ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> خىمىيە >> يېقىلغۇ ماينى تېجەشتىكى سۇ ئارىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى
يېقىلغۇ ماينى تېجەشتىكى سۇ ئارىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-16 12:03:42 كۆرۈلۈش سانى : 78
ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۇ بىلەن ئوت ئۆزئارا چىقىشالمايدۇ. لېكىن، بەزى ئەمەلىيەتلەر سۇ بىلەن ئوتنىڭ ئۆزئارا چىقىشالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەگەر يېقىلغۇ مايغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئارىلاشتۇرۇلسا ئوت ئۆچۈپ قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ ياخشى كۆيىدۇ ھەم يېقىلغۇ ماي تېجىلىدۇ. ئالىملار بۇ ئالاھىدىلىكتىن پايدىلىنىپ يېقىلغۇ مايغا سۇ ئارىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغان.19
- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غەربتىكى دۆلەتلەردە پار پۈركۈش شەكلىدىكى پار قازانلىرىدا يېقىلغۇغا سۇ قوشۇش تېخنىكىسى قوللىنىلغان.20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىغا كەلگەندە ئۇلترا ئاۋازلىق ئەسۋابتىن پايدىلىنىپ يېقىلغۇ مايغا سۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئېمۇلسىيىلەش يېڭى تېخنىكىسى بارلىققا كېلىپ تېز تەرەققىي قىلدى. چەت ئەللەردىكى كۆپلىگەن زاۋۇت، ئاپتوموبىل، پاراخوت، كېمىلەردە بۇ ئۇسۇل قوللىنىلىپ، %20 تىن %30 كىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ماي تېجەپ قالغان. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكوستىكا تەتقىقات ئورنى تيەنجىن پولات زاۋۇتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم يېقىلغۇ مايغا سۇ ئارىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى مارتىن پېچتا پولات تاۋلاشتا قوللىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ %6.5 تىن % 9كىچە ماي تېجەپ قالدى.
يېقىلغۇ مايغا سۇ ئارىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ماي تېجەپ قېلىشقا بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى تۆۋەنلەتكىلىمۇ بولىدۇ. كىشىلەر بېنزىن ياكى مازوت «ئېغىر ماي» غا مەلۇم مىقداردا سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئالاھىدە بولغان ئۇلترا ئاۋازلىق ئېمۇلسىيىلەش ئەسۋابىدىن پايدىلىنىپ ئېمۇلسىيىلەپ «ئىچى سۇ، سىرتى ماي» بولغان مىكرو تامچىلىق ئېمۇلسىيىگە ئېرىشكەن. بۇ ئېمۇلسىيىدىكى سۇنى ئوراپ تۇرغان ماينىڭ دىئامېتىرى پەقەت1 −2 مىكرو مېتىر بولۇپ، ئۇنى پېچتا كۆيدۈرگەندە، ماي پەردىلىرى سۇيۇقلۇق تامچىلىرى ئەتراپىدا پارلىنىپ، تېخىمۇ نېپىزلەيدۇ. ماي پەردىلىرى تولۇق پارلىنىپ تۈگەشتىن ئىلگىرى سۇ تامچىلىرى «پارتلاپ» گازغا ئايلىنىپ ئەتراپىدىكى ماي پەردىلىرىنى يىرتىۋېتىپ، سۇيۇقلۇق تامچىلىرىنى ئىنتايىن ئۇششاق ماي زەررىچىلىرىگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇنداق ماي تامچىلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ كۆلىمى ساپ ماينىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ كۆلىمىدىن نەچچە مىليون ھەسسە چوڭىيىپ، يېقىلغۇ ماي تولۇق كۆيىدۇ. مانا بۇ «سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان يېقىلغۇ ماينىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك كۆيۈشى» نىڭ سەۋەبى. |
|