ئۆلسۇن، مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا ماڭا ئىشلەيدىغان باشقىلار چىقىدۇ، - دەپتۇ. ھالبۇكى، ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئارىسىدا موماينىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى كۆپ ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىمۇ خوجايىنى تەرىپىدىن «چاشقان» دەپ ئاتالغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن كېلىپ چىققانىكەن. شۇڭا ئۇ بەگنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قاتتىق ھاياجانلىنىپتۇ. ئۇ تۇغقانلىرى ئاچلىقتىن قورسىقى غولدۇرلاپ يۈرگەندە، ئۆزىنىڭ بىجارامان غىزالىنالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قورغاندىن كېتىش قارارىغا كەپتۇ. شۇ كۈنى كەچ، تۈن پەردىسى يېيىلىدىغان چاغدا، لەخمىدىن چىقىقپ، مۇناردىكى چىراغقا بۇرۇلۇپ قاراپ، تائاملارغا تولغان جوزىلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ بېقىپتۇ. ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتمەي، بەگ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ جوزا ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ غىزالىناتتى. ئۇ كۆل بويىدىكى قۇمغا بىرنى تۈكۈرۈپ: -نومۇسسىز پىخسىق،  ئەمدى ئازراق ھېسداشلىققا ئېرىشىشنى خام خىيال قىلما! - دەپتۇ. ئىلگىرى ئۇ بەگنى ئۆز بالىسىدەك ياخشى كۆرۈپ كەلگەنىكەن، ئەمدى بولسا، ئۇنىڭغا قارىتا پەقەت نەپرەتلىنىش ھېسسىياتىلا قاپتۇ. موماي قورغانغا يېقىن بىر كەنتكە بېرىپ، ۋەيرانە ئۆيلەردىكى كىشىلەرنى تېپىپ، سېۋىتىگە سېلىپ ئالغاچ كەلگەن ئازغىنە يېمەكلىكنى بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلارغا: - قورغاندا ھەممىڭلارغا يەتكۈدەك ئوزۇق - تۈلۈك بار، بىراق بەگ مېنىڭ بۇغداريلارنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىش ئىلتىماسىمنى ھەرگىز قوبۇل قىلمىدى. ئەگەر ئانىلار ئاچلىقتىن بىر تىنىقتا قالغان بالىلىرىنى ئاپىرىپ كۆرسەتسە، بەلكىم ئۇ يەنە رەت قىلىپ ئولتۇرماس، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك 12 ئانىنى تاللپ بېكىتىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە، ئانىلارنىڭ ھەر بىرسى قۇرۇق قاقشال بولۇپ قالغان بىردىن بالىنى كۆتۈرۈپ، قورغاننىڭ ئوتتۇرا دەرۋازىسى ئالدىغا كەپتۇ. لېكىن ئۇلارنى كۆرۈپلا، مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە ئىشىك باقار ئىتلىرىنى ئۇلارنى كۆرۈپلا، مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە ئىشىك باقار ئىتلىرىنى ئۇلارنى قوغلىۋېتىشكە بۇيرۇپتۇ ھەمدە: - مەن بۇ ئىتلارنى باقماي، سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارنى باقامدىم؟ بۇ ئىتلار سادىقلىق بىلەن ئىشىكىمنى باقىدۇ، ئەمما بالىلىرىڭلار پوققا كارغا كەلمەيدۇ، - دەپ ھۆكىرەپتۇ. ئانىلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆپچىلىككە ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئۇلاردىن بىر قانچىسى يىغلىۋېتىپتۇ. باشقىلارنىڭ كۆزلىرى بولسا سوغۇق ھەم سۈرلۈك چاقناپتۇ. كۆزلىرىگە غەزەب ئالامىتى تولۇپتۇ.ئۇلار ئەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەيدانغا يىغىلىشىنى تەلەپ قىپتۇ. بۇ چاغدا ئارىدا ئەڭ چوڭ ياشلىق موماي ئېغىز ئېچىپتۇ: -ئەگەر سىلەر بالىلىرىڭلارنىڭ ئاشلىققا تولغان بۇ قورغاننىڭ سايىسىدا  ئۆلۈپ كېتىشىگە يول قويساڭلار، ھەرگىز ئەر دېگەن نامغا مۇناسىپ بولالمايسىلەر! - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەڭ قورقۇنچلۇق ئۆلۈم تەھدىدىگە چىداپ تۇرالمىغان بۇ بالىلارنىڭ دادىلىرى، تاغىلىرى ۋە قېرىنداشلىرى ئارقا - ئارقىدىن كالتەك، ئوغاق، پالتا ۋە ئارىلارنى قوللىرىغا ئېلىشىپ، قورغانغا قاراپ ئېتىلىپتۇ. بۇ بىگۇناھ كىشىلەر سان جەھەتتە مۇھاپىزەتچىلەردىن خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا تېرىقچىلىق قىلىدىغانلار بولغاچقا، ئەسكەرلەردەك جەڭ قىلىشنى بىلمەيدىكەن، شۇڭا، ئۇرۇش ئاران نەچچە سائەت داۋاملىشىپتۇ. 100 دىن ئارتۇق دېھقان ۋەھشىيانە ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، قالغانلىرى بولسا قورغانغا يانداش بىر ساڭغا قامىلىپ قاپتۇ. ئەسكەرلەر ئۇلارنى سۇ ئۆتمىگۈدەك دەرىجىدە قورشىۋاپتۇ. راۋاقتا تۇرۇپ جەڭنى كۆرۈۋاتقان بەگ ساڭنىڭ ئەتراپىغا ئوتۇن دۆۋىلەشنى بويرۇپتۇ. - بۇ ئېتىز چاشقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىسلاپ ئۆلتۈرۈڭلار، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈڭلار! - دەپ توۋلاپتۇ ئۇ، - قېنى، ئەمدى كىم ئاشلىقىمنى بۇلاشنىڭ كويىدا بولىدىكەن، بىر كۆرۈپ باقاي! ئوتۇنلار دۆۋىلىنىپ بۇلۇشىغا، مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ باشلىقى ئوت يېقىپتۇ. ئوتۇنلار بەك قۇرۇق بولغاچقا، ئوت يالقۇنى بىراقلا كۆككە ئۆرلەپتۇ. ئىسسىق دولقۇننىڭ قىزدۇرۇشىدىن قورغان ئىچىگە قېچىپ كىرىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان ئەسكەرلەر ئۆزلىرىنى قورغاننىڭ قېلىن تاش تېمى ئارقىسىغا ئېلىپتۇ. قاپقارا ئىس - تۈتەكنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر قىيا - چىيا ۋە تىللاش سادالىرىنى ئاڭلاپتۇ. - قۇلاق سېلىڭلار، بۇ چاشقانلار چىرىلداۋاتىدۇ! - دەپتۇ بەگ قاقاھلاپ كۈلۈپ. ئۇنىڭ بۇ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپ، مىڭلىغان، ئۇنمىڭلىغان چاشقانلار ئوت ئىچىدىن يۈگۈرۈشۈپ چىقىپتۇ. بىراق بۇ قېتىمقى ھەقىقىي چاشقانلار ئىكەن. بۇ يوغان،كۈل رەڭ چاشقانلار چىرقىرىشىپتۇ. ئۇلار كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە كۆپ بولۇپ، خۇددى كۈل رەڭ دولقۇن ئوتۇن دۆۋىسى ئۈستىدە ئۆركەشلەۋاتقانىدەك كۆرۈنىدىكەن. كۆزلىرى پولات شارەكلەردەك چاقناپ بۇ چاشقانلار بىر مويلۇق دەريانى ھاسىل قىپتۇ. بۇ دەريا ئاۋۋال كۆل تەرەپكە ئېقىپتۇ، ئاندىن ئىككى ئېقىنغا بۆلۈنۈپ، قورغانغا باستۇرۇپ كېلىپ، ناھايىتى تېزلا قورغان تېمىنى قورشىۋاپتۇ. بۇ چاغدا، بەگنىڭ ئوقياچىلىرى قالايمىقان ئوق ئېتىشقا باشلاپتۇ، باشقا ئەسكەرلەر ماي باكلىرىنى قورغان تېمىدىن دومىلىتىپتۇ. لېكىن، چاشقانلار سان - ساناقسىز  بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ھېچقانداق نەرسە تۇسۇۋالالماپتۇ. كىشىلەر بىر ھازارغىچە ئۇلارنى قورغن تېمىغا چىقىپ ياللانما ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلامدىكىن دەپ قاپتۇ، لېكىن ئىش ھەرگىز ئۇنداق بولماپتۇ، بىرمۇ چاشقان قورغان تېمىغا چىقماپتۇ. ئەكسىچە، ئۇلار بىرلىكتە تامنىڭ تۈۋىنى غاجاشقا باشلاپتۇ. مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۆتكۈر، ئۇششاق چىشلار خۇددى ھەرىنىڭ غارتىلدىشىدەك غەلىتە ئاۋاز چىقارغۇدەك. ئۇلار مانا شۇنداق غاجاۋېرىپتۇ، غاچاۋېرىپتۇ، ئانچە ئۆتمەي، غايەت چوڭ قورغان كۆل تەرەپكە قىيسىيىپتۇ. ئاندىن كۆلگە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ساناقسىز سۇ تۈۋرۈكلىرى ھاسىل قىپتۇ. ئېگىز دولقۇنلار دەريا بويىغا ئۇرۇلۇپتۇ، ساڭنىڭ تۇرۇبىسىنى يالماپ كېتەيلا دەپ قالغان ئوت يالقۇنى شۇ ھامان ئۆچۈپ قاپتۇ. ساڭىغا قامىلىپ قالغانلار يۆتىلىشىپ، چۈشكۈرۈشۈپ قېچىپ چىقىپتۇ. چاشقانلار ئۆز ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، خۇددى مۆجىزىلەردىكىدەك ئىزسىز غايىب بوپتۇ. شۇندىن كېيىن، جيەنخۇ كۆلىنىڭ سۈيى ئىنتايىن تىنق ۋە سۈزۈكلەشكەن چاغلاردا، كىشىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ قىرغاقتىن ئون نەچچە يىراقلىققا ئۈزۈپ بارسا، ھېلىقى رەھىمسىز بەگنىڭ كۆلەڭگۈسىنى كۆرەيلەيدىكەن، ئۇ لەش ۋە تاش يوچۇقلىرى ئارىسىدىن ئۆزىنىڭ ئەرۋاھىنى ئىزدەپ يۈرگۈدەكمىش.  


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  كىچىك قۇشقاچ
●  بەختسىز ئانا
●  كاسسىدىكى ئامبار
●  چېكەتكە، بۈرگىلەرن...
●  ئۇيالغان تۆگىقۇش ب...
●  قېچىپ كەتكەن ئېسىل ...
●  قىساس ئالغان چاشقا...
●  قىزىلگۈلنى كىمگە ت...
●  كىرپىچاقنىڭ خەتەرل...
●  ئىچنېمۇئەن ھەرە
●  كىچىك بېلىقىڭ چوڭ د...
●  خالتا ئاكا ۋە ئاي س...
●  قورقۇنچلۇق كىچىك ق...
●  تېرىنى ئۇرۇپ ئىگىس...
●  يېقىن - يىراقلىق ھە...
●  ئوتلاق قەھرىمانى
●  يىللىقچى ۋە پومېشچ...
●  تەختكە كىم ۋارىسلى...
●  كېمىچىلەر ۋە كېمە خ...
●  ئاشپەزنىڭ ئەقىل - پ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  كىچىك قۇشقاچ
●  بەختسىز ئانا
●  كاسسىدىكى ئامبار
●  چېكەتكە، بۈرگىلەرنىڭ مۇ...
●  ئۇيالغان تۆگىقۇش بالىسى
●  قېچىپ كەتكەن ئېسىل تائا...
●  قىساس ئالغان چاشقانلار
●  قىزىلگۈلنى كىمگە تاقاش ...
●  كىرپىچاقنىڭ خەتەرلىك سە...
●  ئىچنېمۇئەن ھەرە

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى