ھامىلە تەربىيىسى دېگەن نېمە؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-22 11:31:38 كۆرۈلۈش سانى : 544
ھامىلە تەربىيىسى دېگىنىمىز، ھامىلىدار بولۇپ 28 ھەپتە بولغاندا ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىتتىكى تەربىيىنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلە تەربىيىسى بولسا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ مەنىۋى پائالىيىتى ئارقىلىق، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ پسىخىكا ھالىتى ۋە روھىي كەيپىياتى ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار ئازابلانسا، قايغۇرسا، غەزەپلەنسە، روھىي جەھەتتە بېسىم ھېس قىلسا، بەدەن ئىچىدىكى ئايلىنىش ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئانىنىڭ تېنى خەۋپكە ئۇچراپ، ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بويىدىن ئاجراش، ئاي - كۈنى توشماي تۇغۇش، ھەتتا ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
|
|