ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-20 11:52:24 كۆرۈلۈش سانى : 125
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
1993 - يىلى 3 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلقھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبىسى قوشۇلۇپ، ئۇنىۋېرسال خاراكتىرلىك چوڭلار ئالىي مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان. مۇئاۋىن ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. مەكتەپ پارتكومىغا جۇڭگو كومپارتىيىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەمۇرىي جەھەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. كەسپىي جەھەتتە ئاپتونوم ايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كەسىپلىرىگە شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىك قىلىدۇ. سابىق ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەسلى ئاساسى 1976 - يىلى 4 - ئايدا قۇرۇلغان ئۈرۈمچى مائارىپ ئىدارىسى ھەم قىزىللىشىش ھەم ئىختىساسلىشىش مەكتىپى ئىدى. 1979 - يىلى 11 - ئايدا مەكتەپ نامى ئۈرۈمچى ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1984 - يىلى 2 - ئايدا ئۈرۈمچى مائارىپ ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرسىتېتى 1982 - يىلى قۇرۇلغان. ئەسلىدىكى شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە مەكتىپ 1979 - يىلى 5 - ئايدا قۇرۇلغان. 1993 - يىلى 3 - ئايدا ئۈچ مەكتپە قوشۇلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېىتى شۆبە مەكتىپىنىڭ سىرتقا قارىتا ئىسمى ئۆزگەرمىگەن. 1999 - يىلى 9 - ئايدا، مەكتەپ نامى ئۈرۈمچى رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.مەكتەپ خەنزۇ، مىللىي ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، ئىنگلىز تىلى ئىشلىتىلىدۇ. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش، ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇش، ئىشتىن سىرتقى ئوقۇش قاتارلىق ئۈچ خىل ئۆگىنىش شەكلى بار. ئۈرۈمچى رايونىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە ئۈزلۈكسىز مائارىپى بويىچە تەربىيىلەش، مائارىپ مەمۇرىي كادىرلىرىنى ئىش ئورنى بويىچە تەربىيىلەش، خىزمەتتىكى خادىملارنىڭ مەخسۇس كۇرس، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە چوڭلارنىڭ ئىككىنچى ئوقۇش تارىخى تەربىيىسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارغان، رادىئو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئادەتتىكى مەخسۇس كۇرس، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخى مائارىپىنىڭ چوڭلار ئوقۇش تارىخى سىنىپلىرىنى ئاچقان. ئۇنىڭدىن باشقا، كەسپىي گۇۋاھنامە بويىچە تەربىيىلەش ۋە ھەر خىل ئوقۇش تارىخى مائارىپى بويىچە ۋە ئىش ئورنى تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئېچىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ھەمكارلىشىش شەكلىدە، سىرتتىن ئوقۇيدىغان تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخى ۋە ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپلىرىنى ئاچقان. مەكتەپ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى، چەت ئەل تىللىرى فاكۇلتېتى، سىياسەت - مائارىپ فاكۇلتېتى، كومپيۇتېر، ماتېماتىكا فاكۇلتېتى، فىزىكا - خىمىيە فاكۇلتېتى، مالىيە فاكۇلتېتى قاتارلىق ئالتە فاكۇلتېت، 23 كەسپىنى تەسىس قىلغان. مەكتە شتاتى 280. 1999 - يىل رەسمىي ئوقۇتقۇچى 158 نەپەر (پروفېسسور ئىككى نەپەر، دوتسىنت 61 نەپەر، لېكتور 65 نەپەر). مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 3600 نەپەر، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلىگەن ھەرتۈرلۈك ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى 15877 نەپەر. مەكتەپ كۆلىمى 32000 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇشى كۆلىمى 18200 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش، تەجرىبە ئەسلىھەلىرى تولۇق. |
|