كاماردىكى ئۆردەك چۈجىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-16 10:55:38 كۆرۈلۈش سانى : 248
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بىر كۈنى ئانا ئۆردەك چۈجىسىنى ئېلىپ سىرتقا چىقماقچى بوپتۇ. ئۇلار ئەمدى ئىشىكنىڭ يېنىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز تېلېفون جىرىڭلاپ كېتىپتۇ. ئانا ئۆردەك چۈجىسىگە >بۇ يەردە جىم تۇرغىن< دەپ قويۇپ تېلېفون ئالغىلى مېڭىپتۇ. ئانا ئۆردەك تېلېفوندا سۆزلىشىپ بولۇپ كېلىپ قارىسا ئۆردەك چۈجىسى كۆرۈنمىگىدەك، ئانا ئۆردەك دەرھال ئەتراپنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ. لېكىن ئۆردەك چۈجىسىنى ھېچقانداق يەردىن تاپالماپتۇ. ئانا ئۆردەك بەكلا تىت - تىت بولۇپ كېتىپتۇ. دەل بۇ چاغدا يىراقتىن ئۆردەك چۈجىسىنىڭ يىغلىغاندەك ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئانا ئۆردەك دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ ۋە ئاۋاز چىققان يەرگە بارغانسېرى يېقىنلىشىپتۇ. ئاۋاز ئەسلىدە ئېتىزلىقتىكى بىر كاماردىن چىقىۋاتقان ئىكەن. ئانا ئۆردەك دەرھال كامارغا يېقىنلاپ كېلىپ كامار ئىچىگە قاراپتۇ. كامار ئىچى قاپ - قاراڭغۇ بولۇپ، ھېچنەرسىنى كۆرەلمەپتۇ. ئانا ئۆردەك ئۆيىگە ئۇچقاندەك بېرىپ قول چىرىغىنى ئېلىپ كەپتۇ. ھەمدە قول چىرىغى بىلەن كامارنى يورۇتۇپتۇ. >ئاھ خۇدا، بۇ نېمە ئىش< دەپ توۋلىۋېتىپتۇ قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ئانا ئۆردەك. ئەسلىدە ئۆردەك چۈجىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن كامارنىڭ چوڭقۇر يېرىگە چۈشۈپ كېتىپ، قىسىلىپ قالغان ئىكەن. >ئاپا، ئاپا، تېز كېلىپ مېنى قۇتقۇزۇڭ< دەپتۇ ئۆردەك چۈجىسى ئىچىدە تىپىرلاپ تۇرۇپ. نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئانا ئۆردەك، دەرھال قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە تېلېفون قىپتۇ >ۋەي، تېز كېلىپ بالامنى قۇتقۇزۇڭلار<، >ۋەي، سىز قەيەر، ئوت ئەھۋالى قانداق< دەپتۇ قارشى تەرەپ. >تېز كېلىپ قۇتقۇزۇڭلار، مېنىڭ بالام كامارغا چۈشۈپ كەتتى< دەپتۇ ئانا ئۆردەك تېخىمۇ جىددىيلىشىپ. قارشى تەرەپ بولسا >بۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، سىز تېلېفوننى خاتا ئۇرۇپسىز< دەپتۇ. جىددىيلىشىپ كەتكەن ئانا ئۆردەك قارشى تەرەپنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلىمىغان ئىكەن. ئۆردەك ئانا پەقەت >تېز كېلىڭلار، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، بالامنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار< دەپ تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، بالىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپتۇ.
ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىن تېلېفوننى ئالغىنى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى پىلچاق ئىكەن. ئۇ ئامالسىز ئۆزى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئۇدۇل ئۆردەكلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ. ھەمدە ماشىنىدىن تېزلىكتە سەكرەپ چۈشۈپ ئۇدۇل ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە يېتىپ كەپتۇ. ئۆردەك ئانا قۇتقۇزۇشقا كەلگىنى قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئەمەس بەلكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ دەسلەپتە ھەيران قاپتۇ. لېكىن يەنە دەرھاللا پىلچاقنى باشلاپ كامارنىڭ بېشىغا كەپتۇ. پىلچاق كامارغا ئارغامچىنى تاشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا كامارغا قاراپ: >ئارغامچىغا ئېسىل< دەپ ۋارقىراپتۇ. ئەمما ئۆردەك چۈجىسى بەك كىچىك بولغاچقا ھەرقانداق قىلىپمۇ ئارغامچىنى تۇتالماپتۇ.
ئىچى تىتىلداپ كەتكەن ئانا ئۆردەك يىغلاپ تاشلاپتۇ. ئۇ يىغلامسىرىغان ھالدا بالىسىغا >بالام، بەرداشلىق بەر، چىدىغىن ئاز قالدى< دەپتۇ. پىلچاقنىڭمۇ ئىچى تىتىلداپ كېتىپتۇ. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ. ئۇ دەرھال ئۆردەك ئانىدىن: >ئۆردەك ئانا ئۆيۈڭلاردا توپا ئۇسۇش ماشىنىس بارمۇ< دەپ سوراپتۇ. >بار، مەن دەھال بېرىپ ئەكىلەي< دەپتۇ ئۆرەك ئانا ھەمدە ناھايىتى تېزلىكتە توپا ئۇسۇش ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەپتۇ. پىلچاق ئاخىرى توپا ئۇسۇش ماشىنىسى بىلەن ئۆردەك چۈجىسىنى قۇتۇلدۇرۇۋاپتۇ. ئانا ئۆردەك بولسا خۇشاللىقىدىن پىلچاققا كۆپلەپ رەھمەت ئېيتىپتۇ.
قېنى كىچىك دوست، سىز دەپ بېقىڭ، پىلچاق توپا ئۇسۇش ماشىنىسى بىلەن قانداق قىلىپ ئۆردەك چۈجىسىنى قۇتۇلدۇرۇۋالدى؟
جاۋاب: پىلچاق توپا ئۇسۇش ماشىنىسى بىلەن كامارغا نەچچە مېتىر يىراق ئارىلىققا بىر كامار ئاچقان، كامارنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئۆردەك چۈجىسى چۈشۈپ كەتكەن كامارنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئوخشاش، پىلچاق ئاندىن توغرىسىغا بىر كامار ئاچقان. توغرىسىغا ئېچىلغان كاماردىن ئۆردەك چۈجىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.
|
|