بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> مۇھىت >> تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى ۋە يۇقىرى بېسىم ئومۇرتقىسى

تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى ۋە يۇقىرى بېسىم ئومۇرتقىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-19 11:21:19    كۆرۈلۈش سانى : 45  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ھاۋا رايىدىن مەلۇمات بېرىش پروگراممىسىدا، بىز دائىم «تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى» ۋە «يۇقىرى بېسىم ئومۇرتقىسى» دېگەن سۆزنى ئاڭلايمىز، ئەمەلىيەتتە بۇلار سىكلون ۋە ئانتىسىكلوننى كۆرسىتىدۇ. شىمالىي يېرىم شاردىكى غەرب شامىلى بەلۋېغىدا، ئاتموسفېرا دولقۇنسىمان ھەرىكەت قىلىدۇ. دولقۇننىڭ پەس جىلغا رايونى تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى بولۇپ، ھاۋا ئېقىمى سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىدۇ، مەركىزىنىڭ ھاۋا بېسىمى تۆۋەن، تۆت ئەتراپىنىڭ يۇقىرى بولىدۇ. ھاۋا ئوقۇر سىرتىدىن ئىچىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئوقۇر ئىچىدە ھاۋا يىغىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ يامغۇرلۇق ھاۋا رايىنى شەكىللەندۈرىدۇ. دولقۇننىڭ ئېگىز چوققا رايونى يۇقىرى بېسىم ئومۇرتقىسى بولۇپ، ھاۋا ئېقىمى سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ئايلىنىدۇ، ھاۋا بېسىمى مەركىزىنىڭ يۇقىرى، تۆت ئەتراپىنىڭ تۆۋەن بولىدۇ، ھاۋا مەركەزدىن ئەتراپقا قاراپ تارقىلىدۇ، ئومۇرتقا ئىچىدە تۆۋەنگە  ئولتۇرۇشقان ھاۋا ئېقىمى ئەۋج ئالىدۇ، ئادەتتە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ. ئومۇرتقا بىلەن ئوقۇرنىڭ بىرى ئېگىز، بىرى پەس بولۇپ، دولقۇن ھاسىل قىلىدۇ. غەرب شامىلى بەلۋېغىنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئوقۇر - ئومۇرتقا سىستېمىلىرى غەرب شامىلى دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقىرى بوشلۇقتىكى ئوقۇر - ئومۇرتقا سىستېمىلىرى بىلەن يەر يۈزىدىكى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، شىمالىي يېرىم شاردىكى غەرب شامىلى بەلۋېغىدا يۇقىرى بوشلۇق ئوقۇرىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئادەتتە غەربىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ، بۇ خىل شامال بېنگال قولتۇقى بىلەن ھىندى ئوكياننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئىللىق نەم ھاۋانى ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا كەڭلىك رايونىغا ئېلىپ كېلىپ، بۇلۇت ۋە ھۆل - يېغىننىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلايدۇ. يۇقىرى بوشلۇق ئوقۇرىنىڭ كەينىدە (يۇقىرى بېسىم ئومۇرتقىسىنىڭ ئالدىدا) ئادەتتە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ - دە، يەر يۈزىدە يۇقىرى بېسىم رايونى شەكىللىنىپ، ھاۋا ئېچىلىدۇ. يۇقىرى بوشلۇق ئوقۇرى بىلەن ئومۇرتقىسى شەكىللەنگەندىن كېيىن توختىماستىن يۆتكىلىپ ۋە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بەزىدە كۈچىيىدۇ، بەزىدە ئاجىزلايدۇ. يۇقىرى بوشلۇق ئوقۇرى ۋە ئومۇرتقىسىنىڭ يۆتكىلىشى، ئۆزگىرىشى ھەمدە كۈچىيىشى، ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، يەر يۈزىدىكى ھاۋا رايى ئەھۋالىدا مۇناسىپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، شۇڭا يۇقىرى بوشلۇق ئوقۇر - ئومۇرتقا سىستېمىلىرىنىڭ پائالىيىتى ۋە ئۆزگىرىشى ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بېرىش ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتىكى مۇھىم مەزمۇن ھېسابلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ھاۋا رايى خەرىتىسى
●  يەر شارىنىڭ قېلىنل...
●  فرونت يۈزى
●  تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى ...
●  سىكلون ۋە ئانتىسىك...
●  شەھەرلەردىكى يېشىل...
●  پاسسات شامىلى
●  ھايۋانات باغچىسى
●  ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىش...
●  ئاتموسفېرا ھەرىكىت...
●  ئۆگزە گۈللۈكى ۋە ئۆ...
●  غايەت زور ھاۋا ماسس...
●  ئېل نىنو ئىللىق ئېق...
●  شىپاڭ مەنزىرىلىرى
●  ئوكيان ئېقىمى
●  يەرلىك ئىقلىم
●  ئوتتۇرا دېڭىز ئىقل...
●  مۇسسۇن شامىلى
●  دۇنيا يەرشارى كۈنى
●  ئۆسۈملۈك باغچىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ھاۋا رايى خەرىتىسى
●  يەر شارىنىڭ قېلىنلىقى ز...
●  فرونت يۈزى
●  تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى ۋە يۇ...
●  سىكلون ۋە ئانتىسىكلون
●  شەھەرلەردىكى يېشىللىق ۋ...
●  پاسسات شامىلى
●  ھايۋانات باغچىسى
●  ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشى
●  ئاتموسفېرا ھەرىكىتى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى