بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> بالىلار چۆچەكلىرى >> مايمۇنچاقنىڭ پادىشاھ بولۇشى 

مايمۇنچاقنىڭ پادىشاھ بولۇشى 

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-08 11:40:19    كۆرۈلۈش سانى : 1610  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
        ئورمان پادىشاھى شىر ياشىنىپ قاپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ھەم ئەقىللىق ھەم باتۇر بولغان بىرەر ھايۋاننى قويۇشنى ئويلاپتۇ.   بىر كۈنى، شىر پادىشاھ سەيلە قىلىۋېتىپ، تۇيۇقسىز يول بويىدا ئۈستىگە >ئاچچىقسۇ< دەپ خەت يېزىلغان بىر تۇڭنى كۆرۈپ قاپتۇ.  ئۇ  بېرىپ ئۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ، ئالدى بىلەن تېتىپ كۆرمەكچى بوپتۇ. شىر پادىشاھ تىلىنى چىقىرىپ تۇڭنىڭ ئەتراپىنى يالاپتۇ. >ۋاھ، بۇنىڭ تەمى نىمانچە غەلىتە ئاچچىقتۇ< شىر پادىشاھنىڭ چىرايلىرى ئاچچىقسۇنىڭ تەمىدىن پۈرۈشۈپ كېتىپتۇ.  بىردىنلا شىر پادىشاھنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ. ئۇ ئاچچىقسۇ تۇڭىنى ئوردىغا ئەكەلگۈزۈپتۇ. ئاندىن مۇنداق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. >كىم بۇ تۇڭدىكى سۇنى ئىچىپ تۈگىتەلىسە، شۇ پادىشاھ بولىدۇ<.   پەرمان ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن پىل بىرىنچى بولۇپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شەرت بەك ئاسان تۇيۇلۇپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە >بىر ۋاقلىق تامىغىمغىلا يېرىم تۇڭنى ئىچىپ تۈگىتەلەيمەن< دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پىل ئۇزۇن خارتۇمىنى تۇڭ ئىچىگە ساپتۇ. لېكىن يەنە  ناھايىتى تېزلىكتە خارتۇمىنى تۇڭدىن چىقىرىۋاپتۇ ھەمدە ناھايىتى قاتتىق چۈشكۈرۈپ، شىر پادىشاھنىڭ ئۈستى بېشىنى  مەينەت  قىلىۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ پىل پادىشاھ بولالماپتۇ.   ئىككىنچى بولۇپ  بېگېموت بېرىپتۇ. ئۇ تۇڭدىكى ئاچچىقسۇنى  ئاغزىغا  تولدۇرۇپ ئىچىپتۇ. لېكىنزە ئىچىپتۇ - يۇ >ھۆ< قىلغىنىچە قېقىلىپ، بىر ھازاغىچە گەپ  قىلالماي قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بېگېموتمۇ سىناقتىن ئۆتەلمەپتۇ.   ئۈچىنچى قېتىمدا يىلپىز كەپتۇ. ئۇ ئوردىغا ناھايىتى  سۈرلۈك ۋە ھەيۋەتلىك ھالەتتە كىرىپ كەپتۇ. ئۇ كۆز ئالدىدىكى يوغان ئاچچىقسۇ تۇڭىغا مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن بىر قارىۋېتىپتۇ - دە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئاچچىقسۇدىن >گۈپ< قىلىپ بىر يۇتۇم ئىچىۋېتىپتۇ. >ۋايجان، كارنىيىم، بۇ نېمانداق قىرتاق نەرسە - ھە< يىلپىز شۇنداق دېگىنىچە  سالپايغان ھالدا شىر پادىشاھ بىلەن خوشلىشىپ ئوردىدىن چىقىپتۇ.    كېيىن  ئوردىغا بىر مايمۇنچاق  كىرىپ كەپتۇ. ئۇ شىر پادىشاھقا >پادىشاھ ئالىيلىرى، مېنىڭ بىر سىناپ باققۇم بار. ئەمما مەن بۇنى بىر قېتىمدىلا ئىچىپ تۈگىتەلمەيمەن. مەن ئۇنى ئوتلاقتا ئارام ئالغاچ، نەچچە  قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىپ تۈگەتسەم قانداق< دەپتۇ.   شىر پادىشاھ بىردەم ئويلىنىپ بۇ ئامالنى ماقۇل كۆرۈپتۇ. ھەمدە كەچ كىرىشتىن ئىلگىرى چوقۇم بۇ بىر تۇڭ ئاچچىقسۇنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ تۈگىتىشنى ئېيتىپتۇ.    يېقىن ئەتراپتىكى دەرەخزارلىقتا مايمۇنچاققا ئوخشاش مايمۇنلاردىن يۈزدەك بار ئىكەن. ئۇلار مايمۇنچاقنىڭ بۇ ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنلايدىغانلىقىنى تاماشا قىلماقچى بوپتۇ.   كېيىن مايمۇنچاق دەرۋەقە بىر تۇڭ ئاچچىقسۇنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ تۈگىتىپتۇ. شىر پادىشاھمۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، پادىشاھلىق ئورنىنى مايمۇنچاققا ئۆتۈنۈپ بېرىپتۇ. مايمۇنچاق ئاخىرى پادىشاھ بوپتۇ.      قېنى كىچىك دوست، سىز ئېيتىپ بېقىڭ، مايمۇنچاق قانداق قىلىپ، بۇ بىر تۇڭ ئاچچىقسۇنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ تۈگىتەلىدى؟       جاۋاب: مايمۇنچاققا دەرەخزارلىقتىكى  مايمۇنلار ياردەم قىلغان. ئۇلارنىڭ چىرايلىرى  مايمۇنچاق بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، شىر پادىشاھ گۇمان قىلمىغان. مايمۇنچاق ئاچچىقسۇدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئوتلاققا ئارام ئېلىشقا بارغان. شۇ يەردە  مۆكۈنۈپ تۇرغان باشقا مايمۇنلار، نۆۋەتلىشىپ مايمۇنچاقنىڭ ئورنىغا بارغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار،   ئاخىرى بىر تۇڭ ئاچچىقسۇنى ئىچىپ تۈگەتكەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مايمۇنچاقنىڭ پادىش...
●  يىپ ئۆتكۈزۈش 
●  ئېيىقچاقنىڭ ئوت ئۆ...
●  مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇ...
●  كىچىك سىياھ بېلىقن...
●  كاماردىكى ئۆردەك چ...
●  كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ ...
●  ئوغرى تۇتۇش 
●  ئەقىل سىناش 
●  ھاك بالىنىڭ قىسقۇچ ...
●  ئۆيگە قايتالمىغان ...
●  ئەللەي ناخشىسى 
●  ئەقىللىق ئۆردەك چۈ...
●  ئاچقۇچ 
●  ھاكاۋۇر ئالما چېچى...
●  دېلفىنچاقنىڭ مېھما...
●  چولپان بۆجەنلەر
●  پىلنىڭ تاجى
●  ھورۇن مۈشۈك
●  تەكەببۇر سەندەل دە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مايمۇنچاقنىڭ پادىشاھ بو...
●  يىپ ئۆتكۈزۈش 
●  ئېيىقچاقنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش...
●  مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇققا س...
●  كىچىك سىياھ بېلىقنىڭ ئۆ...
●  كاماردىكى ئۆردەك چۈجىسى...
●  كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ گېنې...
●  ئوغرى تۇتۇش 
●  ئەقىل سىناش 
●  ھاك بالىنىڭ قىسقۇچ پاقا ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى