ئۇيالغان تۆگىقۇش بالىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-01 10:29:08 كۆرۈلۈش سانى : 78
بىر نەچچە كۈندىن بېرى، تۆگىقۇش بالىسى غادىيىۋاپتۇ! ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، مەيدىسىنى كېرىپ مېڭىپ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماپتۇ!
بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بىز ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ باقساقلا بىلىمىز.
مەسىلەن، بايا ئۇ كىرپىچاق بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا، كىرپىچاق ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە ئامالاشسىمۇ، بىراق تۆگىقۇش بالىسى ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماپتۇ.
كىرپىچاق ھەيران بولۇپ:
- كىچىك تۆگىقۇش، ساڭا نېمە بولدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
تۆگىقۇش بالىسى تەكەببۇرلۇق بىلەن:
- ئالدىنقى كۈنى، ئانام ماڭا بىز تۆگىقۇشلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇش ئىكەنلىكىمىزنى دەپ بەردى. بۇ نېمىدېفگەن شەرەپلىك - ھە! - دەپتۇ.
تۆگىقۇش بالىسى يەنە تاغىل تايچاق بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ، ئۇ تاغىل تايچاقنى مەسخىرە قىلىپ:
- قارا، سەن نېمىدېگەن پاكار! مەندىن جىق پاكاركەنسەن! بىز تۆگىقۇشلار ئادەملەردىنمۇ ئېگىز! بەدەن ئېغىرلىقىمىز ئىككى ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىنمۇ ئېغىر! - دەپتۇ.
كېيىن، تۆگىقۇش بالىسى كېنگۇرۇ بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ. ئۇ يەنە مۇغەمبەرلىك بىلەن:
- كېنگۇرۇ قانچىلىق نېمىتى؟ خالتىسىغا بالىسىنى سېلىۋالىدۇ شۇ! بىز تۆگىقۇشلارنىڭ دۈمبىسىگە بىر كىچىك بالا مىنەلەيدۇ! - دەپتۇ.
تۆگىقۇش بالىسى بۆكەن بالىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا بولسا، ئۆزىنى تېخىمۇ قالتىس چاغلاپتۇ. ئۇ:
- ئاڭلىشىمچە، سىلەر بۆكەنلەر تېز يۈگۈرەيدىكەنسىلەر. بىراق بىز تۆگىقۇشلارنىڭ بويىمىز ئېگىز، شۇڭا بىز ماشىنىدىنمۇ تېز يۈگۈرەلەيمىز! - دەپتۇ.
تۆگىقۇش بالىسى مۇشۇنداق تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ھەمىشە ئۆزىنى قالتىس چاغلىغاچقا، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينىغۇسى كەلمەپتۇ!
تۆگىقۇش بالىسى بۇنىڭغا قىلچە پىسەنت قىلماپتۇ. ئۇ:«ئىشقىلىپ مەن دېگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇش، قانداق تەكەببۇرلۇق قىلغۇم كەلسە، شۇنداق تەكەببۇرلۇق قىلىمەن!» دەپ ئويلاپتۇ.
بىر كۈنى تۆگىقۇش بالىسى ئوتلاقتا نەچچە يۈز يىل ئۆمۈر كۆرگەن بىر قېرى تاشپاقا بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ. تاشپاقا:
- ھەي شۇمتەك، تەكەببۇرلۇق قىلما، بۇنداق قىلىش ياخشى ئەمەس! - دەپتۇ.
تۆگىقۇش بالىسى قىلچە ئىرەڭ قىلماي:
- بۇنىڭ نېمىسى ياخشى ئەمەسكەن؟ ئىشقىلىپ مەن دېگەن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ قۇش! - دەپتۇ.
قېرى تاشپاقا ئاستا سۆزلەپ:
- ھازىرغۇ شۇنداق، بىراق ئىلگىرى ئۇنداق ئەمەستىڭ! - دەپتۇ.
تۆگىقۇش بالىسى ئەجەبلىنىپ سوراپتۇ:
- نېمە؟ ئىلگىرى مەندىنمۇ يوغان قۇش بارمىدى؟
قېرى تاشپاقا:
- ئەلۋەتتە بار ئىدى. يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى «مود قۇشى» دەيدىغان بىر خىل قۇش بار بولۇپ، ئۇ سەندىن كۆپ يوغانتى! - دەپتۇ.
تۆگىقۇش بالىسى بۇنى ئاڭلاپ دەرھال سوراپتۇ:
- راستلا شۇنداق يوغان قۇش بولغانمۇ؟
قېرى تاشپاقا:
- بۇ خىل مود قۇشى تېخى ئەڭ يوغان قۇش ھېسابلانمايدۇ.«پىلقۇش» دەيدىغان بىر خىل قۇش بولۇپ، ئۇنىڭ بويى مود قۇشىدىنمۇ ئېگىز ئىدى. ئۇ يەرگە دەسسەپ تۇرۇپ، بوينىنى ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ دېرىزىسىگە سوزالايتتى، يەنە تېخى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ يېيەلەيتتى! - دەپتۇ.
تۆگىقۇش بالىسى:
- پىلقۇشنىڭ بويى بەك ئېگىزكەن - ھە! بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىپتىغۇ؟ - دەپتۇ.
قېرى تاشپاقا:
- بۇ ئىككى خىل قۇشنىڭ گۆشى تاتلىق، پەيلىرى چىرايلىق بولغاچقا، ئادەملەر ئۇلارنى تۇتۇۋېرىپ ئاخىر بىرىمۇ قالمىدى. ھازىر پەقەت مۇزىيلاردىلا ئۇلارنىڭ ئىسكىلىتىنىلا كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ نېمە دېگەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش - ھە! - دەپتۇ.
تۆگىقۇش بالىسى:
- راست، ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ، - دەپتۇ.
قېرى تاشپاقا يەنە:
- پىلقۇش بىلەن مود قۇشى ئىلگىرى يەر شارىدىكى ساناقلىق يوغان قۇشلار بولسىمۇ، بىراق ئۇلار پەقەت تەكەببۇرلۇق قىلمايتتى! چۈنكى تەكەببۇرلۇق قىلىش ياخشى ئەمەس! شۇنداق ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن، تۆگىقۇش قەتئىي تەكەببۇرلۇق قىلماپتۇ. ئۇ يەنە كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان، تېتىك، ئەقىللىق تۆگىقۇش بالىسىغا ئايلىنىپتۇ! |
|