بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئۆگىنىش >> ئىقتىساد >> خەلقئارا كىرىم - چىقىم

خەلقئارا كىرىم - چىقىم

يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-04 10:20:59    كۆرۈلۈش سانى : 47  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
خەلقئارا كىرىم - چىقىم بىر دۆلەتنىڭ مۇئەييەن مەزگىل ئىچىدە دۆلەت سىرتىدىن كىرىم قىلغان بارلىق پۇل مەبلىغى ۋە دۆلەت سىرتىغا چىقىم قىلغان بارلىق پۇل مەبلىغى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ مۇئەييەن مەزگىل (ئادەتتە بىر يىل) ئىچىدىكى تاشقى ئىقتىسادىي سودا ئالاقىسىنىڭ سىستېمىلىق خاتىرىسى. خەلقئارا كىرىم - چىقىم «دائىملىق تۈر» ۋە «كاپىتال تۈر» دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دائىمىي تۈر يەنە تاۋار ۋە ئەمگەك - مۇلازىمەت تۈرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاۋار تۈرى تاۋارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمگەك - مۇلازىمەت تۈرى ئەمگەك - مۇلازىمەتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسىنى، جۈملىدىن سۇغۇرتا پۇلى، ترانسپورت خىراجىتى، رەسمىيەت ھەققى، ئۆسۈم، ساياھەت خىراجىتى، شۇنداقلا مۇھاجىرلارنىڭ پېرېۋوت پۇلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كىرىم ۋە چىقىمنى كۆرسىتىدۇ. كاپىتال تۈر كاپىتالنىڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئايلىنىش خاتىرىسىنى كۆرسىتىدۇ، مۇددەت جەھەتتىن، ئۇنى ئۇزاق مەزگىللىك كاپىتال تۈر ۋە قىسقا مۇددەتلىك كاپىتال تۈر دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئاساسلىنىپ، ھۆكۈمەت كاپىتالى تۈرى ۋە شەخسىي كاپىتال تۈرى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. كاپىتالنىڭ كىرگۈزۈلۈشى كىرىم دەپ ئاتىلىدۇ؛ كاپىتالنىڭ چىقىرىلىشى چىقىم دەپ ئاتىلىدۇ. كاپىتال تۈرى ۋە دائىمىي تۈردىكى بارلىق كىرىم بىلەن چىقىمنى سېلىشتۇرغاندا، ئەگەر كىرىم بىلەن چىقىم ئۆزئارا تەڭ بولسا، بۇ »خەلقئارا كىرىم - چىقىم تەڭپۇڭلۇقى« دەپ ئاتىلىدۇ، ئەگەر كىرىم ئومۇمىي سوممىسى چىقىم ئومۇمىي سوممىسىدىن چوڭ بولسا، بۇ «خەلقئارا كىرىم - چىقىمدىكى ئوڭ پەرق» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئەكسىچە بولسا، بۇ «خەلقئارا كىرىم - چىقىمدىكى تەتۈر پەرق» ياكى خەلقئارا كىرىم - چىقىمدىكى قىزىل رەقەم دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئادەتتە تاشقى پېرېۋوت ياكى ئالتۇن ئارقىلىق قايتۇرۇلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تا...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا...
●  تاۋار ماركىسى ۋە تا...
●  خەلقئارا كىرىم - چى...
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى
●  خېرىدار چاقىرىش ۋە ...
●  سۇغۇرتا
●  پۇل ئامانىتى
●  پۇل چېكى
●  كرېدىت كارتىسى
●  كرېدىت
●  [ئىقتىسادىي بىلىمل...
●  ئەمگەك ۋە ئەمگەك ئى...
●  ئەمگەك − بايلىقنىڭ ...
●  زايوم

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئېلان
●  تاشقى پېرېۋوت ۋە تاشقى پ...
●  ئەتكەسچىلىك
●  باج
●  ۋاسىتىچى
●  تاموژنا ۋە تامو ژنا بېجى
●  تاۋار ماركىسى ۋە تاۋار م...
●  خەلقئارا كىرىم - چىقىم
●  ۋەيران بولۇش
●  كىمئارتۇق سودىسى

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى