كىچىك سىياھ بېلىقنىڭ ئۆلۈمى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-17 12:04:30 كۆرۈلۈش سانى : 196
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
كىچىك سىياھ بېلىقنىڭ ئاپىسى خىزمەت بىلەن كوماندىروپكىغا بارماقچى بوپتۇ. ئۆيىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، ئانا سىياھ بېلىق بالا سىياھ بېلىققا: >ئۆيگە ئوبدان قارا، ئويۇنغا بەك بېرىلىپ كەتمە< دەپ قايتا - قايتا جىكىلەپتۇ. ئاپىسىنىڭ قايتا - قايتا جىكىلەشلىرىدىن زېرىككەن سىياھ بېلىق >بولىدۇ، بولىدۇ. سىز خاتىرجەم بولۇڭ< دەپتۇ.
ئاپىسى كەتكەندىن كېيىنكى بىر قانچە كۈندە، كىچىك سىياھ بېلىق راست دېگەندەك ئۆيدىن سىرتقا چىقماي، ئۆيدىلا ئويناپتۇ. لېكىن بىر كۈنى، ئىشىكنى بىر )ماكرىل( دېڭىز بېلىقى چېكىپتۇ. دېڭىز بېلىقى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يول يۈرۈپ ھېرىپ كەتكەنلىكىنى، سىياھ بېلىقنىڭ ئۆيىدە بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىشنى ئويلىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. كىچىك سىياھ بېلىق بەك مېھماندوست ئىكەن. ئۇ دېڭىز بېلىقىنى ئۆيىگە باشلاپتۇ، ئۇ دېڭىز بېلىقىنىڭ ئالدىغا بىردەم چاي كەلتۈرسە، يەنە بىردەم پىچىنە - پىرەنىك كەلتۈرۈپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا كىچىك سىياھ بېلىق دېڭىز بېلىقى بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار تاغىدىن - باغدىن پاراڭلىشىپتۇ. ئاخىرىدا دېڭىز بېلىقى سىياھ بېلىقتىن >سېنىڭ قانداق كارامىتىڭ بار< دەپ سوراپتۇ. كىچىك سىياھ بېلىق بۇ يېڭى دوستىغا كارامىتىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بوپتۇ. ئۇ مەغرۇر ھالدا قورسىقىنى شاپىلاقلاپ تۇرۇپ: >مېنىڭ قورسىقىمنىڭ ئىچىدە بىر سىياھ خالتىسى بار، ئۇ بەكلا قالتىس< دەپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان دېڭىز بېلىقى كىچىك سىياھ بېلىقنى كارامىتىنى كۆرسىتىشكە ئالدىرتىپتۇ. كىچىك سىياھ بېلىق سىرلىق قىلىپ كۈلۈپ قويۇپتۇ ھەمدە ناھايىتى تېزلا سىياھ خالتىسىدىن، سىياھ چىقىرىپتۇ. بىردىنلا ئەتراپ قاپ - قاراڭغۇ بولۇپ كېتىپتۇ. سىياھ بېلىقمۇ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ. ھەيران قالغان دېڭىز بېلىقى: >بۇ نېمە ئىش، ئەتراپ نېمانچە قاراڭغۇ بولۇپ كەتتى، كىچىك سىياھ بېلىق سەن قايەردە< دەپ توۋلاپتۇ. خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، كىچىك سىياھ بېلىق دېڭىز بېلىقىنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. كىچىك سىياھ بېلىق كۆرەڭلىگەن ھالدا >قانداق، مېنىڭ ماھارىتىم قالتىسمىكەن< دەپتۇ. دېڭىز بېلىقى بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ >راست، بەك قالتىسكەن< دەپتۇ. كىچىك سىياھ بېلىق دېڭىز بېلىقىغا بۇ ماھارەتنىڭ سىياھ بېلىقلارنىڭ ئۆزىنى قوغداشنىڭ قورالى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
كىم بىلسۇن، دەل بۇ چاغدا دېڭىز سۈيى بىردىنلا قاتتىق دولقۇنلىنىپ كېتىپتۇ. كىچىك سىياھ بېلىق >ئاپلا، ئىش چاتاق، ئاكۇلا كەلدى!< دەپ ۋارقىراپتۇ. جىددىيلىشىپ كەتكەن كىچىك سىياھ بېلىق دەرھال سىياھ پۈركەپتۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈندۇركى ھەرقانچە كۈچەپمۇ سىياھ چىقىرالماپتۇ. دېڭىز بېلىقى بولسا قورققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئىكەن. ئاكۇلا ئېتىلىپ كېلىپلا دېڭىز بېلىقىنى يالماپ يۈتۈۋېتىپتۇ. بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرگەن سىياھ بېلىقنىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم بوپتۇ. ئۇ يەنە كۈچەپ سىياھ پۈركۈپتۇ ئەمما يەنىلا سىياھ چىقماپتۇ. كىچىك سىياھ بېلىق بار كۈچى بىلەن قاچماقچى بوپتۇ. ئەمما ئۇ ئاخىرى يەنىلا قورقۇنۇچلۇق ئاكۇلانىڭ بىر ۋاقلىق مېزلىك تامىقى بولۇپ قاپتۇ.
كېيىن سىياھ بېلىقنىڭ ئاپىسى قايتىپ كەپتۇ. ئانا سىياھ بېلىق يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ ھەمدە ئۆز - ئۆزىنى قاتتىق ئەيىپلەپ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن كىچىك سىياھ بېلىققا سىياھ خالتىسىدىكى سىياھنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىكنى دېمىگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ.
قېنى كىچىك، دوست سىز دەپ بېقىڭ، كىچىك سىياھ بېلىق نېمە ئۈچۈن ھالقىلىق پەيتتە سىياھ خالتىسىدىن سىياھ چىقىرالمايدۇ؟
جاۋاب: سىياھ بېلىق سىياھ خالتىسىغا، سىياھ يىغىش ئۈچۈن، ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭلاشقا ئادەتتە سىياھ بېلىق ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىغىچە، ئاسانلىقچە سىياھنى پۈركىمەيدۇ. كىچىك سىياھ بېلىق دېڭىز بېلىقىنىڭ ئالدىدا سىياھسىنى پۈركۈپ بولۇشىغىلا ئاكۇلا كەلگەن. دەل بۇ خەتەرلىك پەيتتە ئۇ قايتا سىياھ پۈركىيەلمىگەن. شۇڭا ئۇ ئاكۇلانىڭ بىر ۋاقلىق تامىقىغا ئايلانغان.
|
|