كۈلدۈرگۈچى گاز
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-29 10:50:40 كۆرۈلۈش سانى : 83
كۈلدۈرگۈچى گاز
دۇنيادا كۈلدۈرگۈچى گاز دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل گاز بار، ئۇنىڭ خىمىيىۋى نامى «ئازوت (Ⅰ) ئوكسىد (ئازوت مونوئوكسىدمۇ دېيىلىدۇ)». بۇ گازنىڭ ھاۋادىكى مىقدارى بەكلا ئاز بولۇپ، تەخمىنەن ھاۋا ھەجمىنىڭ2 مىليوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا كىشىلەر كۈندە ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ تۇرسىمۇ كۈلۈپ كەتمەيدۇ.
دەسلەپتە ئادەملەر كۈلدۈرگۈچى گاز ئادەمنى كېسەل قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.1798 - يىلىغا كەلگەندە ئەنگلىيىلىك خىمىيە ئالىمى داۋىي ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان مۇنداق بىر تەجرىبىنى ئىشلىگەن: ئۇ بىر تەرەپتىن كۈلدۈرگۈچى گازنى شۈمۈرۈپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىدە پەيدا بولغان فىزىئولوگىيىلىك تەسىرنى خاتىرىلىگەن. ئۇ بۇ تەجرىبە ئارقىلىق، كۈلدۈرگۈچى گازنىڭ نېرۋىغا ئاجايىپ بىر خىل تەسىر بېرىدىغانلىقىنى، ئازراق شۈمۈرسىلا ھاياجانلاندۇرۇپ تەبىئىيلا كۈلدۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەجرىبە جەريانىدا ئۇ يەنە بۇ گازنىڭ ئۆزىنىڭ چىش ئاغرىقىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەتكەنلىكىنى سەزگەن. كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ، بۇ گازدىن مەلۇم مىقداردا شۈمۈرسە ئادەم ناركوز ھالەتكە ئۆتۈپ، ئاغرىق ئازابىنىڭ يەڭگىللەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن بۇ گاز چىش كېسىلى بۆلۈمىدە ناركوز دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.
كۈلدۈرگۈچى گازنىڭ يەنە بىر قىزىقارلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ خۇددى ئوكسىگېنغا ئوخشاش كۆيۈشكە ياردەم بېرىدۇ. سىز ئۆچۈپ قالاي دېگەن بىر تال ياغاچ تاياقچىنى كۈلدۈرگۈچى گاز تولدۇرۇلغان بوتۇلكىغا سالسىڭىز شۇ ھامان ھاۋادا كۆيگەندىكىدىنمۇ شىددەتلىك كۆيۈپ يورۇقلۇق چىقىرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پارچىلىنىپ ئازوت ۋە ئوكسىگېن گازىنى ھاسىل قىلىدۇ.
كۈلدۈرگۈچى گازنىڭ بىر غەلىتە مىجەزى بار، ئۇنىڭ بىر مولېكۇلىسى ئالتە مولېكۇلا سۇ بىلەن بىرىكىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، سۇدا كۆپ مىقداردا كۈلدۈرگۈچى گازنى ئېرىتىپ ئاندىن سۇنى سوۋۇتساق كۈلدۈرگۈچى گاز كرىستالى ھاسىل بولىدۇ، بۇ كرىستال قىزدۇرۇلسا قايتىدىن يەنە كۈلدۈرگۈچى گاز ئاجرىلىپ چىقىدۇ. كىشىلەر بۇ گازنىڭ ئەنە شۇ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ ساپ كۈلدۈرگۈچى گازنى تازىلاپ ئالغان. |
|