بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : بالىلار باغچىسى >> بالىلار چۆچەكلىرى >> ئوغرى تۇتۇش 

ئوغرى تۇتۇش 

يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-15 11:21:13    كۆرۈلۈش سانى : 268  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
        كېچە، ئەتراپ جىمجىت. كىيىكچاق ئۈستەل چىرىغى ئاستىدا كىتاب كۆرۈۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ ئەتىكى ئىمتىھانغا ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ پەقەت شۇنداق ياخشى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن  ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيتتىدە! بىر  چاغدا كىيىكچاق ئۆزىنى مۈگىدىگەندەك ھېس قىپتۇ. >ۋاقىت خېلى بىريەرگە بېرىپ قالغان ئوخشايدۇ، ئەمدى ياتاي  بولمىسا ئەتە ئەتىگەندە تۇرالماي قالماي يەنە< كىيىكچاق شۇلارنى ئويلىغاچ ئوخلىماقچى بولۇپ،  كىيىملىرىنى يەشمەكچى بوپتۇ. تۇيۇقسىز ئاشخانا ئۆي تەرەپتىن >شىپىر، شىپىر<  قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. كىيىكچاق كۆڭلىدە >چوقۇم ئۆيۈمگە ئوغرى كىردى< دەپ گۇمان قىپتۇ  ھەمدە دەرھال قولىغا كالتەكتىن بىرنى ئاپتۇ - دە ئاشخانا ئۆي تەرەپكە قاراپ ئاۋايلاپ مېڭىپتۇ. دەرۋەقە،  ئاشخانا ئۆيگە ئوغرى كىرگەن ئىكەن. بۇ ئوغرى باشقا بىرى  ئەمەس دەل تۈلكە ئوغرى ئىكەن. ئۇ توڭلاتقۇدىن يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ ھەدەپ يوغان بىر خالتىغا قاچىلاۋاتقان ئىكەن. >سەن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن< دەپتۇ  يۇقىرى ئاۋازدا كىيىكچاق.  تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ  ئاۋازدىن چۈچىگەن  تۈلكە ئالدى - كەينىگىمۇ قارىماي خالتىسىنى كۆتۈرگىنىچە ئىشىكنى ئېچىپلا بەدەر تىكىۋېتىپتۇ. كىيىكچاق دەرھال  كەينىدىن قوغلاپتۇ.   كېچە، ئەتراپ قاپ - قاراڭغۇ. ھەتتا ئاسماندىمۇ بىرتال يولتۇزمۇ كۆرۈنمەيتتى. تۈلكىنى قوغلاپ چىققان كىيىكچاق قاراڭغۇدا تۈلكىنىڭ قايسى تەرەپكە قاراپ قاچقىنىنى بىلەلمەي قاپتۇ. كىيىكچاقنىڭ قۇلىقى بەك ئۆتكۈر ئىكەن. ئۇ ئورنىدا جىم تۇرۇپ تىۋىشنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ شەرق تەرەپتىن تىۋىش ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىيىكچاق دەرھال شەرققە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. ئۇ يۈگۈرۈشلق،ڭ  بەك تېز بولغاچقا ناھايىتى تېزلا تۈلكىگە يېتىشىۋاپتۇ. ئەمما تۈلكە بولسا بەك ھىلىگەر ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈزلەڭلىكتە كېيىكچاققا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال يول بويىدىكى شاللىققا كىرىۋاپتۇ.   تۈلكىنىڭ شاللىققا كىرىۋالغىنىنى كۆرگەن كىيىكچاقنىڭ شاللىققا كىرىپ شاللارنى دەسسەپ نابۇت قىلغۇسى  كەلمەپتۇ. ئۇ ئەگرى، تار كەلگەن ئېتىز قىرىنى بويلاپ تۈلكىنى قوغلاپتۇ. يول بەك ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولغاچقا،  كىيىكچاق نەچچە قېتىم يىقىلىپ چۈشكىلىمۇ تاس قاپتۇ. كىيىكچاق شاللىقتىن چىققاندا تۈلكىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. كىيىكچاقنىڭ ئالدىدا شىمال - جەنۇبقا تۇتاشقان كەڭرى بىر يول تۇراتتى. >ھىلىگەر تۈلكە، قايسى تەرەپكە قاراپ قاچقاندۇ< كىيىكچاق شۇلارنى ئويلىغاچ قولىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئەتراپنى تىڭشاپتۇ. بۇ چاغدا شىمال تەرەپتىكى يول بويىدىكى شاللىقتا پاقىلارنىڭ بەس - بەستە >كۇر - كۇر< قىلىپ كۇرۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. جەنۇب تەرەپتىكى شاللىق بولسا ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت  تۇرغىدەك. كىيىكچاق بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ دەرھال ئۆزى >توغرا<  دېگەن تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ ھەمدە ناھايىتى تېزلا تۈلكىنى تۇتىۋاپتۇ.       قېنى كىچىك دوست، سىز دەپ بېقىڭ، كىيىكچاق قايسى  تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى؟ نېمىگە ئاساسەن ئوغرىنى شۇ تەرەپتە دەپ ھۆكۈم چىقاردى؟       جاۋاب: تۈلكە شىمال تەرەپكە قاچقان،  تۈلكىنىڭ ئاياغ تىۋىشى شىمال تەرەپتىكى شاللىقتىكى ئۇخلاۋاتقان پاقىلارنى چۈچۈتىۋەتكەن. كىيىكچاق پاقىلارنىڭ كۇرۇلدىغان ئاۋازىغا ئاساسەن تۈلكىنى شىمال تەرەپكە قاچقان دەپ ھۆكۈم قىلغان ھەمدە ناھايىتى تېزلا تۈلكىنى تۇتىۋالغان.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  مايمۇنچاقنىڭ پادىش...
●  يىپ ئۆتكۈزۈش 
●  ئېيىقچاقنىڭ ئوت ئۆ...
●  مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇ...
●  كىچىك سىياھ بېلىقن...
●  كاماردىكى ئۆردەك چ...
●  كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ ...
●  ئوغرى تۇتۇش 
●  ئەقىل سىناش 
●  ھاك بالىنىڭ قىسقۇچ ...
●  ئۆيگە قايتالمىغان ...
●  ئەللەي ناخشىسى 
●  ئەقىللىق ئۆردەك چۈ...
●  ئاچقۇچ 
●  ھاكاۋۇر ئالما چېچى...
●  دېلفىنچاقنىڭ مېھما...
●  چولپان بۆجەنلەر
●  پىلنىڭ تاجى
●  ھورۇن مۈشۈك
●  تەكەببۇر سەندەل دە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  مايمۇنچاقنىڭ پادىشاھ بو...
●  يىپ ئۆتكۈزۈش 
●  ئېيىقچاقنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش...
●  مايمۇنچاقنىڭ قۇملۇققا س...
●  كىچىك سىياھ بېلىقنىڭ ئۆ...
●  كاماردىكى ئۆردەك چۈجىسى...
●  كىچىك يىشيۇنىڭ چوڭ گېنې...
●  ئوغرى تۇتۇش 
●  ئەقىل سىناش 
●  ھاك بالىنىڭ قىسقۇچ پاقا ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى