بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> خىمىيە >> يېڭى سۈت ۋە قېتىق

يېڭى سۈت ۋە قېتىق

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-21 12:05:11    كۆرۈلۈش سانى : 77  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
سۈت تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، لاكتوزا، كالتسىي، فوسفور قاتارلىق ماددىلار ۋە ۋىتامىن A،2 B،6B، D قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئۇلارنى ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. خام سۈت قاينىتىلغاندا مىكروبلار ئۆلۈپلا قالماستىن، يەنە سۈتتىكى ئاقسىللار ئۆزگىرىشچان ئاقسىلغا ئايلىنىپ ئاقسىل فېرمېنتلىرى تەسىرىدە ئاسان پارچىلىنىپ، ئادەم تېنىگە ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ. ئەمما، سۈتنى قايناتقاندا تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى، ۋاقتىمۇ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. سۈت ℃120 قىچە قىزدۇرۇلسا لاكتوزا كاربونلىشىپ سۇدىن ئاجراپ چىقىپ سۈتنى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگەرتىدۇ. قىزدۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، سۈت تەركىبىدىكى كىسلاتالىق كالتسىي فوسفات نيترال كالتسىي فوسفاتقا ئايلىنىپ ئېرىمەيدىغان چۆكمە ھاسىل قىلغاچقا، ئادەم بەدىنى ئۇنى ئاسان قوبۇل قىلالمايدۇ. قاينىتىلغان سۈت ئۇزاق قويۇپ قويۇلسا ھاۋادىكى مىكروبلارنى سۈمۈرۈۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى لاكتوزا پارچىلىنىپ لاكتىك كىسلاتا، فورمىئات كىسلاتا قاتارلىق ئاز مىقداردىكى ئورگانىك كىسلاتالارنى ھاسىل قىلىدۇ. سۈپىتى ئۆزگەرگەن بۇنداق سۈتنى ئىچسە ئىچ سۈرۈش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. لېكىن، يېڭى قېتىقنى كىشىلەر بەك ياخشى كۆرىدۇ. قېتىق ئەلا سۈپەتلىك لاكتىك كىسلاتا باكتېرىيىسى ئارقىلىق لاكتىك كىسلاتانى ئېچىتىپ تەييارلىنىدۇ. ھازىر قېتىقلاردىن تەبىئىي قېتىق، تەركىبىدە لاكتىك كىسلاتا بولغان قېتىق، مېۋە تەملىك قېتىق، خۇش پۇراقلىق قېتىقلار بار. قېتىق تەركىبىدە لاكتىك كىسلاتا باكتېرىيىسى بولۇپ، ئۇ ئۈچەيدىكى چىرىتكۈچى باكتېرىيىنى تورمۇزلاش، ئۆز تېنىدە زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە بولغان ئانتىبىئوتىك ماددىلارنى ھاسىل قىلالايدۇ. قېتىق يەنە قاندىكى خولېستېرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قېتىق بالىلارنىڭ كۆڭۈلدىكى ئىچىملىكى بولۇپ، ھەم ئاسان ھەزىم بولۇپ، ئاسان شۈمۈرۈلىدۇ، ھەم بالىلارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شال قاسىرىقى
●  كۆرۈنمەس دېزىنفېكس...
●  يېڭى سۈت ۋە قېتىق
●  يېقىلغۇ ماينى تېجە...
●  كۆزنى قاماشتۇرىدىغ...
●  شېكەرنىڭ كارامىتى
●  كۈلدۈرگۈچى گاز
●  رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ...
●  تۇز
●  ئېتىل خلورىد
●  «قۇرۇق باتارېيە»
●  كامفورا كۇمىلىچى
●  قايسى خىل سۇلياۋ خا...
●  سوپۇن
●  تەملىك تېتىتقۇ
●  كىر يۇغاندا سۇ تېجە...
●  يېڭىچە ئىچىملىكلەر
●  سەرەڭگە (ياڭخو) لار
●  ئوكسالات كىسلاتا
●  ساخارىن شېكەر ئەمە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شال قاسىرىقى
●  كۆرۈنمەس دېزىنفېكسىيىل...
●  يېڭى سۈت ۋە قېتىق
●  يېقىلغۇ ماينى تېجەشتىكى...
●  كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رە...
●  شېكەرنىڭ كارامىتى
●  كۈلدۈرگۈچى گاز
●  رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينە...
●  تۇز
●  ئېتىل خلورىد

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى