بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> خىمىيە >> شال قاسىرىقى

شال قاسىرىقى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 12:33:38    كۆرۈلۈش سانى : 52  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئۇزاقتىن بېرى كېرەكسىز نەرسە دەپ قارالغان شال قاسىرىقى خىمىيىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ كېرەكلىك نەرسىگە ئايلاندۇرۇلدى. شال قاسرىقىنى ئېزىپ تاسقاپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يېپىشتۇرغۇچى، قاتۇرغۇچى ماتېرىياللارنى قوشۇپ قېلىپلاش، قىزىقىدا پرېسلاش، قىر - گىرۋەكلىرىنى كېسىپ سىلىقلاش ئارقىلىق ئۆي جاھازلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان تاختاي ياساشقا بولىدۇ. بۇنداق تاختاي كۆركەم، ئەرزان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوتتىن ساقلاش، قۇرت - قوڭغۇزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چىرىشتىن ساقلاشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، كېمىسازلىق، بىناكارلىك ھەمدە ھۆل - يېغىن كۆپ ياغىدىغان نەم جايلار ۋە ئاق چۈمۈلىلەر كۆپ جايلاردا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. شال قاسىرىقىدىن خىلمۇخىل خىمىيىۋى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەشكە بولىدۇ. شال قاسىرىقىنى قاچىغا سېلىپ ھاۋادىن ئايرىپ قىزدۇرۇش ئارقىلىق كۆمۈر گازى، فۇرفۇرال، سىركە كىسلاتاسى، مېتانول، ئاتسېتون، ئاكتىپلانغان كۆمۈر، ناترىي سىلىكات، سىلىتسىي كاربىد (كاربوروند)، ئوكسالات كىسلاتا قاتارلىق خىمىيىۋى مەھسۇلاتلارنى ئېلىشقا بولىدۇ. فۇرفۇرالدىن چىرايلىق نىلون ئىشلەپ چىقىرىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن يەنە فۇران سمولىسى ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇنى پىششىقلاپ سۇلياۋ ياسىغىلى بولىدۇ، بۇلاردىن باشقا، ئۇنىڭدىن فۇراسلىنغا ئوخشاش دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ بولىدۇ. سىركە كىسلاتاسى، مېتانول، ئاتسېتونلار خىمىيە سانائىتى ئىشلەپچىقىرىشىدىكى مۇھىم خام ئەشيادىن ئىبارەت. شال قاسىرىقى تەركىبىدە %95 سىلىتسىي (Ⅳ) ئوكسىد بولىدۇ. ناترىي ھىدروكسىد بىلەن قاسىراق كۇلىنى ئوخشىمىغان نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ ℃ 100قىچە قىزدۇرۇش ئارقىلىق ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى سۇيۇق ئەينەك − ناترىي سىلىكاتنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ، قەغەزچىلىك، توقۇمىچىلىق، فارفور سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى. ئالىملار شال قاسىرىقىدىن پايدىلىنىپ تەننەرخى تۆۋەن، ساپلىقى يۇقىرى بولغان سىلىتسىينى ئىشلەپچىقاردى، بۇ ھازىرقى زامان ئېلېكترون سانائىتىدە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ماتېرىيال. شال قاسىرىقىدىن مولېكۇلا ئەلگىكى، ئەينەك، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان ماتېرىيال، سۇ تازىلىغۇچى، سۇ دۇغى قاتمىلىرىنى چىقارغۇچى قاتارلىق مۇھىم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەشكە بولىدۇ. شال قاسىرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى رولىمۇ زور. شال قاسىرىقىنى يەر يۈزىگە بىۋاسىتە يېيىتىش ئارقىلىق ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، تۇپراقنىڭ ھارارىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈپ، مىكروبلارغا قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق. شال قاسىرىقىنى كاربونلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشلەنگەن بۇلۇتسىمان ماتېرىيالنىڭ سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى،1  كىلوگرام بۇ خىل ماتېرىيال8 .6 كىلوگرام سۇنى سۈمۈرەلەيدۇ، بۇ ئادەتتىكى تۇپراقنىڭ سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىدىن بىر ھەسسە كۆپ. ئۇ يەنە نۇر ۋە ھاۋانىمۇ ياخشى سۈمۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆسۈملۈكلەر يىلتىزىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش تەلىپىنى قاندۇرۇشقا بەك ماس كېلىدۇ. بۇ خىل ماتېرىيالدىن پايدىلىنىپ سۈنئىي تۇپراق تەييارلاپ تەرخەمەك تېرىلسا، مەھسۇلات مىقدارى ئادەتتىكى تۇپراققا تېرىغاندىكىگە قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ. شال قاسىرىقىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، دۇنيادا يىلىغا50  مىليون توننا شال قاسىرىقى چىقىدىكەن، ئەگەر ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىلسا، غايەت زور بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شال قاسىرىقى
●  كۆرۈنمەس دېزىنفېكس...
●  يېڭى سۈت ۋە قېتىق
●  يېقىلغۇ ماينى تېجە...
●  كۆزنى قاماشتۇرىدىغ...
●  شېكەرنىڭ كارامىتى
●  كۈلدۈرگۈچى گاز
●  رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ...
●  تۇز
●  ئېتىل خلورىد
●  «قۇرۇق باتارېيە»
●  كامفورا كۇمىلىچى
●  قايسى خىل سۇلياۋ خا...
●  سوپۇن
●  تەملىك تېتىتقۇ
●  كىر يۇغاندا سۇ تېجە...
●  يېڭىچە ئىچىملىكلەر
●  سەرەڭگە (ياڭخو) لار
●  ئوكسالات كىسلاتا
●  ساخارىن شېكەر ئەمە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شال قاسىرىقى
●  كۆرۈنمەس دېزىنفېكسىيىل...
●  يېڭى سۈت ۋە قېتىق
●  يېقىلغۇ ماينى تېجەشتىكى...
●  كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رە...
●  شېكەرنىڭ كارامىتى
●  كۈلدۈرگۈچى گاز
●  رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينە...
●  تۇز
●  ئېتىل خلورىد

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى