بالىنى ئۆزى تۇغقان ياخشىمۇ ياكى ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغقان ياخشىمۇ؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-20 11:41:03 كۆرۈلۈش سانى : 1678
بالىنى ئۆزى تۇغقان ياخشى (جىنسىي يولدىن) بولامدۇ؟ ياكى ئوپېراتسىيە (بالىياتقۇ ئوپېراتسىيىسى قىلىپ) تۇغقان ياخشىمۇ؟ بۇ سوئالغا چوقۇم ھەربىر تۇغۇتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بىرنەرسە دېيىش كېرەك. تۇغۇش بولسا تەبىئىي بولغان فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. جىنسىي يولدىن تۇغۇش بولسا، نورمال بولغان تۇغۇت جەريانى بولۇپ، ئانا - بالىغا پايدىلىق. ئاۋۋال، جىنسىي يولىدىن تۇغقاندا، تۇغۇتى يېقىنلاشقاندىن كېيىن بالىياتقۇ تەرتىپلىك ھالدا تارىيىدۇ. يۈرەك - مۇسكۇللار بوشىشىدۇ، ھامىلىنىڭ كۆكرىكىمۇ تەرتىپلىك ھالدا بوشاپ تارىيىپ، ھامىلىنىڭ ئۆپكىسىمۇ چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ - دە، ئۆپكە ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى فوسفور، ماي قاتارلىق ماددىلارنىڭ نىسبەتەن كۆپ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۆپكىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆپكىنىڭ كېڭىيىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلىكتە نەپەسلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلە جىنسىي يول ئارقىلىق قىستىلىپ چۈشكەندە، سۈمۈرگەن باش سۈيى چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ھامىلىنى تۇنجى قېتىم نەپەسلەنگەندە سۈمۈرگەن باش سۈيىنىڭ ئۆپكىگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ، ئۈچىنچىسى، جىنسىي يولدىن تۇغقاندا، باش سىقىلىپ، باش قىسمىدىكى نەپەسلىنىش مەركىزىي نېرۋىلىرى غىدىقلىنىپ، ھامىلىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى نەپەسلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ - دە، يۇقىرى ئاۋازدا يىغلايدۇ. تۆتىنچى، جىنسىي يولدىن تۇغقاندا، بالىياتقۇ بوينى يېتەرلىك كېڭىيىپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى يامان سۈپەتلىك ئاجراتمىلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا بالىياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى نىسبەتەن تېز بولىدۇ. بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغاندا، تەبىئىي تۇغقانغا قارىغاندا نورمالسىز بولۇپ، ھامىلىنىڭ نورمالسىزلىقى ياكى جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغقاننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغۇتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەجبۇرىي بولىدۇ. ئەگەر بۇنى قوللانمىغاندا، ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئېنىقكى، يۇقىرىقى كونكرېت ئەھۋالغا قارىغاندا، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغقاندا، چوڭ چاتاق بولمايدۇ. بىراق، بالىياتقۇ ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغۇش كىشىلەرنىڭ تۇغۇش شەكلىلا بولۇپ، ئۇ جىنسىي يول تۇغۇتىدىكى خەتەردىن ئوپېراتسىيە ۋە مەست قىلغاندىكى خەتەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل ئۇسۇل بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى يوق قىلىۋېتىدۇ، يەنە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، جىنسىي يول بىلەن تۇغۇش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغۇشنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار. شارائىت بولسا جىنسىي يولدىن تۇغۇش، ھەرگىز ئوپېراتسىيە قىلماسلىق، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە، دوختۇرنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ، خۇشاللىق بىلەن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
|
|