بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> خىمىيە >> كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ يالقۇنلار

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ يالقۇنلار

يوللانغان ۋاقتى : 2009-05-07 16:04:01    كۆرۈلۈش سانى : 58  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
سىز كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ يالقۇنلارنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سۆزنى «بۇنزىن لامپىسى» نىڭ يالقۇن رەڭ تەجرىبىسىدىن باشلايلى. بىر قىسىم مېتاللارنىڭ تۇزى ئۆزىگە خاس يالقۇن چىقىرىدۇ، بۇنى19  - ئەسىردە گېرمانىيىلىك مەشھۇر خىمىيە ئالىمى بۇنزېن بىرىنچى بولۇپ بايقىغان. ئۇ1854  - يىلى بىر خىل گاز لامپىسىنى كەشىپ قىلغان، كېيىن كىشىلەر بۇ لامپىنى «بۇنزېن لامپىسى» دەپ ئاتىغان. بىر قېتىم ئۇ تاسادىپىي ھالدا ئاش تۇزىنى گاز لامپىسىنىڭ يالقۇنىغا سەپكەندە ناھايىتى يورۇق بولغان سېرىق رەڭلىك يالقۇن چىققان. بۇ غەلىتە ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ ھەر قانداق ماددا مانا شۇنداق مۇقىم يالقۇن چىقىرامدىغاندۇ؟ دېگەن ئويغا كېلىپ، بىر قاتار يالقۇن رەڭ تەجرىبىلىرىنى ئىشلىگەن. ئۇ پلاتىنا سىمغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەر خىل مېتال تۇزلىرىنى يېپىشتۇرۇپ بۇنزېن لامپىسىدا كۆيدۈرۈپ، كالىي تۇزىنىڭ بىنەپشە رەڭلىك، ناترىي تۇزىنىڭ سېرىق رەڭلىك، كالتسىي تۇزىنىڭ خىش قىزىلى رەڭلىك، سترونتىسىي تۇزىنىڭ ئاچ قىزىل رەڭلىك، بارىي تۇزىنىڭ سارغۇچ يېشىل رەڭلىك يالقۇن چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ مېتال تۇزلىرى كۆيگەندە ئاشۇنداق ئوخشىمىغان رەڭدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ يالقۇنلارنى چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ھېيت - بايراملاردا ئېتىلغان پوچاڭزا - ساليوتلار كىشىلەرنى خۇشال - خۇراملىققا چۆمۈلدۈرۈگەن. سىز رەڭلىك پوچاڭزىدىن چىققان قىزىل رەڭلىك يالقۇنلارنى كۆرگىنىڭىزدە ئۇنىڭ سترونتىسىي كاربونات ياكى سترونتسىي نىتراتنىڭ؛ سېرىق رەڭلىك يالقۇننى كۆرگىنىڭىزدە ئۇنىڭ ناترىي نىتراتنىڭ؛ يېشىل رەڭلىك يالقۇننى كۆرگىنىڭىزدە ئۇنىڭ بارىي خلورىدنىڭ؛ كۆك رەڭلىك يالقۇننى كۆرگىنىڭىزدە ئۇنىڭ بىر قىسىم مىس تۇزلىرىنىڭ تۆھپىسى ۋە رولى ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالىسىز. دېمەك، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ يالقۇن چىقىرىدىغان ھەر خىل رەڭلىك پوچاڭزا ۋە ساليوتلار ھەر خىل مېتال تۇزلىرىنى قوشۇپ تەڭشەش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شال قاسىرىقى
●  كۆرۈنمەس دېزىنفېكس...
●  يېڭى سۈت ۋە قېتىق
●  يېقىلغۇ ماينى تېجە...
●  كۆزنى قاماشتۇرىدىغ...
●  شېكەرنىڭ كارامىتى
●  كۈلدۈرگۈچى گاز
●  رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ...
●  تۇز
●  ئېتىل خلورىد
●  «قۇرۇق باتارېيە»
●  كامفورا كۇمىلىچى
●  قايسى خىل سۇلياۋ خا...
●  سوپۇن
●  تەملىك تېتىتقۇ
●  كىر يۇغاندا سۇ تېجە...
●  يېڭىچە ئىچىملىكلەر
●  سەرەڭگە (ياڭخو) لار
●  ئوكسالات كىسلاتا
●  ساخارىن شېكەر ئەمە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شال قاسىرىقى
●  كۆرۈنمەس دېزىنفېكسىيىل...
●  يېڭى سۈت ۋە قېتىق
●  يېقىلغۇ ماينى تېجەشتىكى...
●  كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رە...
●  شېكەرنىڭ كارامىتى
●  كۈلدۈرگۈچى گاز
●  رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينە...
●  تۇز
●  ئېتىل خلورىد

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى