نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-07-04 12:56:45 كۆرۈلۈش سانى : 285
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تاماكا چېكىش ھەممە كېسەللىكنىڭ مەنبەسى، بولۇپمۇ ئادەم تېنىدىكى نەپەس يولىغا بولغان زىيىنى ئەڭ ئېغىر. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاماكا چەككەن تارىخى بار ئىكەن؛ يەنە كېلىپ، ھەر كۈنى ئىككى قاپتىن ئارتۇق تاماكا چەككەن كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن 15 - 20 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. داۋاملىق تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ئىششىقى ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەلگە گىرىپتار بولۇش دەرىجىسى چەككەن تاماكىنىڭ سانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
تاماكا چېكىشمۇ يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىشنىڭ مۇھىم ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. بەزى كىشىلەر تاماكا چەككەنلىكى ئۈچۈن يۈرەك كېسىلى ئۇشتۇمتۇت قوزغىلىپ ياكى مېڭە قان تومۇرلىرىدا ئۇشتۇمتۇت ئەھۋال يۈز بېرىپ، ھاياتىدىن بالدۇرلا ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ تاماكىدىكى نىكوتىننىڭ چوڭ مېڭە نېرۋىسىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. يۈرەك ھەددىدىن زىيادە جانلىنىپ كېتىپ، بىمارنىڭ يۈرەك سوقۇش رىتىمى بۇزۇلۇپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ. تاماكا چېكىش يەنە مېڭە ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەڭگىل بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يېتىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىدە قان، ئوكسىگېن كەم بولۇش سەۋەبىدىن ئۇيقۇسىزلىق، باش قېيىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئېغىر بولسا، قان بېىسمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
تاماكا چەككۈچىلەردە ئاسانلا ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى پەيدا بولىدۇ ياكى ئېغىرلايدۇ. شۇڭا، تاماكا چەككۈچىلەردە دائىم ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.
ھامىلدار ئاياللار تاماكا چەكسە ھامىلىگە ئېغىر ئاقىۋەت ئەكېلىپ، ھامىلىنىڭ يۈرىكىدە تۇغما خاراكتېرلىك ئېغىر كەمتۈكلۈك پەيدا قىلىدۇ. تاماكا چېكىش يەنە كىشىنى بالدۇر قېرىتىۋېتىدۇ، ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ... قىسقىسى، تاماكا چېكىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ. |
|