ھاۋا رايى خەرىتىسى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-19 12:06:56 كۆرۈلۈش سانى : 89
ھاۋا رايى خەرىتىسى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتىكى ئۈنۈملۈك قورال.1853 - يىلى قىرىم ئۇرۇشى پارتلايدۇ، ئىككىنچى يىلى11 - ئايدا، سەرخىل قوراللانغان ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتى قارا دېڭىزدا كۈچلۈك بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پۈتۈنلەي دېگۈدەك غەرق بولىدۇ. فرانسىيە پادىشاھى ناپولېئون Ⅲ پارىژ رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقى لېفروينى بۇ قېتىملىقى قارا دېڭىزدىكى كۈچلۈك بوراننىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. لېفروي بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى رەسەتخانىلار بىلەن مېتېئورولوگىيە خىزمەتچىلىرىگە ياردەم سوراش خېتى يوللاپ،1854 - يىل11 - ئاينىڭ12 - كۈنىدىن16 - كۈنىگىچە بولغان مېتېئورولوگىيىلىك كۆزىتىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ توپلىغان ماتېرىيالىرىنى ياۋروپانىڭ بىر پارچە يېزىقسىز خەرىتىسىگە تولدۇرىدۇ. لېفروي ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە پاراخوت ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان قارا دېڭىزدىكى كۈچلۈك بوراننىڭ ياۋروپانىڭ غەربىي شىمالىدىن كەلگەنلىكىنى ھەمدە مۇئەييەن سۈرئەتتە غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇب تەرەپكە ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ھەيرانلىق بىلەن بايقايدۇ. بۇ ھاۋا رايى خەرىتىسىدىن كۈچلۈك بوراننىڭ قارا دېڭىزدىن ئۆتىدىغانلىقى ئېنىق بىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لېفروي ئەگەر بۇ ھاۋا رايى خەرىتىسى بولغان بولسا، قارا دېڭىزدىكى قورقۇنچلۇق بوراندىن ئالدىن مەلۇمات بەرگىلى ھەمدە ئاپەتتىن ساقلانغىلى بولاتتى دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. ئۇ بىر پارچە مەخسۇس دوكلات يېزىپ، دۆلەت ئىچىدە مېتېئورولوگىيىلىك كۆزىتىش تورى قۇرۇشنى، ئامالنىڭ بارىچە دۆلەت سىرتىدىكى مېتېئورولوگىيىلىك ئۇچۇرلارنى توپلاپ، كۆزىتىپ ئېرىشىلگەن ماتېرىياللارنى تېلېگرامما شەكلىدە تېز سۈرئەتتە ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مەركىزىگە يوللاپ، ھاۋا رايى خەرىتىسىنى سىزىپ، ھەر خىل ھاۋا رايى پائالىيەتلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھاۋا رايى خەرىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇسۇلى كەڭ ئومۇملىشىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىلمەكتە. ئا ق ش دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئۈچ سائەتتە بىر پارچە ھاۋا رايى خەرىتىسىنى ئىشلەپ تارقىتىدۇ.
ھازىر مېتېئورولوگىيە ئىستانسىلىرىدا يەر يۈزى ھاۋا رايى خەرىتىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا رايى خەرىتىسىمۇ بار. ئۆز دۆلىتىنىڭلا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيانىڭمۇ بار بولدى. ئېلىمىزنىڭ مېتېئورولوگىيە خىزمەتچىلىرى ئۆزئارا باغلىنىشلىق ۋە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان بۇ ھاۋا رايى خەرىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەت، ئاسىيا قىتئەسى، ھەتتا پۈتكۈل شىمالىي يېرىم شارنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدۇ. |
|