بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟ >> ماشىنا ئادەم دېگەن نېمە؟

ماشىنا ئادەم دېگەن نېمە؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-20 11:00:48    كۆرۈلۈش سانى : 104  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ماشىنا ئادەم ئەمەلىيەتتە، كومپيۇتېر ئورنىتىلغان، ئادەمدەك ئىش قىلالايدىغان ماشىنىدۇر. ماشىنا ئادەمنىڭ <چوڭ مېڭە> )كومپيۇتېر( سى بار، شۇڭا <تەپەككۇر> قىلالايدۇ. ئۇ ئادەتتىكى ماشىنىلارغا قارىغاندا كۆپ <ئەقىللىق>.   دەسلەپكى ماشىنا ئادەملەر ئاساسەن سانائەتتە ئىشلىتىلدى. ئۇلار ئادەملەرنىڭ ئورنىدا خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىدى. مەسىلەن، نەرسە ئالغۇچى ماشىنا ئادەم، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، زەھەرلىك مۇھىت ئىچىدىن نەرسىلەرنى ئاچىقالايدۇ؛ پۈركۈگۈچى ماشىنا ئادەم ماشىنىلارنى سىرلىيالايدۇ؛ قۇراشتۇرغۇچى ماشىنا ئادەم ئايرىم - ئايرىم زاپچاسلارنى قۇراشتۇرۇپ، ماشىنا ياسىيالايدۇ.   كېيىن، ماشىنا ئادەم پەيدىنپەي <ھۆكۈم قىلىش> ۋە <تەدبىر بەلگىلەش> نى ئۆگىنىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ساھەسىمۇ بارغانسېرى كېڭەيدى. مەسىلەن، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ماسىنا ئادەم تاملارغا يامىشىپ، يەر ئاستىغا تېشىپ كىرەلەيدۇ. ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنى تازىلىيالايدۇ ۋە رېمونت قىلالايدۇ. ئۇرۇش مەيدانلىرىا، ماشىنا ئادەملەر ئاۋانگارتلىق بىلەن يول ئېچىپ، دۈشمەن ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ رازۋېدكا قىلالايدۇ. پەن - تېخنىكا ساھەسىدە، ماشىنا ئادەم ئاي ۋە مارسقا چىقىپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. تۇرمۇشتا، ماشىنا ئادەم دوختۇرخانا ياكى ئائىلىلەردە سېسترا ۋە ئۆي خىزمەتچىسى بولۇپ، كېسەلنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.   40 نەچچە يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا، ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، ماشىنا ئادەملەرمۇ بارغانچە ئىقتىدارلىق بولۇپ كەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە يۈز مىڭلىغان ماشىنا ئادەملەر ھارماي - تالماي، جاپا - مۇشەققەتكە باش ئەگمەي، ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا كۆرۈنەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا! >>


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نېمە ئۈچۈن تاماكا چ...
●  نېمە ئۈچۈن كىچىك با...
●  نېمە ئۈچۈن بەزى ئاي...
●  نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن ...
●  ماشىنا ئادەم دېگەن ...
●  نېمە ئۈچۈن قەۋزىيە...
●  نېمە ئۈچۈن قىشتا ئا...
●  ئۈرۈمچى چوڭلار مائ...
●  نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئۇ...
●  نېمە ئۈچۈن ئادەم جى...
●  ئەقلىي ئىقتىدارلىق...
●  نېمە ئۈچۈن ئالەم بو...
●  نېمە ئۈچۈن تېرە تىل...
●  كومپيۇتېر ۋىرۇسىدى...
●  نېمە ئۈچۈن ئەتىگەن...
●  ماشىنا ئادەم كېسەل ...
●  نېمە ئۈچۈن مىكرو ما...
●  نېمە ئۈچۈن ماشىنا ئ...
●  نېمە ئۈچۈن يادرو قو...
●  نېمە ئۈچۈن بەزى تان...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىش ...
●  نېمە ئۈچۈن كىچىك بالا با...
●  نېمە ئۈچۈن بەزى ئاياللا...
●  نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن بېزە...
●  ماشىنا ئادەم دېگەن نېمە...
●  نېمە ئۈچۈن قەۋزىيەت پەي...
●  نېمە ئۈچۈن قىشتا ئادەم ت...
●  ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ...
●  نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئۇچى بى...
●  نېمە ئۈچۈن ئادەم جىددىي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى