بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> بالىلار چۆچەكلىرى >> مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇققا ساياھەت قىلىشى 

مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇققا ساياھەت قىلىشى 

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-18 12:38:04    كۆرۈلۈش سانى : 228  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
           بىر كۈنى، ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلار چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىغا يىغىلىشىپ >قۇملۇقتا جانلىق بارمۇ - يوق< دېگەن تېمىدا بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپتۇ. مايمۇنچاق >قۇملۇقتا جانلىق بار< دەپتۇ. >جانلىق بار دەمسەن، قېنى ئىسپاتىڭ بولسا كۆرۈپ باقايلى< دەپتۇ شىمپەنزە مايمۇنچاقنى زاڭلىق قىلغان ھالدا. >خەپ مەن ساڭا ھامان ئىسپاتنى كۆرسىتىمەنغۇ< دەپتۇ مايمۇنچاق قەتئى ئىشەنچتە. شۇنداق قىلىپ مايمۇنچاق ئۆز كۆز قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى  ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇملۇققا ساياھەتكە بارماقچى بوپتۇ. ساياھەتكە ماڭىدىغان كۈن ئاخىرى  يېتىپ كەپتۇ. مايمۇنچاق قىزىل رەڭلىك ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپتۇ ھەمدە ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋاناتلار  بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئورمانلىقتا قالغان  باشقا ھايۋاناتلار  بولسا مايمۇنچاققا ئاق يول تىلىشىپتۇ. قىزىل رەڭلىك ھاۋا شارى دوستلارنىڭ گۈزەل تىلەكلىرى ئاستىدا بارا - بارا كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. ئۈچ كۈن كېچە - كۈندۈز يول يۈرگەندىن كېيىن، مايمۇنچاقنىڭ كۆز ئالدىدا كۆز يەتكۈسىز قۇم بارىخانلىرى كۆرۈنۈپتۇ. قۇملۇقنى كۆرگەن مايمۇنچاق بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىپتۇ ھەمدە قىزىل رەڭلىك ھاۋا شارىنى ناھايىتى تېزلىكتە قۇملۇققا قوندۇرۇپتۇ. مايمۇنچاق ئۆزى يالغۇز قۇملۇقتا يول يۈرۈپتۇ. تۆت ئەتراپتا نە سۇ، نە ئوت - چۆپلەر كۆرۈنمەيتتى. ھەممىلا يەر چەكسىز قۇملۇق ئىكەن.   تۇيۇقسىز مايمۇنچاقنىڭ كۆزلىرى ئويناپ كېتىپتۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان ھەم يوغان ھەم ئېگىز بىر تۆگىنى كۆرگەن ئىكەن. >ياخشىمۇ سەن< دەپ ئەھۋال سوراپتۇ مايمۇنچاق تۆگىدىن. >ياخشىمۇسەن< دەپ جاۋاب قىپتۇ تۆگىمۇ. ئۇلار ئۆز ئارا تونۇشقاندىن كېيىن مايمۇنچاق تۆگىدىن: >سەن مۇشۇ قۇملۇقتا تۇرمۇش كەچۈرەمسەن< دەپ سوراپتۇ. >ھەئە< دەپتۇ تۆگە بېشىنى لىڭشىتقاچ. مايمۇن  خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي قاپتۇ. چۈنكى ئۇ >قۇملۇقتا جانلىق بار< دېگەن قاراشقا ئىسپات تاپقان ئىكەن. ئەمما ئۇ يەنە ئۆزى چۈشىنەلمىگەن مەسىلىنى تۆگىدىن سوراپتۇ. >ئەي تۆگە، سەن بۇ سۇمۇ يوق، ئوت - چۆپمۇ يوق بۇ قۇملۇقتا قانداق ھايات كەچۈرىسەن<  دەپتۇ. تۆگە ئۆز - ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا: >چۈنكى مەن جاپا - مۇشەققەتكە چىدايمەن. ئەلۋەتتە، مەن ئۇزاق مەزگىل قۇملۇقتا ياشىغاچقا، بۇ يەرگە ماسلىشالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن< دەپتۇ. مايمۇنچاق تۆگە بىلەن خېلى ۋاقىت مۇڭدىشىپتۇ. ئاندىن تۆگە بىلەن خوشلىشىپ داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قۇملۇقتا تېخىمۇ كۆپ جانلىقلارنىڭ بار ئىكەنلىكى توغرىسىدا، تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتقا ئېرىشكىسى بار ئىكەن. تۇيۇقسىز مايمۇنچاقنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتكۈل بەدەنلىرى تىكەن باسقان  يېشىل ئۆسۈملۈكلەر  پەيدا بوپتۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئىسمى  پىتەكگۈل ئىكەن،  مايمۇنچاق ناھايىتى تېزلىكتە ئۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ  ھەمدە ئۇنىڭدىن >سەن شۇنچە كىچىك تۇرۇپ،  بۇ بىپايان قۇملۇقتا قانداقمۇ تۇرمۇش كەچۈرىدىغانسەن< دەپ سوراپتۇ. پىتەكگۈل مايمۇنچاققا ئۆزىنىڭ ھاياتلىق سىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. شۇندىلا مايمۇنچاق بۇ سىرنىڭ تېگىگە يېتىپتۇ. كېيىن مايمۇنچاق قۇملۇقتىكى دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئورمانلىققا قايتىپ كەپتۇ. مايمۇنچاق ئورمانلىققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قوملۇقتىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرىنى ئورمانلىقتىكى دوستلىرىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ ئورمانلىقتىكى ھايۋانلارمۇ قۇملۇقتا يەنە باشقا ھاياتلىقنىڭمۇ بارلىقىدىن ئىبارەت بىلىمگە ئىگە بوپتۇ.      قېنى كىچىك دوست، سىز دەپ بېقىڭ، پىتەكگۈلنىڭ قۇملۇقتا ھايات قالالىشىدىكى سىرى نېمە؟       جاۋاب: پىتەكگۈلنىڭ بەدىنىدىكى تىكەنلەر بولسا ئۇنىڭ يۇپۇرمىقىدىن ئىبارەت. بۇ يوپۇرماقلارنىڭ شەكلى تىكەن شەكلىدە بولغاچقا بىتەكگۈلنىڭ بەدىنىدە  سۇ تەركىبلىرى  ئاسانلىقچە پارغا ئايلىنالمايدۇ. شۇڭا پىتەكگۈل  قۇرغاقچىلىقتىن  قورقمايدۇ.  شۇنداقلا يەنە قۇملۇقتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مايمۇنچاقنىڭ پادىش...
●  يىپ ئۆتكۈزۈش 
●  ئېيىقچاقنىڭ ئوت ئۆ...
●  مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇ...
●  كىچىك سىياھ بېلىقن...
●  كاماردىكى ئۆردەك چ...
●  كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ ...
●  ئوغرى تۇتۇش 
●  ئەقىل سىناش 
●  ھاك بالىنىڭ قىسقۇچ ...
●  ئۆيگە قايتالمىغان ...
●  ئەللەي ناخشىسى 
●  ئەقىللىق ئۆردەك چۈ...
●  ئاچقۇچ 
●  ھاكاۋۇر ئالما چېچى...
●  دېلفىنچاقنىڭ مېھما...
●  چولپان بۆجەنلەر
●  پىلنىڭ تاجى
●  ھورۇن مۈشۈك
●  تەكەببۇر سەندەل دە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مايمۇنچاقنىڭ پادىشاھ بو...
●  يىپ ئۆتكۈزۈش 
●  ئېيىقچاقنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش...
●  مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇققا س...
●  كىچىك سىياھ بېلىقنىڭ ئۆ...
●  كاماردىكى ئۆردەك چۈجىسى...
●  كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ گېنې...
●  ئوغرى تۇتۇش 
●  ئەقىل سىناش 
●  ھاك بالىنىڭ قىسقۇچ پاقا ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى