شېكەرنىڭ كارامىتى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-30 12:46:09 كۆرۈلۈش سانى : 89
شېكەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ساخاروزا، گلۇكوزا، مالتوزا، ھەسەل قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
شېكەر بىلەن زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىشقا بولىدۇ. خاسىڭ، تاتلىقياڭيۇ، نۇرغۇن مېۋە ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. ئالىملار يىپسىمان قۇرتنى شېكەر سۈيىدە ئۆلتۈرگەن. شېكەر سۈيىنىڭ قۇرتنى ئۆلتۈرەلىشىدىكى سەۋەب، قويۇقلۇقى% 1 − % 2كە يەتكەن شېكەر ئېرىتمىسى يىپسىمان قۇرت تېنىدىكى سۇنى «شۈمۈرۈپ» ئالغاچقا، قۇرت سۇسىزلىنىپ ئۆلىدۇ. ئەگەر يىپسىمان قۇرت شېكەر سۈيىدە24 سائەت تۇرغۇزۇلسا ئېرىپ كېتىدۇ.
ئىلگىرى سىنئەينەك ئادەتتىكى ئەينەككە كۈمۈش يالىتىش ئارقىلىق ياسىلاتتى، ئۇنىڭدىمۇ گلۇكوزا مۇھىم رول ئوينىغان. چۈنكى، سىنئەينەك ياسىلىدىغان كۈمۈش - ئاممىياك ئېرىتمىسىگە مەلۇم مىقداردا گلۇكوزا ئېرىتمىسى قوشقاندىلا ئاندىن كۈمۈش - ئاممىياك ئېرىتمىسىدىكى كۈمۈش مېتال ھالەتتىكى كۈمۈشكە ئايلىنىپ ئەينەككە توپلىنىدۇ. مالتوزا قۇيمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ماتېرىياللارنى «قېلىپتىن چىقىرىشى» غا ياردەم بېرىدۇ. پولات نۆكچىلەرنى قۇيۇشتا، ئەگەر قېلىپقا بىر قەۋەت مالتوزا سۈركىۋېتىپ ئاندىن پولات سۇيۇقلۇقى قۇيۇلسا، مالتوزا ئىسسىقلىق تەسىرىدە كاربونلىشىپ نېپىز كۆمۈر قەۋىتىنى ھاسىل قىلىپ، پولات نۆكچە بىلەن قېلىپنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدۇ - دە، پولات نۆكچىسىنى قېلىپتىن ئاسانلا چىقىرىۋالغىلى بولىدۇ.
ھازىر، كۆپلىگەن دورىلارنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت «شېكەر يالىتىلىدۇ»، بۇنداق قىلغاندا دورا بەك ئاچچىق بىلىنمەيلا قالماي، يەنە دورا سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھەسەلنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى شېكەر بولۇپ، ئۇ ئادەملەر ياخشى كۆرىدىغان تاتلىق يېمەكلىك. ھەسەل يەنە سېسىشتىن، كۆكىرىپ قېلىشتىن ساقلاش رولىغا ئىگە. ھەسەلگە چىلانغان يېمەكلىكلەر ئۇزاققىچە بۇزۇلمايدۇ. ھازىرقى كەمپۈتلەرنىڭ ھەممىسى مېۋىلەرنى ھەسەلگە چىلاپ ياسىلىدۇ.
يارا ئېغىزىدىن قان چىقىپ كەتسە، پاكىز پاختىنى شېكەرگە تەگكۈزۈپ قان چىققان جايغا بىرنەچچە مىنۇت بېسىپ تۇرسا قان توختايدۇ.
|
|