پاسسات شامىلى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-14 12:15:16 كۆرۈلۈش سانى : 39
بۇنىڭدىن400 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى دېڭىز ئېكسپېدىتسىيىچىسى ماگېللان كېمە ئەترىتىنى باشلاپ تۇنجى قېتىم جەنۇبىي يېرىم شاردىكى غەرب شاماللىرى بەلۋېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ تىنچ ئوكيانغا بېرىش جەريانىدىكى بىرقانچە ئايلىق دېڭىز سەپىرىدە، دېڭىزنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە بويسۇنغانلىقىدەك ئاجايىپ ھادىسىنى بايقىغان. دەسلەپتە دېڭىزدا شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىپ، پاراخوتنى غەربكە قاراپ ئىتتىرگەن، كېيىنچە شەرقىي جەنۇب شامىلى تەدرىجىي ئاجىزلاپ، دېڭىز تېنچلانغان. ئاخىردا كېمە ئەترىتى ئاسىيادىكى فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارغان. ئەسلىدە، پاسسات شامىلى ئۇلارغا زور ياردەم بەرگەنىكەن.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، شامال يۇقىرى بېسىملىق رايوندىن تۆۋەن بېسىملىق رايونغا قاراپ چىقىدۇ. پاسسات شامىلى يەر يۈزىگە يېقىن جايدىكى كەڭلىكى °30 بولغان سۇبتروپىك بەلۋاغ يۇقىرى بېسىم رايونىدىن ئېكۋاتور تۆۋەن بېسىم رايونىغا قاراپ چىقىدىغان بىر خىل شامال. بۇ خىل شامال مۇقىم رايوندا قەرەللىك پەيدا بولىدۇ، شامال يۆنىلىشىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىدىن شەكىللەنگەن يەر شارى ئايلىنىشىنىڭ ئېغىتىش كۈچى تەسىرىدىن شىمالىي يېرىم شاردا ھاۋانىڭ ھەرىكىتى ھەمىشە ئوڭغا، جەنۇبىي يېرىم شاردا سولغا ئاغىدۇ، شۇڭا جەنۇبىي ۋە شىمالىي يېرىم شاردىكى پاسسات شامىلىنىڭ يۆنىلىشى بىردەك بولمايدۇ. شامال شىمالىي يېرىم شاردا شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ چىقىدۇ، بۇ «شەرقىي شىمال پاسسات شامىلى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ جەنۇبىي يېرىم شاردا شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قاراپ چىقىدۇ، بۇ «شەرقىي جەنۇب پاسسات شامىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. ماگېللاننىڭ كېمە ئەترىتى تىنچ ئوكياندىن ئۆتكەندە دەسلەپتە «شەرقىي جەنۇب پاسسات شامىلى بەلۋېغى» غا كىرگەن، ئاندىن «ئېكۋاتور شامالسىز بەلۋېغى» غا كىرىپ، ئاخىردا مەنزىلگە يەتكەن.
جەنۇبىي ۋە شىمالىي يېرىم شاردىكى پاسسات شامىلى بەلۋېغى پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ قانۇنىيەتلىك ھالدا جەنۇب ۋە شىمالغا قاراپ يۆتكىلىدۇ. مەسىلەن، شىمالىي يېرىم شاردىكى تىنچ ئوكياندىكى شەرقىي شىمال پاسسات شامىلى بەلۋېغى ئومۇمەن ھەر يىلى ياز پەسلىدە شىمالغا يۆتكىلىدۇ، قىش پەسلى يېتىپ كەلگەندە، شامال بەلۋېغى جەنۇبقا قاراپ يۆتكىلىدۇ. ئىككىنچى يىلى ياز پەسلى يېتىپ كەلگەندە، شامال بەلۋېغى يەنە ئەسلىي ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پاسسات شامىلى بەلۋېغىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىدىكى ئالاھىدە رايون ئىچىدە، پاسسات شامىلىنىڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ.
قەدىمكى زاماندا دېڭىز قاتنىشىدا پۈتۈنلەي يەلكەنگە تايىناتتى، شۇڭا پاسسات شامىلىدىن ئىبارەت بۇ خىل ۋاقتى ۋە يۆنىلىشى مۇقىم ئالاھىدە شامال خەلقئارالىق سودا كېمىلىرىنىڭ يىراقلارغا بېرىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغان. پاسسات شامىلى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى خەلقئارا سودىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى «سودا شامىلى» دەپمۇ ئاتاشقان.
|
|