فرونت يۈزى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-25 10:37:42 كۆرۈلۈش سانى : 37
فرونت يۈزى سوغۇق ۋە ئىللىق ھاۋا ماسسىسى ئارىسىدىكى تار چېگرا يۈزى بولۇپ، فرونت يۈزىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تېمپېراتۇرا روشەن پەرقلىنىدۇ. بۇ جايدا دائىم گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، دەھشەتلىك بوران گۈركىرەپ، ھاۋا رايى ناھايىتى ناچار بولىدۇ.
فرونت يۈزى ھاۋا بوشلۇقىدىكى يانتۇ يۈزدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى كەڭلىكى ئادەتتە200 ~400 كىلومېتىر، گورىزونتال ئۇزۇنلۇقى نەچچە مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەمما پەسرەكلىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئاران1 -2 كىلومېتىر، ئەڭ ئېگىزلىرىنىڭمۇ ئون نەچچە كىلومېتىرلا كېلىدۇ. فرونت يۈزىنىڭ يەر يۈزىدىكى تەسىر دائىرىسى1 مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
فرونت يۈزى سوغۇق ۋە ئىللىق ھاۋا ماسسىلىرىنىڭ ئۆزئارا يېقىنلىشىشى ۋە ئىتتىرىشىدىن شەكىللىنىدۇ. سوغۇق ھاۋا ماسسىسىدىكى ھاۋانىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى يۇقىرى، سالمىقى چوڭ بولغاچقا، فرونت يۈزىنىڭ ئاستى تەرىپىدە ھەمىشە سوغۇق ھاۋا ماسسىسى، ئۈستى تەرىپىدە ئىللىق ھاۋا ماسسىسى بولىدۇ. فرونت يۈزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سوغۇق - ئىللىق ھاۋا ماسسىسىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكتىكى فرونت يۈزى سىستېمىسى شەكىللىنىدۇ.
سوغۇق ھاۋا ماسسىسى كۈچلۈك بولۇپ، ئىللىق ھاۋا ماسسىسىنى ئىتتىرىپ فرونت يۈزىنى ئىللىق ھاۋا ماسسىسى تەرەپكە سىلجىتسا، سوغۇق فرونت دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئىللىق ھاۋا ماسسىسى كۈچىيىپ، سوغۇق ھاۋا ماسسىسىنى ئىتتىرىپ فرونت يۈزىنى سوغۇق ھاۋا ماسسىسى تەرەپكە سىلجىتسا، ئىللىق فرونت دەپ ئاتىلىدۇ. ئىللىق ھاۋا ماسسىسى بىلەن سوغۇق ھاۋا ماسسىسىنىڭ كۈچى تەڭلىشىپ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ئېنىق بولمىسا، فرونت يۈزى ناھايىتى ئاز يۆتكىلىدۇ، بۇ نىسپىي تۇرغۇن فرونت دەپ ئاتىلىدۇ. تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان يەنە بىر خىل فرونت ئوككلۇزىيىلىك فرونت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىللىق ھاۋا ماسسىسى، بىرقەدەر سوغۇق ھاۋا ماسسىسى ۋە تېخىمۇ سوغۇق ھاۋا ماسسىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ھاۋا ماسسىسىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى ۋە رولىدىن شەكىللەنگەن.
ئوخشاش بولمىغان فرونتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ھاۋا رايى ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. سوغۇق فرونت تەسىر كۆرسەتكەندە، ئادەتتە كۆپىنچە بوران چىقىش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە مۆلدۈر يېغىش قاتارلىق كۈچلۈك ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. سوغۇق فرونت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھاۋا تېزلا ئېچىلىدۇ. ئىللىق فرونت تەسىر كۆرسەتكەندە، ئادەتتە بۇلۇت قاتلىمى كەڭ بولىدۇ، يامغۇر كۆپىنچە ئۇدا چوڭ دائىرىدە ياغىدۇ. نىسپىي تۇرغۇن فرونت تەسىر كۆرسەتكەندە، بۇلۇت قاتلىمى تېخىمۇ كەڭ، يامغۇر يېغىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا »چوكانتال مەۋسۇمىدا ئۇدا يامغۇر ياغىدۇ« دېگەن گەپ بار، بۇ نىسپىي تۇرغۇن فرونتنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. |
|