بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> ساغلاملىق ساۋاتلىرى >> يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىمىنى قانداق  كىيدۈرۈش كېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىمىنى قانداق  كىيدۈرۈش كېرەك؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 11:07:24    كۆرۈلۈش سانى : 309  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىمىنى قانداق  كىيدۈرۈش كېرەك؟    يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا كىيىم كىيدۈرۈشتە ھەرىكىتى يەڭگىل بولۇش، پۇت - قولىنىڭ ئەگمىسى ھەم ھەرىكەت يۆنىلىشىگە قاراپ ئېلىپ بېرىلىش، كۈچىمەسلىك، ئاۋۋال ئۈستى كىيىمىنى  ئاندىن ئىشتىنىنى كىيدۈرۈش كېرەك. مەسىلەن: بوۋاقلارغا يۈرۈشلۈك ئىچ كىيىم كىيدۈرۈشتە نۆۋەتتىكى ئۇسۇل بويىچە ئاۋۋال بوۋاقنى كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئاندىن مايكىسىنى ياقىنى بويلاپ تۈرۈپ يۇمىلاق شەكىلگە كەلتۈرۈپ، ئىككى باش بارماقنى كىرگۈزۈپ ياقىسىنى ئېچىپ بوۋاقنىڭ بېشىدىن كىرگۈزۈش، ئاندىن ئوڭ يېڭىنى يۇمىلاق شەكىلدە تۇرۇپ، ئانا قولىنى ئوتتۇرىدىن ئۆتكۈزۈپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بېغىشىدىن تۇتۇپ، يەڭدىن ئاستا تارتىپ چىقىرىپ، يەڭنى بوۋاقنىڭ بىلىكىگە ئاستا كىيدۈرۈش؛ ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە سول بىلىكىنىمۇ كىيدۈرۈش، ئاخىرىدا بوۋاقنىڭ ئۈستى بەدىنىنى ئاستا كۆتۈرۈپ مايكىسىنى پەسكە تارتىپ چۈشۈرۈش ئىشتاننىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن پاچىقىنى يۇمىلاق شەكىلدە تۇرۇپ ئانا قولىنى تىقىپ بوۋاقنىڭ ئوشۇقىدىن ئاستا تارتىپ ئىشتاننىڭ پاچىقىدىن كىرگۈزۈپ ئىشتاننى ئۈستىگە تۈز كۆتۈرۈۋەتسە بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئىشتاننىڭ بېلىنى كۆتۈرۈپ، مايكىسىنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىپ كىيىمىنى تۈزەشتۈرۈپ قويسا بولىدۇ. ئانا كىيىم كىيدۈرۈش جەريانىدا ھەر ۋاقىت يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئىپادىسىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تېنىدە غەيرىي ئالامەت بار - يوقلۇقىنى ۋاقتىدا بايقىۋالغىلى بولىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ھامىلىدار ئاياللار...
●  بالىلارنىڭ ئېغىز ب...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان ...
●  نېمە ئۈچۈن بالا ئېم...
●  ئېمىشنى خالىمايدىغ...
●  قانداق قىلغاندا با...
●  بالىلىق مەزگىلىنىڭ...
●  ئەقلىي قابىلىيەت د...
●  بالىنى ئۆزى تۇغقان ...
●  ھامىلە تەربىيىسى د...
●  بوۋاقلارنىڭ سۈت چى...
●  بوۋاقنىڭ چاپىقىنى ...
●  بالىلار نېمە ئۈچۈن ...
●  يېڭى تۇغۇلغان بوۋا...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان ...
●  خاتا بولغان ئەمچەك...
●  قورساقنىڭ ئاستىنقى...
●  يېڭى تۇغۇلغانلارنى...
●  ئۇيغۇرنىڭ نالىسى ھ...
●  دۇنيا تەرىپىدىن تا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ھامىلىدار ئاياللار قېتى...
●  بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇق...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگى...
●  نېمە ئۈچۈن بالا ئېمىشنى ...
●  ئېمىشنى خالىمايدىغان با...
●  قانداق قىلغاندا بالىلار...
●  بالىلىق مەزگىلىنىڭ قاند...
●  ئەقلىي قابىلىيەت دېگەن ...
●  بالىنى ئۆزى تۇغقان ياخش...
●  ھامىلە تەربىيىسى دېگەن ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى