يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ جىگەر ياللۇغى سىندورومى(يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى)بالىنىڭ ئەقلىي قابى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-05 12:32:09 كۆرۈلۈش سانى : 427
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ جىگەر ياللۇغى سىندورومى(يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى)بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ جىگەر ياللۇغى سىندورومى بولسا توختاپ قېلىش خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش، جىگەر ۋە تالنىڭ ئىششىپ كېتىشى، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ بىنورمال بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى بار بىر خىل كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتى تۇغۇلۇپ تەخمىنەن ئىككى ھەپتە بولغاندا سېرىقلىق چۈشكەنلىكىنى ۋە يوقىمىغانلىقىنى ياكى سېرىقلىقنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى ۋە ياكى سېرىقلىق يوقاپ يەنە قايتا پەيدا بولغانلىقىنى شۇنداقلا سۈتنى ئېمىشى بارغانسېرى ئازلاپ، دائىم سۈتنى ياندۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغاندا، بالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك. دوختۇر قان ۋە جىگەرنى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق كېسەللىك سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىگەرنى ئاسراش دورىلىرى، ئېنزىملارنى پەيدا قىلىدىغان دورا، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئارقىلىق سېرىقلىقنى سۇسلاشتۇرۇپ، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەگەر B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق جىگەر سىرتى ئۆت يولىدا ئىششىق بولسا ياكى توسالغۇ بولسا ئىمكانقەدەر بالدۇراق ئوپېراتسىيە قىلىپ، جىگەر قېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بالىنىڭ مېڭە قان توسىقى ئىقتىدارى ناچار بولسا، ئەگەر مەزكۇر كېسەلنى قوزغايدىغان سېرىقلىق ئېغىر ھەم ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋالاپ ئۈنۈمى بولمىسا، يەنە مۇشۇ خىل كېسەللىكنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۆت يولى توسۇلۇپ قېلىپ، بالدۇر ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولمىسا، جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئۆت قىزىل قان كېسەللىكى ياكى جىگەرنىڭ ھوشسىزلىنىشى مېڭىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. |
|