ئېيىقچاقنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-19 11:00:38 كۆرۈلۈش سانى : 297
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئورمانلىقتا بىر ئېيىقچاق بار ئىكەن. ئۇ ھەمىشە بالا چاقىسى يوق، ئاجىز، يېتىم - يېسىرلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىكەن. شۇڭا كۆپچىلىك ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن.
قوشنىسى قوي موماينىڭ بىرمۇ پەرزەنتى يوق ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتى ئاجىز بولغاچقا، يول يۈرەلمەيدىكەن. ئېيىقچاق بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوي موماغا سۇ ئەكىلىپ بېرىش، ئوتۇن يېرىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۈستىگە ئاپتۇ.
قوشنىسى ئات بوۋاينىڭمۇ بىرمۇ پەرزەنتى يوق ئىكەن. ئات بوۋا بىر ئۆمۈر كىشىلەرنىڭ يۈك - تاقىلىرىنى يۈدۈپ، بەللىرى مۈكچىيىپ ئاجىزلىشىپ قالغان ئىكەن. ئەمدىلىكتە بولسا ئېيىقچاق ئات بوۋايغا ياردەملىشىپ يۈك - تاقلارنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىدىغان بوپتۇ. شۇڭا ئات بوۋاي ئېيىقچاقتىن بەكمۇ مىننەتدار ئىكەن.
بىر كۈنى، ئېيىقچاقنى مىكىيان ھامما ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇ ئېيىقچاققا تۈلكىنىڭ ئۆزىنى توختىماستىن بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەدىسىلا >تۇخۇم بەر، پۇل بەر< دەپ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئېيىقچاقنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ ھەمدە تۈلكىنىڭ ئەدىپىنى بىر بېرىپ قويماقچى بوپتۇ.
ئېيىقچاق مىكىيان ھاممىدىن تۈلكىنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىنى سورىۋاپتۇ ھەمدە ناھايىتى تېزلا تۈلكىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەپتۇ. ئۇ تۈلكىنىڭ ئۆيىنڭ ئىشىكىنى قاتتىق ئۇرۇپتۇ ھەمدە >ھەي تۈلكە، قېنى بۇياققا چىق< دەپ توۋلاپتۇ. تۈلكە ئىشىكنى ئېچىشىغىلا، ئېيىقتىن قاتتىق بىر شاپىلاق يەپتۇ. بىكاردىن - بىكار بىر تەستەك يېگەن تۈلكە ھېچنەرسىنى ئاڭقىرالماپتۇ. ھەمدە تەستەك تەككەن يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ >ئېيىق ئاكا، نېمە بولدى، نېمىشقا مېنى بىكاردىنلا بىر تەستەك سالىسىز…< دەپتۇ. تۈلكىنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا، ئېيىقچاق غەزەپ بىلەن >سەن نېمە ئۈچۈن مىكىيان ھاممىنىڭ تۇخۇمىنى ئېلىۋالىسەن، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇنى بوزەك قىلىپ تېخى پۇل بەر دەيسەن< دەپتۇ. شۇ چاغدىلا ھەممىنى چۈشەنگەن تۈلكە دەرھال >كەچۈرۈڭ ئېيىق ئاكا، مەن خاتا قىلدىم، بۇندىن كېيىن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن، ئەگەر قىلسام تۈلكە بولماي كېتەي< دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. ئېيىقچاق تۈلكىنىڭ بىچارە ھالىتىگە قاراپ بىردىنلا يۇمشاپ كېتىپتۇ - دە >بۇندىن كېيىن ھەرگىز قىلمايسەن!، ئەگەر يەنە بوزەك قىلساڭ، سېنى بوش قويىۋەتمەيمەن جۇمۇ!< دەپتۇ ھەمدە تۈلكىگە قاراپمۇ قويماستىن كېتىپ قاپتۇ.
ئېيىقچاق كەتكەندىن كېيىن، تەنبىھ ئاڭلىغان تۈلكىنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ بۇ ھەممىگە ئارىلىشىۋالىدىغان >ئاتىكاچى<نىڭ ئەدىپىنى بىر بېرىپ قويماقچى بوپتۇ.
كەچ، ئەتراپ قاپ - قاراڭغۇ ئىكەن. ھىلىگەر تۈلكە ئېيىقچاقنىڭ ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بوپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا بىر تۇڭ بېنزىن بار ئىكەن. ئۇ ھويلىغا بىر تۇڭ بېنزىننىڭ ھەممىسىنى چېچىۋېتىپتۇ. ئاندىن بېنزىنغا ئوتنى قويۇۋېتىپ بەدەر تىكىۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا مىكىيان موما تېخى ئۇخلىمىغان ئىكەن. ئۇ دېرىزە ئەينىكىدىن ئېيىقچاقنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال >ئوت كەتتى، ئوت كەتتى< دەپ توۋلاپتۇ. ئېيىقچاق شۇنداقلا باشقا ھايۋاناتلار تاتلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئوتنى كۆرگەن ئېيىقچاق ئۆيىدىن ئېتىلىپ چىقىپتۇ. ھەمدە دەرھال چىلەكتىكى سۇ بىلەن ئوتنى ئۆچۈرمەكچى بوپتۇ. ئېيىقچاق ئەمدى سۇنى چاچاي دەپ تۇرۇشىغا ئېيىقچاقنىڭ ئاپىسى >بالام ئوتنى سۇ بىلەن ئۆچۈرمە< دەپ توۋلاپتۇ. ئاپىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ئېيىقچاق ھەيران قالغان ھالدا >ئوتنى سۇ بىلەن ئۆچۈرمەي، نېمە بىلەن ئۆچۈرىمىز< دەپتۇ. ئاپىسى ئۇنىڭغا بىر تەرەپتىن سەۋەبىنى دەپ بەرگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئوتنى ئۆچۈرۈپتۇ. ئاپىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغان ئېيىقچاق، ئاپىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ناھايىتى تېزلا ئوتنى ئۆچۈرۈۋاپتۇ.
قېنى كىچىك دوست، سىز دەپ بېقىڭ، نېمە ئۈچۈن بېنزىنغا كەتكەن ئوتنى سۇ بىلەن ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ؟
جاۋاب: بېنزىنغا كەتكەن ئوتنى سۇ بىلەن ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر كۆيىۋاتقان بېنزىغا سۇ چاچسا، ئوت تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ - دە، تېخىمۇ يامراپ كېتىپتۇ. بۇنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئوتنى ماغزاپلىق ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ياكى بولمىسا قۇم، توپىلار بىلەن ئۆچۈرۈش كېرەك.
|
|