نېمە ئۈچۈن قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 12:44:23 كۆرۈلۈش سانى : 397
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئادەتتە بىر ئادەمدە ئىككى كۈندىن ئاشقىچە چوڭ تەرەت كەلمىسە، بۇ قەۋزىيەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر دائىم قەۋزىيەت بولسا، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، دەپ ئاتىلىدۇ.
قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل سەۋەبى بار:
بىرىنچى، يېمەك - ئىچمەكتە بەك تۈجۈپىلەپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ يېمەكلىكىدە يىرىك تالا ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئادەتتە كۆكتات، مېۋىلەرنى ناھايىتى ئاز يەيدۇ. يېمەكلىكتە ئارىلاشما چۆكۈندىلەر ئاز بولغاچقا، تەندە پەيدا بولغان چوڭ تەرەتنىڭ ئۈچەيگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ، شۇڭا تەرەت قىلغۇسى كەلمەيدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە ئۇدا بىر نەچچە كۈن چوڭ تەرەت قىلمىسا، قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ.
ئىككىنچى، تەرەت قىلغۇسى كەلسىمۇ، ۋاقتىدا تەرەت قىلمىغانلىقتىن بولىدۇ. بولۇپمۇ بالىلاردا شۇنداق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىپ ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى، <تەرەت قىلغۇسى كېلىش> تىن ئىبارەت بۇ فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاسقا ئېرەن قىلمايدۇ - دە، بۇنىڭ بىلەن نورمال چوڭ تەرەت قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ، داۋاملىق مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، قەۋزىيەت شەكىللىنىدۇ.
ئۈچىنچى، ياشانغانلاردا قۇۋۋەت كەم، ھەرىكەت ئاز، ئۈچەي ھەرىكىتى ئاجىز بولغاچقا، تەرەتنىڭ مېڭىشى قىيىنلىشىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ.
قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا ئاغرىمىغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇزاققىچە قەۋزىيەت بولسا، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، روھىي كەيپىياتى ئوبدان بولماسلىق ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا تەن ساغلاملىقىغا ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. چوڭ تەرەتنىڭ ئۈچەيدە تۇرىدىغان ۋاقتى زىيادە ئۇزارغانسېرى، سۇ ئۈچەي تەرىپىدىن ھەددىدىن زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنىپ، چوڭ تەرەتنى قاتۇرۇۋېتىدۇ - دە، ئۇنى چىقارماق تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ، شۇڭا ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت مەقئەت يېرىلىش ۋە بوۋاسىر كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
قەۋزىيەتنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ياخشى تەرەت ماڭدۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ھەر كۈنلۈك تەرەت ۋاقتىنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، بالىلارغا كۆپرەك قارا ئاشلىق، كۆكتات ۋە مېۋە يېگۈزۈش كېرەك. ئەگەر بالىلاردا تەرەت قىلماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئائىلە باشلىقلىرى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. |
|