بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> ساغلاملىق ساۋاتلىرى >> ئۇيغۇرنىڭ نالىسى ھەي ياش قىز-ئوغۇللار

ئۇيغۇرنىڭ نالىسى ھەي ياش قىز-ئوغۇللار

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-29 22:19:08    كۆرۈلۈش سانى : 577  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
دەۋر تەرەققىياتى تىز-جىددى،تۇرمۇشتىكى ماددى ۋە مەنىۋى  ئىھتىياج ئېشىۋاتقان،تۇرمۇش قاراش ئۆزگۈرۈپ يېڭىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق كۈنلەردە، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمى،خىزمەت بېسىمى قاتارلىق ھەرخىل رىقەبەتلەر ئىچىدىكى بىۋاستە روھىغا تەسىر قىلىدىغان ئامىللار قىسمەن كىشىلەرنى گاڭگىرتىپ قويغاچقىمۇ، جەمىيىتىمىزدىكى ياشلار ئارىسىدا ئەر_ئايال ئارىسىدا ۋەئائىلىدە يۈزبەرگەن جىدەل_ ماجرانى ھەل قىلىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولماي،مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى،مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب_ماھىيەتنى ئىزدىمەستىن،يەڭگىللىك قىلىپ،  ئائىلىسىنى خارلىغانچە بۇزۇپ ئالدىراپ سوتقا يۈگرەيدىغان بولۇپ قالدى.    ياشلارنىڭ ئاشۇنداق قىلىشىتىكى زادى سەۋەبى نىمە؟ ئائىلە-نىكاھنى ۋەيران قىلىدىغان ئاشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىدىن ئىزدىنىپ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ.   1.تونۇشۇش__ ئۆزلىرى بىرگە چوڭ بولغان،باشقىلار تونۇشتۇرغان،ئاتا-ئانىسى تەۋسىيە قىلغان،ئۆزلىرى مەلۇم سەۋەپ بىلەن تونۇشقان،ساۋاقداش ۋە ياكى خىزمەتداش.....ھەرخىل بولىدۇ،شۇڭا مۇشۇ باسقۇچ ئىنتايىن مۇھىم،چۈنكى تۇنۇشۇش جەريانىدا ئىككى جىنىس ئارىسىدا تەبىئي بولغان دوستلۇق،مۇھەببەت دىگەندەك ئۇچقۇنلار بولىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ  قسمەن ئەيىپ(خاراكتىر) .كەيىپ(ئويۇن-تاماشا).قەلب(ئىدىيە-ئەخلاق) قاتارلىق جەھەتلەردە ئىھتىياتچان بولۇپ،ئۆزئارا يۇشۇرۇش ئەھۋالى بولىدۇ،ئاسانلىقچە ئارا بىلدۈرمەيدۇ،مانا مۇشۇنداق قىلىش كىيىنلىك تۇرمۇشقا ئىنتايىن زىيانلىق چۈنكى ۋاقىت،جەريان،مۇھىت.شارائىت، ئەتراپ ئاشۇ ئىشلارنى ھامان ئەمىلىي تۇرمۇشقايۈزلەندۈرىدۇ.   2.چۈشىنىش__تونۇشقاندىن كىيىن ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مۇۋاپىق ھىس قىلىشقاندا،ۋاقىت_سەۋەپ ئىزدەپ باردى-كەلدىسى بارغانسىرى كۆپىيىپ،كەلگۈسى ئۈچۈن ئاساس سېلىشىدۇ،ھەم بالدۇرقى سۆز-ھەركەتلىرى قۇيۇقلىشىپ، تەسىر قىلىشقا باشلايدۇ.قىز-ئوغۇللار ئەيىپ،كەيىپلىرىنى يۇشۇرۇپ،ئۆزئارا قەلبىدە ئورۇن قالدۇرىدۇ،مۇھەببەتنىڭ دەسلەپكى ئۇچقۇنى شەكىللىنىدۇ.مۇشۇ ۋاقىت دەل مۇھىم تاللاش-شاللاش ۋاقتى،ئەگەر مۇۋاپىق بولۇش-بولماسلىق ئىشىنى توغرا ھەل قىلمىسا،نەتىجىسى ياخشى-يامان بولۇشقا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.   3.مۇھەببەتلىشىش__چۈشىنىش باسقۇچىنىڭ نەتىجىسى مۇۋاپىق بولغاندا،ئىككى ياش ئۆزئارا قەلب سۆزلىرىنى ئېيتىشىپ،تويلىشىش ئۈچۈن ئۇل سالىدۇ،مۇناسىۋەت تېخىمۇ قۇيۇق بولۇپ،يەنىلا كەيىپ.ئەيىپ،قەلب سەل يۇشۇرۇن بولىدۇ،قىز-ئوغۇللار ئارا يول قويۇش،كەچۈرۈش،ھۆرمەتلەش روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ،چۈنكى ھەر ئىككىسگە چۈشىنىشلىك،ئۆزئارا ئايرىلىپ قېلىشتىن ئىھتىيات قىلىدۇ. سۆز-ھەركەت قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بىرىدۇ.خىزمەت،ئۆز ئارا چوڭ بولغان ئائىلە ئەھۋالى،مۇھىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىشلار چۇڭقۇرلىغان ھالدا سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.   4.تويلىشىش__ھازىرقى دەۋردىكى مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى،مۇشۇ مەزگىلدە تويلۇق توغرىلىق قىسمەن تالاش-تارتىش بولۇپ،قىز-ئوغۇللارنىڭ ھېلىقى يۇشۇرغان ئەيىپ،كەيىپ،قەلب ئىشلىرى،ئاتا-ئانا ئەھۋالى قاتارلىقلار ئۆز نۆۋىتىدە رولىنى كۆرسىتىپ ئاشكارلىنىدۇ، مەلۇم دەرىجىدە قۇرۇلماقچى بولغان تۇرمۇشنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى جىدەل-ماجراسى باشلىنىدۇ،قانداق ھەل قىلىش ئىنتايىن،ئىنتايىن،ئىنتايىن مۇھىم،شۇڭا كەسكىن بولۇشنى بەك تەلەپ قىلىدۇ.   5. نىكاھ-ئائىلە__توي قىلغاندىن كىيىن،ئىككى ياش تۇرمۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باشلايدۇ، ھەرخىل مەسىلە بىخ سۈرۈپ چىقىدۇ،ئايالغا قارىتا تاماق ئىتىش، كىيىم يۇيۇش ۋاھاكازالار،ئەرگە نىسبەتەن ئاشۇ ئائىلىنىڭ بارلىق مەھسۇلىيىتى يۈكلىنىدۇ.سالامەتلىك، ئىقتىساد،چوڭلار،تۇققانلار،خوشنىلار ئارا مۇناسىۋەت.....قاتارلىقلار ھەرئىككى ياشنىڭ مۇھىتىغا يېڭى قوشۇلغان بېسىم بولۇپ قالىدۇ. قانداق ھەل قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا زوربەدەل ۋە قېيىنچىلىققا دۇچ كىلىدۇ،مۇشۇ جەرياندا جىدەل-ماجرامۇ تەڭلا كىلىدۇ،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئائىلىگە يېڭى ئەزا(بالا) قوشۇلىدۇ،بېسىم ئېغىرلىشىدۇ،جىددىلىك،يىتىلگەنلىك،مەھسۇلىيەت قاتارلىقلارنى تېخىمۇ بەك تەلەپ قىلىدۇ.مۇشۇ مەزگىلدە ئەر-ئايال ماسلىشىشى ئىنتايىن مۇھىم سەل قاراشقا بولمايدۇ، غەمخورلۇق ،يول قويۇش،ماسلىشىش قاتارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ،شۇنداق ئازراقلا سەۋەنلىك بولسىلا، ئىككى ياشنى ئەسلىدىكى بېسىمغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئاران قالغاندا،ئاسانلا ۋەيران قىلىدۇ........         ھازىر توينى قانداق قىلىش توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ، تويدىن كىيىن تۇرمۇشنى ھەم  مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىر،مۇھاكىمە قىلىدىغان كىشىلەر ئاز. شۇڭا جەمىيەتتە بارغانسىرى ئاجرىشىش ئىشلىرى ئەۋج ئېلىپ نۇرغۇن ۋاقىت، ئىقتىساد سەرپ قىلىپ قۇرۇلغان تۇرمۇش ئاسانلا بۇزۇلۇپ كىتىدۇ،ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارىسىدامۇشۇنداق«ۋابا»خاراكتىرىنى ئالغان مەسىلەرنىڭ كۆپىيىپ،تارقىلىپ كىتىشىدىكى سەۋەب قەيەردە؟ زادى كىمدە؟ قانداق قىلىش كېرەك؟


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ھامىلىدار ئاياللار...
●  بالىلارنىڭ ئېغىز ب...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان ...
●  نېمە ئۈچۈن بالا ئېم...
●  ئېمىشنى خالىمايدىغ...
●  قانداق قىلغاندا با...
●  بالىلىق مەزگىلىنىڭ...
●  ئەقلىي قابىلىيەت د...
●  بالىنى ئۆزى تۇغقان ...
●  ھامىلە تەربىيىسى د...
●  بوۋاقلارنىڭ سۈت چى...
●  بوۋاقنىڭ چاپىقىنى ...
●  بالىلار نېمە ئۈچۈن ...
●  يېڭى تۇغۇلغان بوۋا...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان ...
●  خاتا بولغان ئەمچەك...
●  قورساقنىڭ ئاستىنقى...
●  يېڭى تۇغۇلغانلارنى...
●  ئۇيغۇرنىڭ نالىسى ھ...
●  دۇنيا تەرىپىدىن تا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ھامىلىدار ئاياللار قېتى...
●  بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇق...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگى...
●  نېمە ئۈچۈن بالا ئېمىشنى ...
●  ئېمىشنى خالىمايدىغان با...
●  قانداق قىلغاندا بالىلار...
●  بالىلىق مەزگىلىنىڭ قاند...
●  ئەقلىي قابىلىيەت دېگەن ...
●  بالىنى ئۆزى تۇغقان ياخش...
●  ھامىلە تەربىيىسى دېگەن ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى