خاتا بولغان ئەمچەكتىن ئايرىش ئۇسۇلى قايسى؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-05 12:35:26 كۆرۈلۈش سانى : 552
بەزى ئانىلار ئەمچەكتىن ئايرىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئەمچەكتىن ئايرىش تەييارلىقىنى تېخى قىلىپ بولالمىغان ئەھۋالدا، بالىنى مەجبۇرىي ئەمچەكتىن ئايرىيدۇ. دائىم ئەمچەك توپچىسىغا قارا نەرسىلەرنى ياكى قىزىلمۇچ سۈيى ۋە فىتول مېيى قاتارلىقلارنى سۈرۈپ قويىدۇ. ئانىنىڭ قارىشىچە بالا مۇشۇ سەۋەبتىن ئەمچەك توپچىسىغا قارىتا سېزىمچانلىق پەيدا بولۇپ، ئەممەيدىغان بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. بالا بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندىن كېيىن دائىم ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى قايتا قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەم باشقا يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى رەت قىلىدۇ. بۇ قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشقا تەسىر قىلىپلا قالماي، ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، بالىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ شۇنداقلا بالىنىڭ قەلبىدە ناچار پسىخىكا تەسىرى قېپقالىدۇ. بەزى ئانىلار لۆڭگە بىلەن كۆكرەك قىسمىنى توسۇۋالىدۇ ياكى پلاستىر بىلەن ئەمچەك توپچىسىنى چاپلىۋالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتالمىش >ئۈنۈملۈك ئەمچەكتىن ئايرىش ئۇسۇلى<، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل ئىلمىي ئەمەس ھەم كىشىلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تەرتىپىگە خىلاپ بولۇپ، ئەمچەكنىڭ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. |
|