بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> مۇھىت >> شەھەرلەردىكى يېشىللىق ۋە كىچىك سەيلىگاھلار

شەھەرلەردىكى يېشىللىق ۋە كىچىك سەيلىگاھلار

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-14 12:15:47    كۆرۈلۈش سانى : 47  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
شەھەرلەردىكى يېشىللىق ئادەتتە ئاممىۋى يېشىللىق (ھەر خىل باغچە، سەيلە - ساياھەت قىلىدىغان، دەم ئالىدىغان دەل - دەرەخلىك)، ئولتۇراق رايوندىكى يېشىللىق، قاتناش بۆلەكلىرىدىكى يېشىللىق، مەلۇم ئورۇنغا قارايدىغان يېشىللىق، ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئەسى يېشىللىقى ۋە شەھەر ئىچى ياكى شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى يېشىللىق (مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى، دەم ئېلىپ كۈتۈنۈش رايونى، داۋالىنىپ كۈتۈنۈش رايونى) دىن ئىبارەت ئالتە خىلغا بۆلۈنىدۇ. زامانىۋى شەھەرلەردە يېشىللىق كۆلىمى قانچە چوڭ بولسا، شەھەرنىڭ مۇھىت سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. چۈنكى يېشىللىق شاۋقۇن - سۈرەننى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، زەھەرلىك، زىيانلىق گازلارنى ۋە چاڭ - توزانلارنى سۈمۈرۈپ، شەھەرنىڭ كىلىماتىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، كىشىلەرگە ياخشى پائالىيەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ ھەمدە شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرى، پولشانىڭ ۋارشاۋا شەھىرى، ئاۋسترالىيىنىڭ كانبېررا شەھىرى، چاۋشيەننىڭ پيۇڭياڭ شەھىرى ۋە سىنگاپور، جەنۋە قاتارلىق جايلاردا يېشىللىق كۆپ بولغانلىقى، يەنە كېلىپ مۇۋاپىق پىلانلانغانلىقى، ياخشى باشقۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار دۇنياغا داڭلىق »باغچە شەھەر « لەرگە ئايلانغان. جۇڭگونىڭ خاڭجۇ، خېفېي، گۇيلىن، نەننىڭ، چىڭداۋ قاتارلىق شەھەرلىرىمۇ باغچە شەھەر يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. يېشىللىق مەيدانلىرى، ئولتۇراق رايونلىرىدىكى ئاممىۋى يېشىللىق، يوللارنىڭ كېسىشكەن يېرىدىكى يېشىللىق ۋە كوچا - كويلاردىكى يېشىللىقلارنى جۇڭگولۇقلار ئادەتتە باغچە دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. بۇنداق باغچىلارنىڭ كۆلىمى كىچىك، سانى كۆپ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا قۇلايلىق. باغچىلاردا يەرلەرنى گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەر ئارقىلىق كۆكەرتىش ئاساس قىلىنىدۇ، پىيادىلەر يولى ۋە ئارام ئالىدىغان ئورۇندۇقلار مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنداق باغچىلاردا ئانچە - مۇنچە بالىلار ئويۇنچۇقلىرى، كۆلچەك، گۈلزارلىق، ھەيكەل، گۈل جاھازلىرى، تەشۋىقات كارىدورى دېگەندەكلەرمۇ بار. جۇڭگودا باغچە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللىرى ناھايىتى كۆپ. داليەن شەھىرىنىڭ جۇڭشەن مەيدانىدىكى يېشىللىق، خاڭجۇ شەھىرىنىڭ ۋۇلىن مەيدانىدىكى يېشىللىق، شاڭخەي شەھىرىنىڭ جياڭشى ئوتتۇرا يولىدىكى كىچىك باغچە، تيەنجىن شەھىرىنىڭ گۇيلىن يولىدىكى باغچە، خېفېي شەھىرىدىكى داۋشياڭ باغچىسى ۋە خېبىڭ باغچىسى قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە."


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ھاۋا رايى خەرىتىسى
●  يەر شارىنىڭ قېلىنل...
●  فرونت يۈزى
●  تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى ...
●  سىكلون ۋە ئانتىسىك...
●  شەھەرلەردىكى يېشىل...
●  پاسسات شامىلى
●  ھايۋانات باغچىسى
●  ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىش...
●  ئاتموسفېرا ھەرىكىت...
●  ئۆگزە گۈللۈكى ۋە ئۆ...
●  غايەت زور ھاۋا ماسس...
●  ئېل نىنو ئىللىق ئېق...
●  شىپاڭ مەنزىرىلىرى
●  ئوكيان ئېقىمى
●  يەرلىك ئىقلىم
●  ئوتتۇرا دېڭىز ئىقل...
●  مۇسسۇن شامىلى
●  دۇنيا يەرشارى كۈنى
●  ئۆسۈملۈك باغچىسى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ھاۋا رايى خەرىتىسى
●  يەر شارىنىڭ قېلىنلىقى ز...
●  فرونت يۈزى
●  تۆۋەن بېسىم ئوقۇرى ۋە يۇ...
●  سىكلون ۋە ئانتىسىكلون
●  شەھەرلەردىكى يېشىللىق ۋ...
●  پاسسات شامىلى
●  ھايۋانات باغچىسى
●  ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشى
●  ئاتموسفېرا ھەرىكىتى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى