نېمە ئۈچۈن قىشتا ئادەم تېرىسى قۇرغاقلىشىپ قالىدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-20 11:42:48 كۆرۈلۈش سانى : 164
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
قىشتا بىز دائىم دېگۈدەك تېرىمىزنىڭ قىچىشقىنىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېپەكلىشىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز، بۇ ئادەم تېرىسىنىڭ قىشتا قۇرغاقلىشىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
قىشتا، ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇيدۇ، تېرىمىزدىكى تەر بېزى ۋە تېرە ياغ بېزىنىڭ ماددا ئاجرىتىشى ئازىيىدۇ. تەر بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇق بىلەن تېرە ياغ بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان ياغ تېرىنى سىلىقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر تېرىنى تەر ۋە ياغ سىلىقلاپ تۇرمىسا، تېرە تەبىئىي ھالدا قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. يازغا تەر بېزى بىلەن تېرە ياغ بېزىنىڭ پائالىيىتى كۈچىيىدۇ، تەر ۋە تېرە يېغى كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئادەم تېرىسى يازدا سىلىق بولىدۇ.
ئادەم بەدىندىكى تېرە يۈزە تېرە ۋە ھەقىقىي تېرىدىن ئىبارەت ئىككى قاتلامدىن تەركىب تاپىدۇ، يۈزە تېرە سىرتقى تەرەپتە، ھەقىقىي تېرە يۈزە تېرىنىڭ ئاستىدا بولىدۇ. يۈزە تېرە يەنە تۆت قاتلامغا بۆلۈنىدۇ، ئەڭ سىرتىدىكىسى مۈڭگۈزسىمان قاتلام دېيىلىدۇ. مۈڭگۈزسىمان قاتلامنىڭ ھۈجەيرىلىرى ئاسانلا قېرىيدۇ ھەم چۈشۈپ كېتىدۇ، كېپەك بولسا توپ - توپ بولۇپ چۈشۈپ كەتكەن مۈڭگۈزسىمان قاتلامنىڭ ھۈجەيرىلىرىدىن ئىبارەت. مۈڭگۈزسىمان قاتلام ھۈجەيرىلىرىنىڭ چۈشۈشىنىڭ تېز - ئاستىلىقى ۋە قانچىلىك چۈشۈشى يۈزە تېرىنىڭ قۇرغان ياكى نەمخۇش بولۇش دەرىجىسىگە باغلىق، يۈزە تېرە قانچە قۇرغاق بولسا، مۈڭگۈزسىمان قاتلام ھۈجەيرىلىرى شۇنچە ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. قىشتا ھاۋا ناھايىتى قۇرغاق بولغاچقا يۈزە تېرە تەر ۋە تەر يېغى تەرىپىدىن نەملىشەلمەيدۇ، ئەگەر ئاسراشقا دىققەت قىلىنمىسا، ئادەم تېرىسى ناھايىتى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا مۈڭگۈزسىمان قاتلام ھۈجەيرىلىرى ناھايىتى ئاسانلا توپ - توپ چۈشۈپ كېپەك كۆپىيىپ كېتىدۇ. |
|