بوۋاقلارنىڭ سۈت چىشى قانداق قوغدىلىدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 12:43:19 كۆرۈلۈش سانى : 533
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بوۋاقلارنىڭ سۈت چىشىنى قوغداشتا تۆۋەندىكى تۈرلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. توغرا بولغان بېقىش ئۇسۇلىنى تاللاش. مەسىلەن: بوۋاقنى ئەمچەك توپچىسى (ئېمىزگۈ) نى چىشلىتىپ ئۇخلاتماسلىق، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا چىش ئۇزاق ۋاقىت سۈتكە چىلىنىپ چىرىشتىن چىشنىڭ قۇرتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.
2. توغرا بولغان ئۇخلاش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش. دائىم بوۋاقنىڭ ئۇخلاش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش، ئادەت خاراكتېرلىك دائىم بىر تەرەپكە قارىتىپ ياتقۇزماسلىق، بولمىسا ئېڭەكنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىش بىلەن بىللە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىشنىڭ نورمال ئۆسۈشىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.
3. مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق بولۇش. تاماق تاللىماسلىق، ئاقسىل، كالتسىي ۋە ھەرخىل مىكرو ئېلېمېنتلارنى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق چىشنىڭ نورمال ئۆسۈشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش.
4. تازىلىقنى ياخشى قىلىش. بوۋاق چىش چوتكىلاشنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى ھەر قېتىم بوۋاقنى ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئاز قايناق سۇ ئىچكۈزۈۋېتىش ئارقىلىق ئېغىزدا قېپقالغان سۈت ۋە تاماق يۇقۇندىلىرىنى پاكىزلاش.
5. بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندە چىش چوتكىلاشنى ئۆگىنىشى كېرەك. بوۋاققا چىش چىقىش مەزگىلىدە، بىر قىسىم پېچىنە، موما پارچىسى قاتارلىق قاتتىقلىق دەرىجىسى ئوتتۇراھال بولغان يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈشكە بولىدۇ. بۇنداق چايناش ئارقىلىق سۈت چىشىنىڭ چىقىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگىلى، چىش ئەگمىسى ۋە ئېڭەكنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
6. قەرەللىك (ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىل) دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بوۋاقنىڭ چىشىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.
|
|