ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> مۇھىت >> يەر شارىنىڭ قېلىنلىقى زادى قانچىلىك ؟
يەر شارىنىڭ قېلىنلىقى زادى قانچىلىك ؟
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-14 12:22:15 كۆرۈلۈش سانى : 108
ئالىملار يېقىنقى نەچچە 10يىل مابەينىدە سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئالەم كېمىسىدىن پايدىلىنپ يەر شارىنى ئۆلچەپ ، ئۇنىڭ ئۆلچەملىك بولمىغان ئىلىپىسسىمان شار جىسىم ئىكەنلىكىنى ، يەنى ئېكۋاتور قىسمى سەل تومپىيىپ چىققان ، ئىككى قۇيۇبى سەل ياپىلاق بولۇپ ، جەنۇبىي يېرىم شار بىلەن شىمالى يېرىم شارنىڭ بىر - بىرىضە سىممېترىڭ ئەمەسلىكىنى بايقىدى . ئىنچىكە ئۆلچەش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە رادىئوسى 6317km ، ئېكۋاتور رادىئوسىنىڭ 6378km ، ئىككى قۇتۇبىنىڭ ھەر بىرسىنىڭ رادىئوسىنىڭ 6357km ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقتى .
يېقىندا جۇغراپىيەشۇناسلار سۈنئىي ھەمراھ تەمىنلىضەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ يەر شارىدىكى ئەڭ قېلىن جاينى تاپتى ، بۇ جاي جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئېكۋاتورنىڭ چىمبورازوو تاخ چوقىسىدۇر . بۇ چوققىنىڭ يەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 6384km بولۇپ ، ئېكۋاتور رادىئوسىدىن 6.1km چوڭ ئىكەن . چىمبورازو چوققىسى بىر « ئۇخلاۋاتقان » يانار تاغ بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان يانار تاغ ئېغىزلىرى ۋە مۇزلۇقلار بار . ئالىملار يەنە يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى دولقۇن ھەرىكىتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ضۋانادىن 1600km كېلىدىغان ئاتلانتىك ئوكياننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا يېقىن ئانتاركتىدادىكى بىر جايدا جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان بىر جىلغا بارلىقىنى ، ئۇ جاينىڭ يەر پوستىنىڭ قېلىنلىقى ئارانلا 1.5km كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى . بۇ جاي يەر پوستىنىڭ ئەڭ نېپىز يېرى بولۇشى مۇمكىن . بۇ جاينىڭ يەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى قانچىلىك ؟ ئالىملار يەنىمۇ ئىلضىرىلەپ تەكشۈرىۋاتىدۇ .
كېلىش مەنبەسى :
شىنجاڭ پەن - تېخنىكا گېزىتى [url]www.ufizika.cn[/url] |
|