بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> بالىلار چۆچەكلىرى >> كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ گېنېرالنى پەم بىلەن جايلىشى

كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ گېنېرالنى پەم بىلەن جايلىشى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-05 10:16:18    كۆرۈلۈش سانى : 252  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
  بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن، ياپونىيىدە زۇلى يىمەن ئىسىملىك بىر چوڭ گېنېرال بار ئىكەن. ئۇ ئەنگو ئىبادەتخانىسدا چاي تېتىپ كۆرۈش مەرىكىسى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىممەت باھالىق ئېسىل چاي قاچىسىنى ئىبادەتخانىدا ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ بۇ چاي قاچىسىنى كىچىك بىر راھىب سۇندۇرۇپ قويۇپتۇ. دەل شۇ چاغدا، يىمەن ئادەم ئەۋەتىپ، چاي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، باش راھىب ۋەيجەن چاي قاچىسىنى مەھكىمىگە ئېلىپ كەلسۇن دەپتۇ. مانا ئەمدى ئىشنىڭ چوڭى  چىقتى، باش راھىب ۋەيجەن قورقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي قاپتۇ.   ئەقىللىق يىشيۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىخىرامان يۈرۈپتۇ ۋە ئۇستازىغا مۇنداق دەپتۇ:   - باش راھىب، مەن سىز بىلەن بىللە باراي، ئۇنى ئۆزۈم توغرىلايمەن.   بىر چوڭ، بىر كىچىك ئىككى راھىب گېنېرالنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.   - يىمەن خوجام، ئادەم ياكى  ھايۋانلار، دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرى بېرىپ قانداق بولىدۇ؟- سوراپتۇ  يىشيۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.   يىمەن تۇيۇقسىز سورالغان سوئالدىن چۆچۈپ كېتىپتۇ. بىراق ئويلاپ كۆرۈپ، كىچىك راھىب يىشيۇنىڭ راھىب شاگىرتلىرىنىڭ ئۆزئارا سورىشىدىغان سوئالى بويىچە ئىش قىلغانلىقىنى بىلىپتۇ. يىمەنمۇ ئۆز ۋاقىتدا چېچىنى چۈشۈرۈپ راھىب بولغان ئادەم ئىكەن، شۇڭا ئۇ بۇنچىلىك ساۋاتنى بىلىدىكەن. ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:   - جانلىق نەرسىلەر مەلۇم بىر مەزگىلگە بارغاندا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ، توغرىمۇ؟   - ئۇنداق بولسا، دۇنيادىكى  بىر خىل شەكىل ئالغان نەرسىلەر ئاخىرىغا بېرىپ قانداق بولىدۇ؟   - دۇنيادىكى بىر خىل شەكىل ئالغان نەرسىلەر ئاخىرىغا  بېرىپ سۇنۇپ، چېقىلىپ تۈگەيدۇ.   يىمەننىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بولۇپ، يىشيۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:   -  سىزنىڭ  ھېلىقى ئېسىل چاي قاچىڭىز سۇنۇپ كەتتى، مەندە  ھەممە پارچىسى بار،- ئۇ قوينىدىن قاچىنىڭ پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئىككى قوللاپ يىمەنگە سۇنۇپ تۇرۇپ،- يىمەن غوجام، ىسزنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئېسىل چاي قاچىڭىزنى مەن سۇندۇرۇپ قويدۇم، مېنى كەچۈرۈڭ،- دەپتۇ.   يىمەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ، مۇنداق دەپتۇ:   - مەن قېرى سەن كىچىك راھىبقا ئالدىنىپتىمەن،- بىراق ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىگە  قاتتىق ئۆچمەنلىك يوشۇرۇنغانىكەن. ئۇ كۈلكىسىنى توختىتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:   -  نامىڭ  يالغان چىقماپتىكەندە! سەن ھەقىقەتەن كىشىلەردىن كۆپ ئەقىللىق بالا ئىكەنسەن. مېنىڭ بىر ئىشىم بار، سەن شۇنىڭغا ياردەم قىلغىن. قارا، بۇ دەرپەردىگە بىر يولۋاسنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. بۇ يولۋاس كەچ كىرىشى بىلەنلا دەرپەردىدىن سەكرەپ چۈشۈپ،  ئادەمنى زەخىملەندۈرىدۇ. سەن مۇشۇ يولۋاسنى ماڭا تۇتۇپ بەر.   دەرپەردىگە قومۇشلۇق  سىزىلغان بولۇپ، قومۇشلۇق ئارىسىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ ياتقان بىر ئالىتاغىل يولۋاسنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنىكەن. يولۋاس ئىككى كۆزىنى پارقىرىتىپ، قان يۇقى ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، ئۆتكۈر چىشلىرىنى چىقىرىپ، ئايغا قاراپ ھۇۋلاۋاتقان قىياپەتتە تۇرۇپتۇ. يولۋاس ھەقىقەتەن ياخشى سىزىلغانىكەن، كۆرۈنۈشتە خۇددى  دەرپەردىدىن سەكرەپ چۈشۈدىغاندەكلا كۆرۈنىدىكەن.   - چۈشەندىم،- دەپتۇ كىچىك يىشيۇ جاۋاب بېرىپ،- رەنجىمەي ماڭا بىر تال تومراق كەلگەن تانا تېپىپ بېرىڭ، ئاسان ئۈزۈلمەيدىغان بولسۇن، يەنە رەختتىن قىلىنغان لېنتىدىن بىر تال بېرىڭ.   گېنېرال بىر مۇلازىمغا دەپ  كىچىك يىشيۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەخ قىلدۇرۇپتۇ. يىمەن كىچىك يىشيۇدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئۇنىڭ نېمە قىلماقچى  بولغانلىقىغا قاراپ تۇرۇپتۇ. باش راھىب بۇ ئەھۋالىغا قاراپ ئولتۇرالماي قاپتۇ.   كىچىك يىشيۇ بىمالال ۋە تەمكىن ھالدا قوينىدىن بىر ياغلىقنى ئېلىپ بېشىغا چېگىپتۇ. ئاندىن ھېلىقى لېىنتىنى ئېلىپ  ئىككى يېڭىنىڭ ئۈچىنى چىڭ باغلاپتۇ. ھەممە ئىش پۈتكەندىن كېيىن، ئۇ چوڭ - چوڭ قەدەم تاشلاپ دەرپەردىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ - دە، قولىغا ھېلىقى توم شوينىنى ئېلىپ، قاپاقنى تۈرۈپ، يولۋاسقا  قاراپ تۇرۇپتۇ.   نېمە بولدۇڭ، چاققان بول،- دەپتۇ يىمەن قەستەن ئۇنى قىستاپ.   - بولىدۇ، يىمەن غوجام، بىراق مەن ئۇنى تۇتاي دېسەم، ئۇ مېنىڭ باتۇرلۇقۇمنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتىدۇ. خاپا بولماي دەرپەردىنىڭ ئارقىسىغا ئادەم ئەۋەتسىڭىز، ئۇ بېرىپ يولۋاسنى قوغلىسۇن - دە، مەن بېرىپ دەرھال ئۇنى تۇتاي.   يىمەن گەپ تېپىپ بېرەلمەپتۇ، ئۇ يەنە ئاتتىن چۈشسە، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەي مۇنداق دەپتۇ:   - ۋاي… بۇ يولۋاس راستىن سېنڭ باتۇرلۇقىڭدىن قورقۇپتۇ، قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى ئادەملەرنى زەخمىلەندۈرمەيدىغان ئوخشايدۇ. ئۇستاز - شاگىرت ئىككىڭلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېتيسام بولىدىغان ئوخشايدۇ!   مۇلازىملار  گۈپۈلدەپ پۇرىقى كېلىپ تۇرغان مېزىلىك تاماق كەلتۈرۈپ، باش راھىب چەيجەن بىلەن كىچىك يىشيۇنىڭ ئالدىغا  قويۇپتۇ. باش راھىب بىر قاراپلا يىمەننىڭ يېڭىدىن بىر ھۈنەر چىقارغانلىقىنى بىلىپتۇ، راھىبلارنىڭ گۆشسىز تاماق يېيىشىگىلا بولىدىكەن، گۆشلۈك تاماق يېيىشىگە بولمايدىكەن. تاماق ئۈستىلىگە تىزىلغانلارنىڭ ھەممىسى راھىبلارنىڭ يېيىشىگە بولمايدىغان گۆشلۈك تاماقلار ئىكەن.   باش راھىب كىچىك يىشيۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويماقچى بوپتىكەن، ئۈلگۈرەلمەي قاپتۇ.   يىشيۇ ھېجىيىپ تۇرۇپ ئالدىغا قويۇلغان بىر قاچا ياۋا ئۆردەك شورپىسىنى ھايت - ھۇيت دەپ بولغىچە ئىچىۋېتىپتۇ. ئاندىن تەخسە بىلەن كەلتۈرۈلگەن بېلىقلارنى يوغان - يوغان ئېلىپ ئاغزىغا سالغىلى تۇرۇپتۇ، ھەتتا بېلىق كاۋىپىنىمۇ قۇرۇق قويماپتۇ.   بۇ چاغدا يىمەن بىردىنلا ئالتۇن كۆز قويدۇرۇلغان خەنجىرىنى قېپىدىن چىقىرىپ، جارقىراپ تۇرۇپ دەپتۇ:   - راھىبلارنىڭ گۆشلۈك تاماق يېيىشىگە بولمايدىغان  تۇرسا، سەن مۇشۇنىمۇ بىلمەمسەن؟ ئۇستازىڭغا قاراپ باقە، قولىنى ئۇزىتىپمۇ قويمىدى. سەن ئۇنىڭ شاگىرتى تۇرۇپ، بۇ قائىدىنى بۇزدۇڭ، سېنى قانداق جازاغا تارتىشىم كېرەك؟   - يوقسۇ، ھېچ نەرسە يېگىنىم يوق،- دەپتۇ كىچىك يىشيۇ كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ئاندىن رەسمى قىلىپ،- ھېلىقى گۆش، بېلىق دېگەنلەر ناھايىتى كەلسە قورسىقىمدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. قورسىقىم يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۇدۇل كەتكەن بىر يول، بېلىق ساتىدىغان، گۆش ساتىدىغان ۋە گۈرۈچ ساتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يولدىن ماڭىدۇ.   - ھا - ھا- ھا، جايىدا گەپ قىلدىڭ. قورسىقىڭ يول ئىكەن، بېلىق ساتىدىغان، گۆش ساتىدىغانلار ئۆتىدىكەن، ئۇنداقتا، خەنجەر تۇتقان باتۇرلارنىڭ ئۆتۈشىدىمۇ  گەپ يوق ئىكەندە! كەل، بۇ خەنجەر قورسىقىڭدىن ئۆتۈپ باقسۇن،- يىمەن خەنجەرنىڭ ئۇچىنى يىشيۇنىڭ بۇرنىغا تەڭلەپ تۇرۇپ، سوغۇق كۈلۈپ قويۇپتۇ.   بۇ چاغدا، كەيپىيات جىدىيلىشىپتۇ، كىچىك يىشيۇ تەرىنى بۇزماي ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرۇۋېرىپتۇ.  ئۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي مۇنداق دەپتۇ:   -قورسىقىم راست بىر يول،  لېكىن ئېغىزىم  مۇشۇ يولنىڭ ئېغىزى. ئەڭ مۇھىمى، بۇددا شاگىرتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆمرۈم بويى كىشىلەرگە ئامانلىق تىلىدىم، بۇ مېنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىم. مۇشۇ ئېتىقادىم ئۈچۈن ئۇنداق قولىغا خەنجەر ئالغان، توقماق كۆتۈرگەنلەرنى ھەرگىز ئۆتكۈزمەيمەن دەپتۇ.   كىچىك يىشيۇنىڭ سۆزى يىمەننىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ قويۇپتۇ. ئۇ ئىلاجسىز خەنجىرىنى يىغىشتۇرۇپ، باش راھىب بىلەن يىشيۇغا قايتىپ كېىتىشكە رۇخسەت قىپتۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مايمۇنچاقنىڭ پادىش...
●  يىپ ئۆتكۈزۈش 
●  ئېيىقچاقنىڭ ئوت ئۆ...
●  مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇ...
●  كىچىك سىياھ بېلىقن...
●  كاماردىكى ئۆردەك چ...
●  كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ ...
●  ئوغرى تۇتۇش 
●  ئەقىل سىناش 
●  ھاك بالىنىڭ قىسقۇچ ...
●  ئۆيگە قايتالمىغان ...
●  ئەللەي ناخشىسى 
●  ئەقىللىق ئۆردەك چۈ...
●  ئاچقۇچ 
●  ھاكاۋۇر ئالما چېچى...
●  دېلفىنچاقنىڭ مېھما...
●  چولپان بۆجەنلەر
●  پىلنىڭ تاجى
●  ھورۇن مۈشۈك
●  تەكەببۇر سەندەل دە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مايمۇنچاقنىڭ پادىشاھ بو...
●  يىپ ئۆتكۈزۈش 
●  ئېيىقچاقنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش...
●  مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇققا س...
●  كىچىك سىياھ بېلىقنىڭ ئۆ...
●  كاماردىكى ئۆردەك چۈجىسى...
●  كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ گېنې...
●  ئوغرى تۇتۇش 
●  ئەقىل سىناش 
●  ھاك بالىنىڭ قىسقۇچ پاقا ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى