بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئىقتىساد >> ئېلان

ئېلان

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-11 11:31:22    كۆرۈلۈش سانى : 49  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئېلان مەلۇم بىر خىل تارقىتىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۇچۇر يەتكۈزۈشتىكى بىر تۈرلۈك ئۇسۇل. ئېلاننى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: ھۆكۈمەت، پارتىيە، دىن، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي گۇرۇھ ۋە شەخسنىڭ ئۇقتۇرۇشى، باياناتى، ئېلانى قاتارلىقلار ئىقتىسادىي پايدىنى مەقسەت قىلمىغان ئېلانغا كىرىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، مۇلازىمەت كەسپى تىجارەتچىلەرنىڭ باياناتى، ئۇقتۇرۇشى، تاۋار ۋە ئەمگەك - مۇلازىمەت تونۇشتۇرۇشى قاتارلىقلار ئىقتىسادىي پايدىنى مەقسەت قىلغان ئېلانغا تەۋە. ھازىر ئېلان دېگەندە ئادەتتە تىجارەتنى مەقسەت قىلغان ئېلانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئاددىي ئېلان كوچا بويلاپ توۋلاپ سېتىش ۋە ئىشىك ئالدىغا تىزىپ قويۇلغان، ئېسىپ قويۇلغان تاۋارلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار ئاغزاكى ئېلان ۋە بۇيۇم ئېلانى دېيىلىدۇ. تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېلاننىڭ شەكىللىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. جۇڭگونىڭ تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدىلا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاۋازلىق ئېلان، بايراقلىق ئېلان، پانۇسلۇق ئېلان، ۋىۋىسكىلىق ئېلان، رەسىملىك ئېلان، دۇكان ئېلانى قاتارلىقلار بارلىققا كەلگەنىدى. كېيىن، يېزىقچە ئېلانلار بارلىققا كەلدى. ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسى ۋە مەدەنىيەت، سەنئەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېلانمۇ يېڭى شەكىللەرگە ئىگە بولدى. ھازىر ئېلاننىڭ شەكىللىرى ئاساسلىقى گېزىت ئېلانى، ژۇرنال ئېلانى، تېلېۋىزىيە ئېلانى، رادىئو ئېلانى، يول ۋىۋىسكىسى ئېلانى، نېئونلۇق چىراغ ئېلانى، ۋىترىنا (مال ئەۋرىشكىلىرى تىزىپ قويۇلىدىغان ياكى تەشۋىقات رەسىملىرى چاپلاپ قويۇلىدىغان دېرىزە − ت) ئېلانى، قاتناش ئېلانى، پوچتا يوللانمىلىرى ئېلانى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئېلان ئارقىلىق تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرۇش تەمىنلەش - تەلەپ زىددىيىتىنى پەسەيتىش، سېتىش ۋە مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئېلان يەنە تەلەپنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلارنى ئاچىدۇ، تاۋار ۋە مەبلەغنىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئېلان ئىستېمالغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سېتىۋېلىش ۋاقتىنى تېجەيدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قۇلايلاشتۇرىدۇ، تاۋارلارنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ. تاۋارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئېلان سەنئىتى كىشىلەرگە گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىش ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ياخشى ئىجتىمائىي پەزىلەت تۇرغۇزۇشقا پايدىلىق. ئېلان چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا چىقىرىلىشى، ئىستېمالچىلارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، يالغانچىلىققا ۋە ساختا تەشۋىقاتقا يول قويۇلمايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تا...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا...
●  تاۋار ماركىسى ۋە تا...
●  خەلقئارا كىرىم - چى...
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى
●  خېرىدار چاقىرىش ۋە ...
●  سۇغۇرتا
●  پۇل ئامانىتى
●  پۇل چېكى
●  كرېدىت كارتىسى
●  كرېدىت
●  [ئىقتىسادىي بىلىمل...
●  ئەمگەك ۋە ئەمگەك ئى...
●  ئەمگەك − بايلىقنىڭ ...
●  زايوم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تاشقى پ...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا بېجى
●  تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار م...
●  خەلقئارا كىرىم - چىقىم
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى