بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> ساغلاملىق ساۋاتلىرى >> دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن مىللەت

دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن مىللەت

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-29 22:12:18    كۆرۈلۈش سانى : 340  
كصچصك | نورمال | چوڭ             
                                                                                 دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن مىللەت                                                            ئەسئەت سۇلايمان ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ يىقىنقى زاماندىكى بەختسىز كەچۈرمىشى ۋە سانسىزلىغان رىيازەتلىرى ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى مەنىۋى ئېنېرگىيىسىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقىنىمۇ يىراقلاشتۇرىۋەتكەنىدى. شۇڭلاشقا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيە قىزغىنلىقىنى كۆتۈرلۈپ، ياۋرۇپالىق تەۋەككۈلچىلەر بۇ يەرگە كىلىشكە باشلىغان ئاشۇ دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ بىچارە ھالەتتە تۇرىۋاتاتتى. نۇرغۇن ئەجنەبىيلەر بۇ يەرگە كىلىشى بىلەن گويا ئۆزلىرىنى زۇلمەتلىك ئوتتۇرا ئەسىرگە بىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىشقانىدى. شۇنداق، بۇ يەردە زامانىۋى تۇرمۇش ئسلىھەلىرى يوق ئىدى، ماشىنلاشقان قاتناش قوراللىرىمۇ يوق ئىدى! بۇيەردە پەقەت ئايىغى بېسىقمايدىغان جىدەل-يېغىلىقلار، ئوقۇپ تۈگىمەيدىغان توۋا-ئىستىغپارلار، دەۋر ئۆزگەرسىمۇ قىلىپى ئۆزگەرمەيدىغان ئىجتىمائىي رامكىلار، ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇردىغان نادانلىقلار ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر دەۋردە، ئويغاق ياۋروپا بىلەن غەپلەتتە قالغان ئۇيغۇر جەمىئىيىتىنىڭ دەسلەپكى دىئالوگى باشلاندى. بىر توپ ئەجنەبى تەۋەككۈلچىلەر ئۆز تارىخى ۋە مىللى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا نىسبەتەن قىلچىلىكمۇ ھەقدارلىق تۇيغۇسى قالمىغان، ھازېرقى زامان ئىڭى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغان، ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتقا پاسسىپ ھالدا ماسلىشىپ ياشايدىغان بۇ چېچىلاڭغۇ مىللەتنى سىرتتىن كۆزىتىشكە كىرىشتى. 1887-يىلى دىيارىمىزدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەنگىلىيەلىك ياڭخازبەند يەكەندىكى ئۇيغۇر جەمئيىتى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «يەكەن مېنىڭ بۇ قىتىملىق شىنجاڭغا قىلغان سەپىرىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بازار، شۇنداقلا مەن ئەڭ ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان جايلارنىڭ بىرى. شۇڭا، مەن بۇ جاي ھەققىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ چىقتىم...بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي ئىگىلىككە تايىنىپ، بىر خىل تىنچ ۋە توختام سۇدەك ئۆزگەرمەس تۇرمۇش كەچۈرۈدىكەن. قاتمۇ-قات تاغلارنىڭ قورشاۋىدىن شەكىللەنگەن تەبىئىي جۇغراپىيەلىك توسۇق ئۇلارنى سىرتقى دۇنيادىن كېلىدىغان رەھىمسىز رىقابەتتىن چەتتە قالدۇرۇپتۇ. سىڭگەن نېنىغا شۈكۈر قىلىپ ياشايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۇلارنى ھەممە نەرسىگە پەرۋاسىزلىق بىلەن قارايدىغان، ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشكە ئۇنچىلىك ئۇچراپ كەتمەيدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. گەرچە بۇ يەردە نۇرغۇن يېغىلىقلار، ئىنقىلاپلار يۈز بىرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى سىرتتىن كەلگۈچىلەرنىڭ ئويۇنى ھىساپلىناتتى. بىر ھۆكۈمراننىڭ ئورنىغا يەنە بىرسى ئولتۇرۇش، سۇلالىلەر ئالمىشىش دىگەنلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۇنچىلىك كارى يوق ئىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇلار بىر خىل پەرۋاسىزلاچە ئىنكاس قايتۇراتتى. بۇنىڭدىن ھەرقانداق ئادەم تەبىئىي ھالدا مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ: بۇ مىللەت رىقابەتكە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ، ئۇلار يەرگە باغلانغان ئۇششاق دىھقان ياكى يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ئېلىپ-ساتارلار خالاس. يەر تىرىش ۋە ئۇششاق ئىپتىدائى تىجارەتتىن باشقا، ئۇلاردىن چوڭ ئىشلارنى كۈتكىلى بولمايدۇ، ئۇلار كىچىككىنە بىر دۇنياغا قامالغان، سىرتقى ئەللەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەنمەيدۇ، قاششاق، ھاياتى كۈچى يوق. ئۇلار پەقەت بۇ يەردىكى تار مۇھىتقا پاسسىپ ھالدا ماسلىشىپ، ئۆز روزىغارىنى ئۆز يېرىدىن ئالسىلا كۇپايە. قانداقلا بولمىسۇن، كۈن كەچۈرۈش ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى، ھەرقانداق بىر ۋەقە ئۇلارنى قوزغىتالمايدۇ، ئۇلارنى سەگىتەلمەيدۇ...» ئالبىرت ۋون لېكوكمۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: « بۇ يەردە مائارىپ ئۇقۇمى ئىنتايىن سۇس، ئەگەر بار دىيىلسە ھەجىلەپ ئوقۇش چە يېزىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ، خالاس. لېكىن،ھەممە كىشى دىگۈدەك بىر قىسىم ھىساپلاش بىلىملىرىنى بىلىدۇ. پۈتكۈل ئۇيغۇرلار رايونىدا بىرەرمۇ باسمىخانا ياكى مەتبەئە ئورۇنلىرى يوق. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كاللىسى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، ئەگەردە ئۇلارغا ياخشى بولغان تەربىيەلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىلسە، چوقۇم چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ. بۇ مىللەتنىڭ تەدرىجى زەئىپلىشىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبى دەل بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن قاششاقلىق. چۈشكۈنلۈك ھەمدە ئالدامچىلىقتۇر...» لېكوك يەنە تۇرپاندىكى ئەھۋاللارنى ئەسلسپ مۇنداق يازىدۇ: «بىز تۇرپانغا كىلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، بۇ يەردىكى يۇرت كاتتىلىرى بىزنى دائىم يوقلاپ تۇردى. بىر كۈنى بىز چۈشكەن ئۆيگە قازى، ئاخۇن ۋە بىر نەچچە يۇرت مۆتىۋەرلىرى كەلدى. بىز ئۇلارنى ھۆرمەت-ئىھتىرام بىلەن كۈتىۋالدۇق. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇلار گەپ تەشتى - تەقسىر، ئىككىلىرى يىراق ئەللەردىن بىزنىڭ يۇرتىمىزغا مۇساپىر بولۇپ كېلىشىپلا، شۇڭا بۇ يۇرتتا بۇنداق بويتاق پېتى يۈرۈشسىلە قاملاشماس، ئەڭ ياخشىسى ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ، باشلىرىنى ئوڭشىۋىلىشسىلا، بىز مۇشۇ ۋەجىدىن كەلدۇق. - بىز ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغان، ئائىلىمىز بار، - دېدۇق ھەيرانلىق ئىچىدە. - ئۇنىسى بىزگە مەلۇم، ئەپەندىم، بىراق ئىككىلىرىنىڭ مەزلۇملىرى بۇ يەردىن ناھايىتى يىراقلىقتا قالدى. ئەر كىشى سەپەرگە چىقىپ ئۈچ ئايدىن كىيىن خوتۇنسىز يۈرسە شەرىئەتكە خىلاپ بولىدۇ. بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭمۇ خاتىرجەملىكى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە قايتا نىكاھلانماقلىرى بەرھەقتۇر. ئەگەر خالىسىلا قازى غوجام بىلەن ئاخۇنۇمنىڭ قىزلىرىنى ئەمىرلىرىگە ئىلىشسىلا، - دېيىشتى ئۇلار ساقاللىرىنى سىلىشىپ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىز ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالدۇق ھەمدە نىمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇرۇپ قالدۇق. يۇرت كاتتىلىرىنىڭ بۇ گىپىنى قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمىغان ھالدا رەت قىلىغىلى بولار-ھە! مەن ئالدى بىلەن ئۇلارغا تەشەككۈرۈمنى بۈلدۈردۈم، ئاندىن مۇنداق دىدىم: - ھۆرمەتلىك ئاقساقاللار، سىلەرمۇ بىلىسىلەر، بۇ يەردە جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامباللىرى بار. ئۇلار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بىيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەھۋالىمىزنى مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ. باش ئەلچى بولسا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى بىرلىندىكى گېرمانىيە پادىشاھىغا يەتكۈزىدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا، بىر ئەركەكنىڭ پەقەت بىرلا خوتۇن ئىلىشى بەلگىلەنگەن. ناۋادا گېرمانىيە پادىشاھى بىزنىڭ بۇ يەردە يەنە خوتۇن ئىلىپ،ئۆي-ئوچاقلىق بولغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ قالسا سىلەر دەپ بىقىڭلار، بىزنى قانداق جازاغا تارتىشى مۇمكىن؟ - ئەمىسە، مەن دەپ بىرەي، ھەر بىرىمىزنى يوغان كالتەك بىلەن 25 قېتىم ئۇرىدۇ ئۇلار گېپىمنى ئاڭلاپ، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئاتالمىش جازاسىدىن چۆچۈپ كىتىشتى ۋە ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىدۈرۈپ كېتىپ قېلىشتى. گۇننار ياررىڭ ئۆزىنىڭ 1929-يىلى9-قەشقەردىكى ئوردام مازىرىنى زىيارەت قىلغان چاغدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «... بىز مەپىگە ئولتۇرۇپ دۈشەنبە دىگەن كىچىك بازارغا كەلدۇق.ئاندىن بازارنى پىيادە ئايلاندۇق. كىشىلەر بىزدىن قاتتىق ھەيران بولۇشتى. ئىلگىرى بىر كىمنىڭ (فەرەڭ يەنى ياۋروپالىق)نى كۆرگەنلىكى ھىچكىمنىڭ ئىسىدە قالماپتۇ. بىر توپ كىشىلەر ئارقىمىزدىن ئەگىشىپ دەڭگىچە باردى. ئۇلار دەڭگە كىرگەندىن كىيىن. توختاپ بىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىمىزنى كۈزىتىشكە باشلىدى. ئەتىسى بىزنى ئىككى خەنزۇ يوقلاپ كەلدى. ئۇلاردىن بىرىنىڭ بويى ناھايىتى ئىگىز، ئۆزى ئاۋاق بولۇپ، بەئەينى ئىسكىلىتتەكلا ئىدى. بىرلا كۆزى بار ئىدى، قۇلىقىمۇ پاڭ ئىدى. ئۇنىڭ قىياپىتى ئاسانلىقچە ئادەمنىڭ ئىسىدىن چىقمايتتى. ئۇلار ئىككىسى گۆرۆخانا خوجايىنلىرى ئىكەن. بىز قونالغۇدىن چىقىپ ئىككىنچى كۈنى ئۆتەڭگە بارغاندا. كىشىلەرنىڭ ھېلىقى ئاۋاق ئىسكىلىتنى ‹پادىشا› دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۇق. چۈنكى ئۇ گۆرۈخانا ئىچىپ بىر قانچە يىلدا ناھايىتى كۆپ مال-دۇنيا يىغىۋالغانىكەن... بىز ئىككىنچى كۈنى ئاچچىق دېگەن جايغا يىتىپ باردۇق. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرمۇ دۈشەنبەدىكىگە ئوخشاش بىزنى كۆرگىلى دەڭگە يىغىلدى. بىز ئۇلاردىن بۇرۇن ياۋرۇپالىقلارنى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكنى سورىساق، - كىچىكىمدە بىر پەرەڭنى كۆرگەنىدىم،-دەپ جاۋاپ بەردى ئۇلاردىن بىرەيلەن. مان ئوقۇغان كىتابىمغا ئاساسەن، ئاشۇ ياۋرۇپالىقنى ئەنگىلىيە ئارخېئولوگى ئاۋرېل ستەين بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم. تەخمىنەن بۇنىڭدىن 25 يىل ئۇ يەرگە كەلگەنىدى. ھەمراھىم تورېكنكۇست ئۇلاردىن بۇ يەردە يەنە كىملەر بارلىقىنى سورىغاندا ئۇلاردىن بىرى: - پەقەت بىرلا خەنزۇ بار، -دەپ جاۋاپ بەردى. تورېنكۇست يەنە ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار گۆرۈخانا خوجايىنى، دەپ جاۋاپ بەردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن گەپ جازانە بىرىش ۋە ئۆسۈم-پايدا ئېلىشقا يۆتكەلدى. ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسىدە جازانىخورلىق قەتئىى مەنئىي قىلىناتتى. بۇيەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىكەن. لېكىن، كىشىلەر دائىم قەرز ئىلىشقا توغرا كەلگەچكە، ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلمايدىغان گۆرۈخانا خوجايىنلىرىدىن قەرز ئىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ يەردىكى جازانىخۇرلار ھەممە يەردە بار ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يا خەنزۇلار يا ھىندىلار ئىدى. ئۇلار قىلچە يول قويماستىن جازانىخۇرلىق قىلىپ پايدا ئالاتتى. مەن دەڭدىكىلەرگە قاراپ: - بىز بىر ئىشتىن ھەيران قالدۇق، ئۇ بولسىمۇ سىلەر مۇسۇلمان تۇرۇپ، ھاجەتمەن بولغاندا بىر-بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايدىكەنسىلەر، -دېدىم. كىشىلەر توپى ئىچىدىكى يۈرەكلىك بىرسى يۇقىرى ئاۋازدا - گۆرۈخانىنىڭ خەنزۇ خوجايىنى بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمانغا بىر گەزچە كىلىدىغان قوتاز قۇيرىقىنى بىرىشنىمۇ خالىمايدۇ! دېگەنىدى، -دېدى. ھېلىقى ئادەم يەنە مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: - ئۇ بىر تونغا سەككىز تەڭگە بىرىدۇ. بىر ھەپتىدىن كىيىن 12 پۇل تۆلەيمىز. مۇبادا ئالتە ئايدىن ئىشىپ كەتسە. گۆرۈگە قويغان تۆت توننى قايتۇرۋالالمايمىز. گۆرۈخانا خوجايىنى توننى سېتىۋىتىدۇ! مەن شۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ دۈشەنبىدىكى ھىلىقى ئاۋاق، بىر كۆزلۈك ئادەمنى «پادىشاھ» دەپ ئاتىشىنىڭ قىلچىلىكمۇ ھەيران قالغۇچىلىكى يوقلىقىنى ئويلىدىم...» مانا بۇ ئەجنەبى تەۋەككۈلچىلەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۆز دەۋردىكى ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ كىشىنى تولىمۇ ئۆكۈندۈرىدىغان رېئاللىقى ئىدى. ئۇلار دۇنيانى چۈشەنمەيتتى. ئۆزىنىمۇ چۈشەنمەيتتى. دوستىنىمۇ بىلمەيتتى. دۈشمىنىنىمۇ بىلمەيتتى. دۇنيا ھەققىدىكى يىڭى ئۇچۇردىن بولسا تامامەن بىخەۋەر ئىدى. چەكلىك بوستانلىقلاردىكى چەكلىك يەرلەرگە باغلىنىپ،ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئۆزگەرمەيدىغان تۇرمۇش مۇھىتى ئىچىدە ياشاپ كەلگەنىدى. شۇڭلاشقا كۆپلىگەن ياۋرۇپالىقلار ئۇلارنى «باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان، دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن مىللەت» دەپ بىلگەنىدى


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ھامىلىدار ئاياللار...
●  بالىلارنىڭ ئېغىز ب...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان ...
●  نېمە ئۈچۈن بالا ئېم...
●  ئېمىشنى خالىمايدىغ...
●  قانداق قىلغاندا با...
●  بالىلىق مەزگىلىنىڭ...
●  ئەقلىي قابىلىيەت د...
●  بالىنى ئۆزى تۇغقان ...
●  ھامىلە تەربىيىسى د...
●  بوۋاقلارنىڭ سۈت چى...
●  بوۋاقنىڭ چاپىقىنى ...
●  بالىلار نېمە ئۈچۈن ...
●  يېڭى تۇغۇلغان بوۋا...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان ...
●  خاتا بولغان ئەمچەك...
●  قورساقنىڭ ئاستىنقى...
●  يېڭى تۇغۇلغانلارنى...
●  ئۇيغۇرنىڭ نالىسى ھ...
●  دۇنيا تەرىپىدىن تا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ھامىلىدار ئاياللار قېتى...
●  بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇق...
●  بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگى...
●  نېمە ئۈچۈن بالا ئېمىشنى ...
●  ئېمىشنى خالىمايدىغان با...
●  قانداق قىلغاندا بالىلار...
●  بالىلىق مەزگىلىنىڭ قاند...
●  ئەقلىي قابىلىيەت دېگەن ...
●  بالىنى ئۆزى تۇغقان ياخش...
●  ھامىلە تەربىيىسى دېگەن ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى