بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> مۇھىت >> ھايۋانات باغچىسى

ھايۋانات باغچىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-11 11:33:05    كۆرۈلۈش سانى : 40  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ھايۋانات باغچىسى ھەر خىل ياۋايى ھايۋانلارنى باقىدىغان، كۆرگەزمە قىلىدىغان، ھايۋانات ئىلمىگە دائىر بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرىدىغان ھەمدە ياۋايى ھايۋانلارنى ئىلمىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلىدىغان ئورۇندۇر. ھايۋانات باغچىسىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىۋېرسال ھايۋانات باغچىسىدىن باشقا يەنە دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرى، بېلىق تۈرىدىكى جانلىقلار ۋە يۈسۈنلەر باغچىسى، قۇملۇق ھايۋانلىرى باغچىسى، تەبىئىي ھايۋانات باغچىسى ۋە تىمساھ، كۆل جانلىقلىرى باغچىسى قاتارلىق مەخسۇس ھايۋانات باغچىلىرىمۇ بار. جۇڭگودىكى ھايۋانات باغچىلىرى ئىچىدە بېيجىڭ ھايۋانات باغچىسىدا ھايۋانات تۈرلىرى ئەڭ تولۇق، سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھايۋانلارنىڭ تۈرى تەخمىنەن900  خىلدىن ئاشىدۇ؛ شاڭخەي ھايۋانات باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يېرى ئەڭ چوڭ بولۇپ، كۆلىمى28  گېكتار كېلىدۇ. كۆپ ساندىكى ھايۋانات باغچىلىرىدا كۆرگەزمە رايونلىرى ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تەرتىپى بويىچە، يەنى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلاردىن باشلاپ كىت تۈرىدىكى ھايۋانلار، قوش ماكانلىق ھايۋانلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار، قۇشلارغىچە، ئاندىن سۈت ئەمگۈچى ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارغىچە بولغان تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بەزى ھايۋانات باغچىلىرىدا تېخى ھايۋانلارغا ھەر خىل ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنداش ماھارىتى ئۆگىتىلىدۇ، مەسىلەن، مايمۇننىڭ ۋېلىسىپىت مىنىشى، پىلنىڭ ئېغىز گارمونى چېلىشى، مۈشۈكئېيىقنىڭ ياغاچ توپ ئوينىشى ۋەھاكازالار. چەت ئەللەردە يەنە بىپايان دالىلاردىكى تەبىئىي مۇھىتلاردا تەبىئىي ھايۋانات باغچىلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، كىشىلەر ئالاھىدە ياسالغان ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇپ ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ئەركىن - ئازادە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. بۇنداق ئاپتوموبىللار ئاق رەڭ بىلەن قارا رەڭدە سىرلانغان بولۇپ، خۇددى تۆمۈردىن ياسالغان «تاغىل ئات» قا ئوخشايدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ ئىشىكى قۇلۇپلانغان، دېرىزىلىرى مەھكەم ئېتىلگەن، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بۇنداق ھايۋانات باغچىسىدىن ئافرىقىدا بىرنەچچىسى بار. كېنىيىدىكى شاخ ھايۋانات باغچىسىنىڭ كۆلىمى20  مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي ھايۋانات باغچىسى ھېسابلىنىدۇ. ھايۋانلار ئەڭ كۆپ باغچە تانزانىيىدىكى سلېگېد ھايۋانات باغچىسى بولۇپ، بۇ باغچىدا180  مىڭ زىراپە،500  مىڭ گىنۇ،200  مىڭ بۆكەن، يەنە نۇرغۇن شىر، يىلپىزلار بار. ھەر يىلى5  -،6  - ئايلاردا نۇرغۇن ھايۋانلار سۇ مەنبەسىنى تېپىش ئۈچۈن شەرقىي ئافرىقا مەركىزىي ئېگىزلىكىدىن بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ، نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سەپ تارتىپ ماڭغان بۇ ھايۋانلار قوشۇنى تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. زامبىيىدىكى كەفۋە ھايۋانات باغچىسىدا600  خىلدىن ئارتۇق قۇش بار بولۇپ، بۇ يەرنى «قۇشلارنىڭ جەننىتى» دېيىشكە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز بۈركۈتى بىلەن زامبىيىدىنلا چىقىدىغان قىزىل يۇڭلۇق بۆكەن كىشىنى ھەممىدىن بەك ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. زامبىيىدە يەنە بېگموت ۋە تىمساھلىرى بىلەن داڭق چىقارغان بىر ھايۋانات باغچىسى بار. كېنىيىدىكى ناكۇرۇ كۆلىدىكى ھايۋانات باغچىسى قىزىلقانات لەيلىكى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان قىزىلقانات لەيلەك كۆل بويىغا يىغىلغاندا، يىراقتىن قارىسا ئۇلار خۇددى لەيلەپ تۇرغان بىر پارچە چوڭ بۇلۇتقا ئوخشاش كۆرۈنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ھاۋا رايى خەرىتىسى
●  يەر شارىنىڭ قېلىنل...
●  فرونت يۈزى
●  تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى ...
●  سىكلون ۋە ئانتىسىك...
●  شەھەرلەردىكى يېشىل...
●  پاسسات شامىلى
●  ھايۋانات باغچىسى
●  ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىش...
●  ئاتموسفېرا ھەرىكىت...
●  ئۆگزە گۈللۈكى ۋە ئۆ...
●  غايەت زور ھاۋا ماسس...
●  ئېل نىنو ئىللىق ئېق...
●  شىپاڭ مەنزىرىلىرى
●  ئوكيان ئېقىمى
●  يەرلىك ئىقلىم
●  ئوتتۇرا دېڭىز ئىقل...
●  مۇسسۇن شامىلى
●  دۇنيا يەرشارى كۈنى
●  ئۆسۈملۈك باغچىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ھاۋا رايى خەرىتىسى
●  يەر شارىنىڭ قېلىنلىقى ز...
●  فرونت يۈزى
●  تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى ۋە يۇ...
●  سىكلون ۋە ئانتىسىكلون
●  شەھەرلەردىكى يېشىللىق ۋ...
●  پاسسات شامىلى
●  ھايۋانات باغچىسى
●  ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشى
●  ئاتموسفېرا ھەرىكىتى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى