رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەكنىڭ سىرى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-20 11:05:43 كۆرۈلۈش سانى : 57
تەخمىنەن40 - يىللاردا ئالىملار رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەكنى كەشىپ قىلدى. ئۇ ئەتراپىدىكى نۇرلارنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا قاراپ، ئۆزلۈكىدىن رەڭگىنى ئۆزگەرتىدۇ.
ئەڭ دەسلەپكى رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەكلەرنىڭ سىرتقى تەسىرگە بولغان ئىنكاسى بەك ئاستا ئىدى، ئاق سۈزۈك ھالەتتىن قارىغا ئۆزگىرىشى ئۈچۈن3 مىنۇت، قارىدىن ئاققا ئۆزگىرىشى ئۈچۈن1 سائەت ۋاقىت كېتەتتى. ھازىرقى رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەكلەر بىرقانچە ئون سېكۇنتتىلا رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ تۇرمۇش، خىزمەتتىكى ھەر خىل ئېھتىياجغا ماسلىشالايدۇ. بىر خىل رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەك بار، كۈچلۈك نۇر تەسىرىدە بىر مىنۇت ئىچىدە ئۇنىڭ نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى %90 تىن %32 كە،3 مىنۇت ئىچىدە % 26كە تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر توساتتىن قاراڭغۇ مۇھىتقا ئېلىپ كىرىلسە2 مىنۇت ئىچىدە %23 تىن %51 كە،5 مىنۇت ئىچىدە %65 كە ئۆرلىيەلەيدۇ. ئەتىگەن، كەچتە نۇر ئاجىز بولغان شارائىتتا رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەكلەر ئەڭ يۇقىرى بولغان نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ.
رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەكلەرنىڭ سىرى بۇنداق ئەينەكلەردە نۇرغۇن كۈمۈش گاللوئىدلىرى (كۈمۈش برومىد، كۈمۈش خلورىد، كۈمۈش يودىد)نىڭ مىكرو كرىستاللىرى بولغانلىقىدا. بىر كۇب سانتىمېتىر ھەجىمدىكى رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەكتە بۇنداق مىكرو زەررىچىلەردىن تەخمىنەن1015 ×1 دانە بولىدۇ. مەلۇم دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى كۈچلۈك نۇر رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەككە چۈشكەندە كۈمۈش گاللوئىدلىرى ئەينەكتىكى يەنە بىر تەركىب مىس ئوكسىدنىڭ كاتالىز تەسىرىگە ئۇچراپ، كۈمۈش گالوگېنلىق بىرىكمىلەردىن ئايرىلىپ چىقىدۇ. بۇ كۈمۈش ئاتومى نۇر سۈمۈرگەچكە، ئەينەكنىڭ رەڭگى قارىيىدۇ. نۇرنىڭ چۈشۈشى توختىغاندىن كېيىن كۈمۈش يەنە كۈمۈش گاللوئىدىغا ئايلىنىدۇ - دە، ئەينەكنىڭ رەڭگى ئاقىرىدۇ.
رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەكلەردىن فوتو ئاپپاراتلارنىڭ ئەينىكى ياسىلىدۇ. ئاپپارات ئەينىكى ئاپپاراتقا كىرىدىغان نۇرنى ئاپتوماتىك كونترول قىلىدۇ، نۇر كۈچلۈك ۋاقىتلاردىمۇ يورۇقلۇق چەمبىرىكىنى تەڭشەشنىڭ ھاجىتى يوق، رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەكلەر بىنالارنىڭ ئىشىك، دېرىزىلىرىگە قويۇلسا يورۇقلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ، ئۇلاردىن بوتۇلكا ياساپ يورۇقلۇققا سەزگۈر دورىلارنى ساقلاشقا بولىدۇ.
رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەكتە سىلىتسىي (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ مىقدارى ئازراق بولغانلىقى، ئەينەك ئۆزىمۇ بىرقەدەر يۇمشاق بولغىنى ئۈچۈن ئاسان يېرىلىدۇ. رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينەك رەڭگىنى20 مىڭ قېتىم ئۆزگەرتەلەيدۇ، لېكىن ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلسە كونىراپ، رەڭ ئۆزگەرتىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ.
|
|