نېمە ئۈچۈن بەزى ئاياللار كۆپ كېزەك تۇغىدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-28 12:18:18 كۆرۈلۈش سانى : 394
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بەزى ئاياللار بىر قېتىمدا ئىككى، ھەتتا ئۈچ - تۆت بوۋاق تۇغىدۇ. مانا بۇ كىشىلەر ئېيتىپ كېلىۋاتقان قوشكېزەك ياكى كۆپ كېزەك.
بەزى ئاياللارنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆپ كېزەك تۇغىدىغانلىقىنى ئۇرۇقلىنىشتىن باشلاپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاياللار ياشلىق دەۋرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، جىنسىي ئەزاسى پىشىپ يېتىلىپ، تۇخۇمدان تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىشقا باشلايدۇ، ئادەتتە، تۇخۇمدان بىر ئايدا بىر تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۇ چاغدا، ئەگەر تۇخۇم ئەرلەرنىڭ ئىسپېرمىسى بىلەن ئۇچراشسا، ئىسپېرمىلانغان تۇخۇم پەيدا بولۇپ، ئانىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ، ئون ئايغا يېقىن ھامىلدارلىق مەزگىلىدىن كېڭيىن، بوۋاق يىغلاپ يەرگە چۈشىدۇ. ئادەتتە، ھامىلدار ئايال بىر قېتىمدا بىرلا بوۋاق تۇغىدۇ.
ئەگەر ئىسپېرمىلانغان تۇخۇم ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتسە ھەمدە ئىككىلىسى ئۆسۈپ چوڭ بولسا، ئىككى ھامىلە شەكىللىنىدۇ، بۇ <بىر تۇخۇمدا ئىككى ھامىلە پەيدا بولۇش> دېيىلىدۇ. فوشكېزەكلەرنىڭ جىنسى، قان تىپى ۋە ئىرسىيەت گىنى ئوخشاش بولۇپلا قالماي، چىراي شەكلىنىمۇ پەرقلەندۈرگىلى بولماي قالىدۇ.
يەنە بىر خىل ئەھۋال شۇكى، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنى بىر قېتىمدا ئىككى تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقارسا ھەم بۇ تۇخۇملار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىسپېرما بىلەن بىرلەشسە، ئىككى ئىسپېرمىلانغان تۇخۇم شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككى ھامىلىنىڭ چىرايى بىر بىرىگە تازا ئوخشىشىپ كەتمەسلىكى، جىنسىمۇ ئوخشاش بولماسلىقى، بەلكىم بىرى ئوغۇل، بىرى قىز بولۇپ قېىشى مۇمكىن. ئۈچكېزەك، تۆتكېزەكلەرنىڭ شەكىللىنىشىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ.
كىشىلەر ئارىسىدا، قوشكېزەك ۋە كۆپ كېزەكلەرنىڭ نىسبىتى تولىمۇ تۆۋەن بولۇپ، 80 ھامىلىنىڭ ئىچىدە بىر قوشكېزەك چىقىشى مۇمكىن، ئۈچكېزەك بولسا 6400 ھامىلىنىڭ ئىچىدىن بىرى چىقىدۇ. |
|