سىكلون ۋە ئانتىسىكلون
يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-16 12:33:15 كۆرۈلۈش سانى : 40
ئوخشاش بولمىغان ھاۋا رايى ھادىسىلىرىنى ئوخشاش بولمىغان ھاۋا رايى سىستېمىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىكلون بىلەن ئانتىسىكلون ئەڭ ئاساسلىق ئىككى خىل ھاۋا رايى سىستېمىسىدۇر.
دەريادىكى چوڭ - كىچىك قايناملارغا ئوخشاش ئاتموسفېرادىمۇ ھەر خىل قايناملار بولىدۇ، ئۇلار ئاساسىي ئېقىمغا ئەگىشىپ، بىر تەرەپتىن ئايلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. شىمالىي يېرىم شاردىكى ھاۋانىڭ ئايلىنىش مەركىزى سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىدىغان چوڭ تىپتىكى ھاۋا قاينىمى سىكلون دېيىلىدۇ؛ ھاۋانىڭ ئايلىنىش مەركىزى سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئايلىنىدىغان چوڭ تىپتىكى ھاۋا قاينىمى ئانتىسىكلون دېيىلىدۇ. جەنۇبىي يېرىم شاردا بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، سىكلون سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئايلىنىدۇ، ئانتىسىكلون سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىدۇ. غەرب شامىلى بەلۋېغىدا بولسا ئاساسىي ھاۋا ئېقىمىغا ئەگىشىپ غەربتىن شەرققە قاراپ يۆتكىلىدۇ؛ شەرق شامىلى بەلۋېغىدا سىكلون بىلەن ئانتىسىكلون ئاساسىي ھاۋا ئېقىمىغا ئەگىشىپ شەرقتىن غەربكە قاراپ يۆتكىلىدۇ.
سىكلون بىلەن ئانتىسىكلون چوڭ تىپتىكى ھاۋا رايى سىستېمىسى بولۇپ، تەسىر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. سىكلوننىڭ دىئامېتىرى ئادەتتە1000 كىلومېتىر، كىچىكلىرىنىڭ200 −300 كىلومېتىر، چوڭلىرىنىڭ2000 −3000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئانتىسىكلوننىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ دائىرىسى قىتئە ۋە ئوكيانلارنىڭ كۆلىمىدەك كېلىدۇ. سىكلون ۋە ئانتىسىكلوننىڭ شەكىللىنىشى ۋە يۆتكىلىشى كەڭ رايونلارنىڭ ھاۋا رايىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىكلون بىلەن ئانتىسىكلوننىڭ پەيدا بولۇشى، راۋاجلىنىشى، يۆتكىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشتىكى مۇھىم مەزمۇن ھېسابلىنىدۇ.
سىكلون رايونىدا ھاۋا ئېقىمى تۆت ئەتراپتىن مەركىزىگە قاراپ يىغىلىدۇ، ھاۋا ئېقىمى يەر يۈزى ھاۋا قاتلىمىدىكى سۇ پارىنى ئېلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندە سوۋۇپ كوندېنساتسىيىلىنىپ بۇلۇت ۋە يامغۇرنى شەكىللەندۈرىدۇ، شۇڭا سىكلون رايونىدا ئادەتتە يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. ئانتىسىكلون رايونىدا ھاۋا ئېقىمى ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ تارقىلىدۇ، تۆۋەنگە ئولتۇرۇشقان ھاۋا ئېقىمى ئەۋج ئالىدۇ، ئادەتتە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ. ئېلىمىز ئوتتۇرا كەڭلىك رايونىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، سىكلون ۋە ئانتىسىكلون پائالىيىتى كۆپ بولىدۇ. ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى جىددىي ھاۋا رايى ئۆزگىرىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سىكلون بىلەن ئانتىسىكلوننىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن. مەسىلەن، قىش پەسلىدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى سوغۇق بولىدۇ، دائىم ئانتىسىكلون يۇقىرى بېسىم مەركىزى شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل سوغۇق ئانتىسىكلون جەنۇبقا قاراپ يۆتكەلسىلا، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا كۈچلۈك سوغۇق ئېقىم پەيدا قىلىپ، ھاۋا رايىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنە مەسىلەن، تەيفېڭ بورىنى ناھايىتى كۈچلۈك تروپىك بەلۋاغ سىكلونى بولۇپ، بوران ۋە قارا يامغۇر ئېلىپ كېلىدۇ. |
|