بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟ >> نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن بېزەلگەن ئۆيگە دەرھال كۆچۈپ كىرىشكە بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن بېزەلگەن ئۆيگە دەرھال كۆچۈپ كىرىشكە بولمايدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-22 11:33:54    كۆرۈلۈش سانى : 191  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن بېزەلگەن ئۆيگە دەرھال كۆچۈپ كىرىشكە بولمايدۇ؟ تۇرمۇشتا يېڭى ئۆيگە كۆچۈش خۇشاللىنارلىق ئىش. لېكىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، بەزى كىشىلەردە باش قېيىش، باش ئاغرىش، ماڭقىسى ئېقىش، بۇرنى ئېتىلىپ قېلىش، گېلى ئاغرىش، دېمى سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ قاندق ئىش؟   ئەسلىدە، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئۆي ئىچىنى بېزەش ماتېرىياللىرى ئىچىدە بەزى زەھەرلىك ماددىلار ۋە رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار بار، ئۇلار ئادەم بەدىنىنى زەھەرلەش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، سېمونت، ھاك، سىر، سۇۋالغۇ، پولات، يالتىراق، قاراماي، فورمالدېگىد، تاشپاختا قاتارلىقلار بەزى زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. يېڭى سېلىنغان، يېڭى بېزەلگەن ئۆيدە بەزى زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ قويۇقلۇقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئۇلار ئادەملەرنىڭ نەپەس يولى ۋە تېرىسى ئارقىلىق ئادەم تېنىگە قوبۇل قىلىنىدۇ - دە، ئادەمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.   دەرۋەقە، ھېكىممۇ مۇشۇنداق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن قورقۇپ يېڭى ئۆيگە كۆچمەي قويمايدۇ، بۇ مەسىلىگە قارىتا تولۇق تونۇشقا ئىگە بولساقلا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىسىنى قىلالايمىز. ئالدى بىلەن، بۇ زەھەرلىك ماددىلار مەلۇم قويۇقلۇق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئادەم تېنىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىز دېرىزىلەرنى داۋاملىق ئېچىپ تۇرساق، ھاۋا ئالمىشىپ ھاۋا ساپلاشسا زىيان - زەخمەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدىكى زەھەرلىك تەركىبلەرنى قەتئىي ئازايتىشى ياكى ئۈستىگە پۈركىمە قەۋەت قوشۇۋېتىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشكە ئالدىراپ كەتمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى ئۆي يېڭى سېلىنغان ۋە بېزەلگەندىن كېيىن، دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئۆتكۈزۈپ، بىر مەزگىل تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆچۈپ كىرىش كېرەك.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  نېمە ئۈچۈن تاماكا چ...
●  نېمە ئۈچۈن كىچىك با...
●  نېمە ئۈچۈن بەزى ئاي...
●  نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن ...
●  ماشىنا ئادەم دېگەن ...
●  نېمە ئۈچۈن قەۋزىيە...
●  نېمە ئۈچۈن قىشتا ئا...
●  ئۈرۈمچى چوڭلار مائ...
●  نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئۇ...
●  نېمە ئۈچۈن ئادەم جى...
●  ئەقلىي ئىقتىدارلىق...
●  نېمە ئۈچۈن ئالەم بو...
●  نېمە ئۈچۈن تېرە تىل...
●  كومپيۇتېر ۋىرۇسىدى...
●  نېمە ئۈچۈن ئەتىگەن...
●  ماشىنا ئادەم كېسەل ...
●  نېمە ئۈچۈن مىكرو ما...
●  نېمە ئۈچۈن ماشىنا ئ...
●  نېمە ئۈچۈن يادرو قو...
●  نېمە ئۈچۈن بەزى تان...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  نېمە ئۈچۈن تاماكا چېكىش ...
●  نېمە ئۈچۈن كىچىك بالا با...
●  نېمە ئۈچۈن بەزى ئاياللا...
●  نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن بېزە...
●  ماشىنا ئادەم دېگەن نېمە...
●  نېمە ئۈچۈن قەۋزىيەت پەي...
●  نېمە ئۈچۈن قىشتا ئادەم ت...
●  ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ...
●  نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئۇچى بى...
●  نېمە ئۈچۈن ئادەم جىددىي...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى