بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> بالىلار چۆچەكلىرى >> يىپ ئۆتكۈزۈش 

يىپ ئۆتكۈزۈش 

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-20 11:42:19    كۆرۈلۈش سانى : 371  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئورمانلىقتا بىر يىلان پادىشاھى بار ئىكەن. بىر كۈنى بىر يىلان، يىلان پادىشاھقا دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان، ئاجايىپ نۇر چېچىپ پارقىرايدىغان، شەكلى غەلىتە،   بىر قارىسا يوپۇرماققا ئوخشايدىغان، يەنە بىر قارىسا ئاق بولۇتقا ئوخشايدىغان بىر ئېسىل گۆھەرنى سوۋغا قىپتۇ.   يىلان  پادىشاھ بۇ ئېسىل گۆھەرنى، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىزىغا، تۇغۇلغان كۈنىدە سوۋغا قىپتۇ. بۇ گۆھەر يىلان قىزغا بەكلا ياراپ كېتىپتۇ. يىلان قىز بۇ گۆھەرنى بوينىغا ئېسىۋالماقچى بولۇپ گۆھەرنىڭ تۆشۈكىگە يىپ ئۆتكۈزۈپتۇ. ئەمما ھەرقانچە قىلسىمۇ، يىپنى ئۆتكۈزەلمەپتۇ. ئەسلىدە بۇ گۆھەرنىڭ تۆشۈكىمۇ غەلىتە بولۇپ، تۆشۈك ئەگرى - بۈگرى ئىكەن. گۆھەرنى بوينىغا ئاسالمىغان يىلان قىزنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بوپتۇ. يىلان پادىشاھ سۆيۈملۈك قىزىنىڭ كۆڭلىنىڭ پەرىشان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچى تىتىلداپ كېتىپتۇ. ئۇ، ئۇيان ئويلاپتۇ،  بۇيان ئويلاپتۇ. ئاخىرى  ئامالدىن بىرنى تېپىپتۇ. ئۇ دەرھال يىلان مەملىكىتىگە يارلىق چۈشۈرۈپتۇ. كىم گۆھەردىن يىپ ئۆتكۈزەلىسە،  شۇنىڭغا كاتتا ئىنئاملارنى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. خەۋەر ناھايىتى تېزلا پۈتۈن يىلان مەملىكىتىگە تارقىلىپتۇ.   بىر كۈنى، ئوردىغا بىر ياغاچچى يىلان كەپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئامال تاپقانلىقىنى يەنى گۆھەردىن باشقا بىر تۆشۈك  ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى  ئاڭلىغان مەلىكىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ ھەمدە ئۇ ياغاچچىنى ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىپتۇ. دېمىسىمۇ ئۇ گۆھەردىن يەنە باشقا بىر تۆشۈك ئاچسا، ئۇ چاغدا گۆھەر ئۆزىنىڭ ئەسلى گۈزەللىگىنى يوقىتىپ  قويىدۇ ئەمەسمۇ! يەنە نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى ئوردىغا بىر ياشانغان يىلان كىرىپ كەپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر سىناپ بېقىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھ دەرھال گۆھەر بىلەن مەشۇت يىپنى كەلتۈرۈپتۇ. يىلان بوۋاي قوينىدىن بىر قۇتىنى ئېلىپ چىقىپتۇ.  ئەسلىدە قۇتىنىڭ ئىچىدە ھەسەل بار ئىكەن. ياشانغان يىلان مەشۈت يىپنىڭ بىر ئۇچىنى ھەسەلگە تەككۈزۈپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ ئوردىنىڭ سىرتىدىكى گۈللۈككە كەپتۇ. ئۇ يەردە چۆمۈلىنىڭ ئۇۋىسى بار ئىكەن.  يىلان بوۋاي ھەسەلگە چىلانغان يىپنى چۆمۈلە ئۇۋىسىنىڭ ئاغزىغا قويۇپ قويۇپتۇ. بىردەمدىن كېيىن چۆمۈلە ئۇۋىسىدىن بىر چۆمۈلە چىقىپتۇ. ئەسلىدە  بۇ چۆمۈلىنى ھەسەل   جەلىپ قىلغان ئىكەن.    دېگەندەك ئۇزاق ئۆتمەي، گۆھەردىن يىپ ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. يىلان پادىشاھ ۋە ئوردىدىكى بارلىق ئەمەلدارلار بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇش بولۇپ كېتىپتۇ. گۆھەرنى بوينىغا ئېسىۋالغان يىلان قىزمۇ خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي قاپتۇ. يىلان پادىشاھ ۋەدىسىدە تۇرۇپ يىلان بوۋايغا كاتتا ئىنئاملارنى بېرىپتۇ.      قېنى كىچىك دوست، سىز ئېيتىپ بېقىڭ، يىلان بوۋاي گۆھەردىن يىپنى قانداق ئۆتكۈزدى؟      جاۋاب: چۆمۈلە ھەسەلگە چىلانغان يىپنىڭ ئۇچىنى چىشلىگەندىن كېيىن يىلان بوۋاي چۆمۈلىنى دەرھال گۆھەرنىڭ تۆشۈكىگە باشلىغان. چۆمۈلە گۆھەردىكى تۆشۈكنى چۆمۈلە ئۇۋىسىمىكىن دەپ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن. ئۇ تۆشۈكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن چىققاندا يىپمۇ تۆشۈكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ بولغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مايمۇنچاقنىڭ پادىش...
●  يىپ ئۆتكۈزۈش 
●  ئېيىقچاقنىڭ ئوت ئۆ...
●  مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇ...
●  كىچىك سىياھ بېلىقن...
●  كاماردىكى ئۆردەك چ...
●  كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ ...
●  ئوغرى تۇتۇش 
●  ئەقىل سىناش 
●  ھاك بالىنىڭ قىسقۇچ ...
●  ئۆيگە قايتالمىغان ...
●  ئەللەي ناخشىسى 
●  ئەقىللىق ئۆردەك چۈ...
●  ئاچقۇچ 
●  ھاكاۋۇر ئالما چېچى...
●  دېلفىنچاقنىڭ مېھما...
●  چولپان بۆجەنلەر
●  پىلنىڭ تاجى
●  ھورۇن مۈشۈك
●  تەكەببۇر سەندەل دە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مايمۇنچاقنىڭ پادىشاھ بو...
●  يىپ ئۆتكۈزۈش 
●  ئېيىقچاقنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش...
●  مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇققا س...
●  كىچىك سىياھ بېلىقنىڭ ئۆ...
●  كاماردىكى ئۆردەك چۈجىسى...
●  كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ گېنې...
●  ئوغرى تۇتۇش 
●  ئەقىل سىناش 
●  ھاك بالىنىڭ قىسقۇچ پاقا ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى