بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> خىمىيە >> كۆرۈنمەس دېزىنفېكسىيىلىگۈچى − گامما نۇرى

كۆرۈنمەس دېزىنفېكسىيىلىگۈچى − گامما نۇرى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-12 11:21:15    كۆرۈلۈش سانى : 42  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
كۆرۈنمەس دېزىنفېكسىيىلىگۈچى − گامما نۇرى يەشىك - يەشىكلەپ ئوراپ قاچىلانغان ئاپېلسىن، ئالما ۋە باشقا خىلمۇخىل يېڭى مېۋە، كۆكتاتلارنى يەشىكنى ئاچماي تۇرۇپلا دېزىنفېكسىيىلەپ بىر يىلغىچە ئۆز پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ، مانا بۇ رادىئاتسىيىلەپ يېڭىچە ساقلاشنىڭ پايدىسى. دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ رادىئاتسىيىلەپ ئوراپ - قاچىلاش بازىسى1986  - يىلى شاڭخەيدە قۇرۇلغان. بۇ بازا يەشىك - يەشىك يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى رادىئاتسىيىلەپ ئۆز پېتى ساقلىيالايدۇ. بۇ ئۇسۇل داۋالاش ئەسۋابلىرىنى دېزىنفېكسىيىلەش، ھەر خىل تاۋارلارنىڭ كۆكىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇرت - قوڭغۇزلارنى يوقىتىش ئىشلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. رادىئاتسىيىلەپ دېزىنفېكسىيلەشتە دورا، ئەسۋاب - ئۈسكۈنە ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، تېزگىنلەش ئەسۋابىنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مېۋە قاچىلانغان يەشىكلەرنى كۇبالت بۆلۈمىدىن ئۆتكۈزۈپ رادىئاتسىيىلىسەك بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆز پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ. رادىئاتسىيىلەپ دېزىنفېكسىيىلەشنىڭ سىرى رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپ كۇبالت 60 - تا. چۈنكى، كۇبالت 60 - ئىزوتوپى گامما نۇرىنى چىقىرىدۇ، بۇ نۇر تاملارنىمۇ تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئادەتتىكى ئوراپ - قاچىلاش ماتېرىياللىرى مەيلى ئۇ ياغاچ يەشىك بولسۇن ياكى سۇلياۋ، قەغەز يەشىك بولسۇن گامما نۇرىنى توسۇپ قالالمايدۇ. مېۋە، كۆكتاتلار ئارىسىغا كىرىۋالغان مىكرو جانلىقلار، زىيانداش ھاشاراتلار، مىكروبلار گامما نۇرىغا يولۇققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ئۆسۈپ يېتىلەلمەي ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. كۇبالت 60 - چىقارغان نۇر بىلەن يېمەكلىكلەرنى رادىئاتسىيىلىگەندە، كۇبالت 60 - چىقارغان نۇرنىڭ ئېنېرگىيىسى تۆۋەن بولغاچقا، يېمەكلىكلەرنى رادىئوئاكتىپ خۇسۇسىيەتكە ئىگە نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىكلەر كۇبالت 60 - تىن ئىبارەت رادىئوئاكتىپ ماددا بىلەن زادىلا ئۇچراشمىغاچقا، يېمەكلىكلەردە رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ قالدۇقلىرىمۇ قېپقالمايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شال قاسىرىقى
●  كۆرۈنمەس دېزىنفېكس...
●  يېڭى سۈت ۋە قېتىق
●  يېقىلغۇ ماينى تېجە...
●  كۆزنى قاماشتۇرىدىغ...
●  شېكەرنىڭ كارامىتى
●  كۈلدۈرگۈچى گاز
●  رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ...
●  تۇز
●  ئېتىل خلورىد
●  «قۇرۇق باتارېيە»
●  كامفورا كۇمىلىچى
●  قايسى خىل سۇلياۋ خا...
●  سوپۇن
●  تەملىك تېتىتقۇ
●  كىر يۇغاندا سۇ تېجە...
●  يېڭىچە ئىچىملىكلەر
●  سەرەڭگە (ياڭخو) لار
●  ئوكسالات كىسلاتا
●  ساخارىن شېكەر ئەمە...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شال قاسىرىقى
●  كۆرۈنمەس دېزىنفېكسىيىل...
●  يېڭى سۈت ۋە قېتىق
●  يېقىلغۇ ماينى تېجەشتىكى...
●  كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رە...
●  شېكەرنىڭ كارامىتى
●  كۈلدۈرگۈچى گاز
●  رەڭ ئۆزگەرتىدىغان ئەينە...
●  تۇز
●  ئېتىل خلورىد

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى