بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟ >> نېمە ئۈچۈن كىچىك بالا بالدۇر چوكا ئىشلەتسە، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كىچىك بالا بالدۇر چوكا ئىشلەتسە، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-29 11:51:03    كۆرۈلۈش سانى : 372  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
نېمە ئۈچۈن كىچىك بالا بالدۇر چوكا ئىشلەتسە، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟  بىر مۇنچە ئائىلە باشلىقلىرى ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى كىچىك بالىلارغا قوشۇق بىلەن تاماق بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىچىك بالىلار بالدۇرراق چوكا ئىشلەتسە، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەقىلنى زىيادە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.   ئالىملارنىڭ ئېنىقلىشىچە، بارماق ئۇچىنىڭ سېزىمى ناھايىتى ئۆتكۈر بولىدىكەن، بارماقلارنى باشقۇرىدىغان نېرۋا مەركەزلىرىنىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقىدا ئىگىلەيدىغان كۆلىمى ئەڭ زور بولىدىكەن. قول ۋە بارماقلارنىڭ ھەرىكىتى چاققان بولسا، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى مۇناسىپ رايوننىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئادەمنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى ئاشىدىكەن. چوكا بىلەن تاماق يېيىشنى ئۆگىنىۋېلىش جەريانى ئەمەلىيەتتە، چوڭ مېڭىنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇش جەريانى ھېسابلىنىدىكەن. كىچىك بالا بالدۇرراق چوكا ئىشلەتسە، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەقلىنى ئاچقىلى بولىدىكەن.   ئالىملار ستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ چوكا بىلەن تاماق يېيىشنى باشلىغان ۋاقتىنىڭ بالدۇر ياكى كېيىن بولۇشى بالىلارنىڭ كېيىنكى ئەقلىي تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، بالدۇرراق چوكا ئىشلەتكەن بالىلارنىڭ كېيىن ئەقىللىق، چېۋەر، بارماق، بېغىشلىرىنىڭ جانلىق بولىدىغانلىقى، قەلەم تۇتۇپ رەسىم سىزغاندىمۇ بىر قەدەر توغرا سىزىدىغانلىقىنى بايقىغان.   بۇنىڭدىن باشقا، چوكا بىلەن يېمەكلىكنى قىسىپ ئالغاندا، مۈرە، بىلەك، بېغىش قاتارلىق ئورۇنلاردىكى 30 دىن ئارتۇق بوغۇمغا، 50 تىن ئارتۇق بۇلجۇڭ گۆشكە چېتىلىدۇ. بۇ بوغۇم ۋە بۇلجۇڭ گۆشلەر مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ قوماندانلىقىدا ئۆز ئارا ماسلىشىپ، قىسىپ ئېلىش ھەرىكىتىنى تاماملايدۇ، بۇ كىچىك بالىلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى چېنىقىش ھېسابلىنىدۇ.   ئادەملەرنىڭ ئەقىللىق، چېۋەر بولۇشىنى ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ۋە ئەمگەك ئۇسۇلى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا كىچىك بالىلارنىڭ بالدۇرراق چوكا ئىشلىتىشىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىدە ئوينايدىغان رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك.   بۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ چوكا ئىشلىتىش سالامەتلىككە پايدىلىق. ياشقا چوڭ بولۇپ قالغاندا، بارماقلار ئاسانلا قېتىشىپ قولاشماي قالىدۇ. چوكىنى كۆپرەك ئىشلەتكەندە مۇسكۇللار، ئۈگىلەر ۋە بۇلجۇڭ گۆشلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە، قان - تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇشقا، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ۋە چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلەپ كېتىشىنى ئاستىلىتىشقا پايدىلىق.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نېمە ئۈچۈن تاماكا چ...
●  نېمە ئۈچۈن كىچىك با...
●  نېمە ئۈچۈن بەزى ئاي...
●  نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن ...
●  ماشىنا ئادەم دېگەن ...
●  نېمە ئۈچۈن قەۋزىيە...
●  نېمە ئۈچۈن قىشتا ئا...
●  ئۈرۈمچى چوڭلار مائ...
●  نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئۇ...
●  نېمە ئۈچۈن ئادەم جى...
●  ئەقلىي ئىقتىدارلىق...
●  نېمە ئۈچۈن ئالەم بو...
●  نېمە ئۈچۈن تېرە تىل...
●  كومپيۇتېر ۋىرۇسىدى...
●  نېمە ئۈچۈن ئەتىگەن...
●  ماشىنا ئادەم كېسەل ...
●  نېمە ئۈچۈن مىكرو ما...
●  نېمە ئۈچۈن ماشىنا ئ...
●  نېمە ئۈچۈن يادرو قو...
●  نېمە ئۈچۈن بەزى تان...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىش ...
●  نېمە ئۈچۈن كىچىك بالا با...
●  نېمە ئۈچۈن بەزى ئاياللا...
●  نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن بېزە...
●  ماشىنا ئادەم دېگەن نېمە...
●  نېمە ئۈچۈن قەۋزىيەت پەي...
●  نېمە ئۈچۈن قىشتا ئادەم ت...
●  ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ...
●  نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئۇچى بى...
●  نېمە ئۈچۈن ئادەم جىددىي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى