بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئىقتىساد >> ئەتكەسچىلىك

ئەتكەسچىلىك

يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-04 11:23:39    كۆرۈلۈش سانى : 37  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئەتكەسچىلىك دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش، ئىمپورت - ئېكسپورت بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش ۋە تاموژنا بېجىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولغان، مال، ئالتۇن - كۈمۈش، پۇل، ۋېكسېل، ئاكسىيە ھەمدە باشقا نەرسىلەرنى چېگرىدىن قانۇنسىز ئەكىرگەن ۋە ئېلىپ چىققان، توشۇغان، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتكەن، تاموژنىنىڭ نازارىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، تاموژنا بېجىنى ئوغرىلىغان ياكى تاپشۇرمىغان، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە تاموژنىنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتىدىن ئۆتمىگەن ياكى باج كېمەيتىلمىگەن ۋە ياكى كەچۈرۈم قىلىنمىغانلىقتىن سېتىش ھوقۇقى بولمايدىغان ئىمپورت ماللارنى ئۆز ئالدىغا ئالغان ياكى ساتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا، ئەتكەسچىلىك قىلمىشى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئورۇننىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن، تاموژنا تەسىس قىلىنمىغان جايدىن دۆلەت چېگرىدىن چىقىرىش ۋە كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلغان ماللارنى، دۆلەت ئېكسپورت ۋە ئىمپورت قىلىشقا چەك قويغان ياكى قانۇن بويىچە تاموژنا بېجى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان ماللارنى چېگرىدىن ئېلىپ كىرگەن ۋە چىقارغان، توشۇغان قىلمىش؛ تاموژنا تەسىس قىلىنغان جايدىن دۆلەت چېگرىسىدىن كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشنى مەنئى قىلغان بۇيۇملارنى، دۆلەت چەك قويغان ياكى تاموژنا بېجى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماللارنى يوشۇرۇش، نىقابلاش، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش، ساختا مەلۇم قىلىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، تاموژنىنىڭ نازارىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، توشۇغان، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتكەن، ئېلىپ كىرگەن قىلمىش؛ تاموژنىنىڭ رۇخسىتىدىن ئۆتمىگەن ھەمدە تولۇقلاپ باج تاپشۇرماي تۇرۇپ ئالاھىدە رۇخسەت بىلەن ئىمپورت قىلىنىدىغان باجدىن خالىي ماللار، تاموژنا نازارەت قىلىدىغان، باشقۇرىدىغان باشقا ماللار ياكى ئىمپورت قىلىنغان قاتناش قوراللىرىنى ئۆز ئالدىغا سېتىش؛ تاموژنىنىڭ رۇخسىتىدىن ئۆتمىگەن ھەمدە باج تاپشۇرماي تۇرۇپ، ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنىدىغان، بېجى كۆتۈرۈۋېتىلىدىغان ياكى كېمەيتىلىدىغان، ئىمپورت قىلىنىپ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كارخانىلارغا، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئورۇنلارغا ئىشلىتىلىدىغان ماللارنى ئۆز ئالدىغا ساتقان ياكى چېگرا ئىچىدىكى باشقا رايونلارغا توشۇغان قىلمىش قاتارلىقلار. تاموژنا بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولغان بۇيۇملارنى ئېلىپ كىرگەن، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتكەن، بىراق سانى كۆپ بولمىغان، سېتىپ پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان قىلمىشلارغا قارىتا، ئادەتتە تاموژنا ئەتكەس ماللارنى مۇسادىرە قىلىش ھەمدە جەرىمانە قويۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن زور ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىنى بولسا، سوت مەھكىمىسىنىڭ جازالىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تا...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا...
●  تاۋار ماركىسى ۋە تا...
●  خەلقئارا كىرىم - چى...
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى
●  خېرىدار چاقىرىش ۋە ...
●  سۇغۇرتا
●  پۇل ئامانىتى
●  پۇل چېكى
●  كرېدىت كارتىسى
●  كرېدىت
●  [ئىقتىسادىي بىلىمل...
●  ئەمگەك ۋە ئەمگەك ئى...
●  ئەمگەك − بايلىقنىڭ ...
●  زايوم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تاشقى پ...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا بېجى
●  تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار م...
●  خەلقئارا كىرىم - چىقىم
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى